شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

تالاق بىلەن قەسەم قىلىش ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

   تالاق بىلەن قەسەم قىلىش ھارام بولامدۇ؟، ئەگەر تالاق بىلەن قەسەم قىلسا ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەسەم قىلغان كىشى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن».

   يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھغا شېرىك كەلتۈردى». [بۇ ھەدىس سەھىھ].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئامانەت بىلەن قەسەم قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس».

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاتا-ئانىلىرىڭلار بىلەن، بۇتلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار، سىلەر پەقەت سەمىمى-راستچىل بولغاندا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار». 

    بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمى، ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق نەرسە بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن، كەبە بىلەن، ئامانەت بىلەن، پالانىنىڭ ھاياتى بىلەن، پالانىنىڭ شەرىپى بىلەن دېگەن مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سەھىھ ھەدىسلەر بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

    مەشھۇر ئىمام ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلبەر: ئالىملار ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجماغا (يەنى بىرلىككە) كەلگەنلىكى نەقىل قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئاگاھ قىلىشى كېرەك بولىدۇ. 

   ئەمما تالاق بىلەن قەسەم قىلىش دېگەن ئەمىلىيەتتە قەسەم ئەمەس، بۇنى پىقھى ئالىملىرى قەسەم دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەسەمنىڭ تۈرىدىن ئەمەس، تالاق بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ مەنىسى: تالاقنى  قىزىقتۇرۇش، چەكلەش، تەستىقلاش ياكى يالغانغا چىقىرىش يولىغا ئالاقىدار قىلىپ قويۇش بولۇپ، مەسىلەن بىر كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم ئورنۇمدىن تۇرمايمەن ياكى ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانىغا سۆز قىلمايمەن دېگەن بولسا، بۇ قەسەم دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر: ئورنۇمدىن تۇرۇپ قالسام تالاق بولسۇن ياكى پالانىغا سۆز قىلىپ قالسام  تالاق بولسۇن دېگەن سۆز، سۆز جەھەتتىن يەنى ئۆز ئېچىگە ئالغان قىزىقتۇرۇش، چەكلەش، تەستىقلاش ياكى يالغانغا چىقىرىش جەھەتتىن قەسەم دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش يوق، ئۇ كىشىنىڭ :بۇ ئىشنى قىلمىسام  تالاق بولسۇن ياكى پالانىغا سۆز قىلسام  تالاق بولسۇن دېگەن سۆزىلا خالاس، ئەمما بۇنداق دېيىش توغرا بولمايدۇ.

   ئەگەر پالانىغا سۆز قىلمىسام ماڭا تالاق بولسۇن ياكى ئايالىغا: پالانى جايغا بارمىساڭ ماڭا تالاق بولسۇن ياكى پالانى، پالانى جايغا سەپەر قىلمىساڭ ماڭا تالاق بولسۇن دېگەن بولسا بۇ شەرتلىك تالاق بولۇپ، قەسەم دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ قىزىقتۇرۇش، چەكلەش، تەستىق قىلىش ياكى يالغانغا چىقىرىش جەھەتتىن قەسەمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. توغرىسى؛ بۇنىڭدا، قەسەم قىلغۇچى  ئايالىنى چەكلەشنى ياكى ئۆزىنى چەكلەشنى ياكى باشقىلارنى قەسەم قىلغان ئىشتىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى قەسەمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ.

    بۇ بىزنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ دېگەن سۆزىمىزگە زىت ئەمەس، چۈنكى بۇ بىر ئىش، ئۇ بىر ئىش، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش بولسا:لات بىلەن، ئۇززا بىلەن، پالانى بىلەن، پالانىنىڭ ھاياتلىقى بىلەن دېگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشتۇر، ئەمما تالاق دېگەن بىر ئىشقا ئالاقىدار قىلىپ قويۇش بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ مەنىسىدە ئەمەس، لېكىن ئۇ چەكلەش، تەستىق قىلىش ۋە يالغانغا چىقىرىش جەھەتتىكى مەنادىن قەسەم بولىدۇ.

   ئۇ كىشى: پالانىغا سۆزلىگەندە ئۇنىڭغا تالاق دېسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانىغا سۆز قىلمايمەن دېگەن بولىدۇ، ياكى ئايالىغا قارىتىپ: پالانىغا سۆز قىلساڭ ماڭا تالاق بولسۇن دېسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانىغا سۆز قىلمايسەن دېگەن بولىدۇ، كەمچىللىك يۈز بەرسە ۋە بۇ تالاق بۇزۇلسا، توغرىسى: ئۇ كىشى قەسەمنىڭ كاپارىتى بىلەن قىلغان قەسىمىدىن كاپارەت بېرىدۇ، يەنى سۆز قىلغاندا ا ئايالىنى ياكى ئۆزىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا، تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىشنى چەكلەشنى ياكى ئۆزىنى چەكلەشنى ياكى ئايالىنى مۇشۇ ئىشتىن چەكلەشنى ياكى مۇشۇ سۆزدىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بولسا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بۇ سۆز ئۇ كىشى ئۈچۈن قەسەمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇ توغرا قاراش، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تالاق چۈشىدۇ دېيىلگەن.

    لېكىن بىر قىسىم ئالىملار تالاق چۈشمەيدۇ دېگەن، بۇ توغرا قاراشتۇر، بۇ ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىم ۋە سەلەپلەردىن بولغان بىر جامائەتنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر، چۈنكى ئۇ سۆز ئۈچۈن قىزىقتۇرۇش، چەكلەش، تەستىق قىلىش ياكى يالغانغا چىقىرىش جەھەتتىن قەسەمنىڭ مەنىسى بار، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى قەسەمنىڭ مەنىسى يوق، چۈنكى ئۇ سۆز ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ئەمەس، ھەقىقەتتە ئۇ بىر نەرسىگە ئالاقىدار قىلىپ قويۇشتۇر، مۇشۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ چۈشنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر .

[ھۆرمەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 1-توم 181-183-بەتلەر].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى