ئىمتىھاندا بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن كۆز بويامچىلىق قىلىش ھارامدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆز بويامچىلىق قىلغان كىشى مەندىن ئەمەس (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئەمەس)» [مۇسلىم رىۋايىتى 101-ھەدىس].
بۇنداق ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، ئىش كەچكەندىن كىيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ياپقان ئىشنى يېپىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى دۇنيادا ياپقان بولسا، قىيامەت كۆنىدىمۇ ئۇنى ياپىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2590-ھەدىس].
بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادا خاتالىقىغا تەۋبە قىلغۇچىغا بەرگەن خوش بىشارىتى بولۇپ، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇنىڭ خاتالىقىنى ياپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىمۇ مۇشۇ مەنا تەكىتلەنگەن. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولۇپ، مەن ئۇ ئىشلارغا قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ تائالا ئىسلامدا نېسىۋىسى بولغان كىشىنى ئىسلامدا نېسىۋىسى بولمىغان كىشىگە ئوخشاش قىلمايدۇ، ئىسلامنىڭ نېسىۋىسى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ناماز، روزا ۋە زاكاتتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنى قىيامەت كۈنىدە باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاشلاپ قويمايدۇ. يەنى قىيامەتتىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدۇ، بىر كىشى دۇنيادا بىر جامائەتنى ياخشى كۆرىدىكەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنى شۇ جامائەت بىلەن بىرگە قىلىدۇ. تۆتىنچى بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئىشقا قەسەم قىلسام گۇناھكار بولمايمەن. ئاللاھ تائالا دۇنيادا بىر بەندىنىڭ خاتالىقىنى ياپىدىكەن، ئۇ كىشى تەۋبە قىلسا، قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۇ كىشىنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن ياپىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا قىلمايدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 23968-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1387-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىقنى يوشۇرۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ناچار ئىشتىن يىراق بولۇڭلار، شۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن كىشى، ئاللاھنىڭ يېپىشى بىلەن خاتالىقىنى ياپسۇن». [بەيھەقى رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 663-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
سوئال سورىغۇچىغا: ئىمتىھانىدا كۆز بويامچىلىق قىلغان كىشى قىلمىشىغا تەۋبە قىلسۇن، بۇ ئىشنى قايتا تەكرارلىمىسۇن، ئۆزىنى ئاشكارا قىلمىسۇن.
ئەگەر سىز سوئالنىڭ جاۋابىنى ساۋاقدىشىڭىزدىن سورىماستىن ۋە تەلەپ قىلماستىن ئۇنىڭ دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قىلىپ يازغان بولسىڭىز، بۇ كۆز بويامچىلىق ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھ خالىسا سىز تەلەپ قىلماستىن ۋە كۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماستىن ئاڭلاپ يازغىنىڭىزغا گۇناھ بولمايدۇ.
ئەمما سوئالدا بايان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆز بويامچىلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان دۇئاسىغا كەلسەك، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئوقۇتقۇچى دۇئادا ئۆز دائىرىسىدىن چەتنەپ كېتىپتۇ، كۆز بويامچىلىق ئوقۇتقۇچىغا خاس بولغان ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ھەق ئەمەس، بەلكى كۆز بويامچىلىق ئاللاھنىڭ ھەققىدۇر، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىۋېتىشى ياكى ئەپۇ قىلماسلىقىغا ئالاقىدار ئەمەس، ئەگەر ئوقۇتقۇچى دۇئادا: ئاللاھ تائالا كۆز بويامچىلىق قىلغان ئوقۇغۇچىنى كۆز ئالدىدا ئاشكارا قىلىپ بەرگەي دەپ توختىغان بولسا ئېدى، بۇ ئىشنىڭ يولى ئېدى، لېكىن ئۇ دۇئادا مۇشۇنداق ئورۇنلاردا تەلەپ قىلىنىدىغان دائىرىدىن بەك ئۆتۈپ كەتتى، بەلكى ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە كۆز بويامچىلىقتىن چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن.
ئاللاھ تائالا بىزنىڭ، ئۇنىڭ ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغاي.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.