مەشىق قىلىش جەريانىدا جانلىق ھايۋانلارنى نىشان قىلىپ قارىغا ئىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال 13658

مەن قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلىش جەريانىدا بىر توشقاننى قارىغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، ئاندىن ئۇنى كۆمىۋەتتىم، بۇ قىلمىشىم ئۈچۈن بەك ئىچىم سىقىلىش ھېس قىلىمەن، شەرىئەتتە مېنىڭ قىلغان بۇ ئىشىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەكسىزكى، سىزنىڭ قىلغان بۇ ئىشىڭىز شەرىئەتتە چەكلەنگەن ھارام ئىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسلىرىدە چەكلىگەن ھايۋاننى ئازابلاشنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال مۇشۇكنى قەپەسگە سولاپ قويۇپ بىر نەرسە بەرمەي ئازابلاپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرگەن، چۈنكى ئۇ ئايال مۈشۈكنى ئەتراپتىن بىر نەرسە تېپىپ يېيىشتىن چەكلەپ باغلاپ قويغان، ئۆزىمۇ قەپەسگە سولاپ قويۇپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك بەرمىگەن« . [بۇخارى رىۋايىتى 2236 -ھەدىس.  مۇسلىم رىۋايىتى2242 -ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىستىن ئۇ ئايالنىڭ مۇشۇ ئاسىيلىق سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرگەنلىكى نامايەندە بولىدۇ".

2-ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەھيا ئىبنى سەئىيدنىڭ قورۇسىغا كىرگەندە، يەھيانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بىر توخۇنى باغلاپ ئوق ئاتىدىغان نىشان قىلىۋالغان ئىكەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بېرىپ توخۇنى باغلاقتىن يېشىۋېتىپ ئاندىن ئۇ بالىنى بىللە ئىلىپ كېرىپ: " بۇ بالىنى جانلىق نەرسىنى قارىغا ئىلىش نىشانى قىلىپ تىكلەشتىن توساڭلار، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات جانلىقلارنى قارىغا ئېلىش نىشانى قىلىپ تىكلەپ ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ" .  [بۇخارى رىۋايىتى 5195 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1958 -ھەدىس].

سەھىھ مۇسلىمدا: «مۇشۇنداق قىلغان كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان «دەپ بايان قىلىنغان.

3-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جانلىق نەرسىلەرنى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلماڭلار« . [مۇسلىم رىۋايىتى 1957 -ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات جانلىقلارنى قارىغا ئېلىش نىشانى قىلىپ تىكلەشتىن چەكلىگەن » دېگەن ھەدىسى ۋە «جانلىق نەرسىلەرنى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلماڭلار «دېگەن بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: " ھايۋانلارنى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلىش دېگەن: جانلىق نەرسىلەرنى ئوق بىلەن ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تىكلەش دېگەنلىكتۇر، تېرە ياكى باشقا نەرسىلەرنى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلغاندەك، ھەدىستە:  «جانلىق نەرسىلەرنى قارىغا ئېتىش نىشانى قىلماڭلار« دېگەن، بۇ چەكلىمە بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشۇنداق قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەنەت قىلغان« دەپ بايان قىلىنغان.  چۈنكى بۇنداق قىلىش ؛ ھايۋاننى ئازابلاپ ئۆلتۈرۈشتۇر، ئۇنىڭ قىممىتىنى زايە قىلىۋېتىشتۇر، ئەگەر ئۇ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلىدىغان ھايۋان بولسا، ئۇنى بوغۇزلاشنى يوق قىلىۋېتىدۇ، ئەگەر بوغۇزلانماي مەنپەئەتلىنىدىغان بولسا ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ.  [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 13 -توم 108 -بەت].

سىزگە زۆرۈر بولغىنى سەمىمىيەت بىلەن مۇشۇ قىلمىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، بۇ خاتالىقىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ كەچۈرىۋېتىشى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشىڭىز كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر.

مەرجەلەر

ھايۋانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android