جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تاغا ۋە ھاممىسىنىڭ مىراسى توغرىسىدا

سۇئال

دادىنىڭ ئەر ۋە ئايال بىرتۇغقانلىرىنىڭ مىراستىن نەسىبىسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   تاغا دېگەن يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مىراس ئالىدىغان تۇغقانلاردىن بىر نەرسە ئاشسا، تاغا بىرەر سەۋەپ بىلەن مىراس ئېلىشتىن چەكلىنىپ قالمىسا قالغان تەرىكىنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ.

    ئەگەر تاغا يالغۇز بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا مىراس ئالىدىغان ۋارىسلار بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تەرىكىنىڭ ھەممىسىنى تاغا ئالىدۇ.

    ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئوغلى، ئوغلىنىڭ ئوغلى، دادىسى، دادىسنىڭ دادىسى،  بىر تۇغقان قېرىندىشى، بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، دادا بىر قېرىندىشى ، دادا بىر قېرىندىشىنىڭ ئوغلى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاغا مىراس ئېلىشتىن چەكلىنىدۇ.

    بىر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ پەقەت تاغىسىلا بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاغا تەرىكىنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ.

    بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى، قىزى ۋە تاغىسى بولسا، ئايالى مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى، قىزى يېرىمىنى ئالىدۇ، قالغىنىنى تاغىسى ئالىدۇ.

     بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى، ئوغلى ۋە تاغىسى بولسا، ئايالى مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدۇ، ئوغلى قالغىنىنى ئالىدۇ، تاغىسىغا بىرنەرسە كەلمەيدۇ، چۈنكى ئوغۇل بولسا تاغا مىراس ئېلىشتىن چەكلىنىدۇ.

    ئەمما ھاممىنىڭ مىراس ئېلىش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۈچلۈك قاراشتا بەلگىلىمە بويىچە مىراس ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىراس ئالىدىغان يېقىن تۇغقانلار بولمىغان ۋاقىتتا ھاممىغىمۇ مىراس بېرىلىدۇ.

    مەسىلەن: بىر كىشى ۋاپات بولۇپ پەقەت ھاممىسىلا قالغان بولسا، تەرىكىنىڭ ھەممىسىنى ھامما ئالىدۇ.

    بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئايالى، قىزى ۋە ھاممىسى قالغان بولسا، ئايالى مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدۇ، قىزى يېرىمىنى ئالىدۇ، ھاممىسىغا بىر نەرسە تەگمەيدۇ، چۈنكى بەلگىلىمە بىلەن ئالىدىغان ۋارىسلار بولغان ئىكەن ھامما مىراس ئېلىشتىن چەكلىنىدۇ. تەرىكىنىڭ قالغان قىسمى قىزىغا قايتۇرىلىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 85495-130583-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى