پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

شەبان ئېيىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

شەبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇش توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس ئاڭلىغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەبان ئېيى يىرىملاشقاندا روزا تۇتماڭلار [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3237-ھەدىس. ئىبنى ماجە1651-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 738-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 590-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەدىس شەئبان ئېيىنىڭ يىرىمىدا يەنى ئون ئالتىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئاخىرغىچە روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

    لېكىن شەئبان ئېيىنىڭ يىرىمىدا روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ھەدىس بايان قىلىنغان: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار، پەقەت شۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى بولسا روزا تۇتسا بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى1914-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1082-ھەدىس].

    بۇ ھەدىس روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى ئۈچۈن شەباننىڭ يېرىمىدىن كېيىنمۇ روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنى بىر كىشى دۇشەنبە، پەيشەنبە روزا تۇتۇپ ياكى بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۇن تۇتماي ئادەتلەنگەن بولسا روزا تۇتىدىغان كۈنى شۇنىڭغا توغرا كەلسە روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى1970- مۇسلىم رىۋايىتى1156-ھەدىسلەر].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتاتتى دېگەن سۆزى، شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىدىن ئىلگىرىمۇ روزا تۇتقان كىشىنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىنمۇ روزا تۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى بۇ ھەدىسنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەئبان ئېيىنىڭ ئاۋۋىلىدە روزا تۇتقان ياكى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشىدىن باشقىلارنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ.

    مانا بۇ كۆپچىلىك شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ توغرا قارىشى بولۇپ ھەدىستىكى چەكلىمە تەھرىم(ھارام) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   يەنە بىر قىسىم شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى (رويانىغا ئوخشاش) ھەدىستىكى چەكلىمە ھارامنى ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ. ["ئەل مەجمۇئ" 6-توم 399-400-بەت، "پەتھۇلبارى" 4-توم 129-بەتكە قارالسۇن].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ :ياخشى كىشىلەر باغچىسى 412-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: شەبان ئېيى يىرىم بولغاندىن كېيىن ئاينىڭ ئاۋۋىلىدە ياكى دۇشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشىدىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى باپ.

     كۆپچىلىك ئۆلىمالار شەئباننىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى زەئىپ دەپ قارىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن: شەئباننىڭ يېرىمىدىن كىيىن روزا تۇتۇش ئۆچ كۆرەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: شەئبان ئېيى يىرىم بولغاندىن كېيىنمۇ نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇلار بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسنى زەئىپ دەپ قارىغان، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىبنى مەئىين مۇنكەر دېگەن، (پەتھۇلبارى دىن ئېلىندى)، بەيھەقى ۋە تەھاۋىيمۇ بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەردە بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ھەدىس ئېسىدە تۇتىلىدىغان ھەدىس ئەمەس، بىز ئابدۇرەھمان ئىبنى مەھدىدىن بۇ ھەدىس توغرىسىدا سورىساق، بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس دەپ ماڭا سۆزلەپ بەرمىدى، ئۇ بۇ ھەدىسنى سۆزلەشتىن ساقلىناتتى، ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى ئەلا دېگەن راۋى ئىشەنچىلىك بولۇپ ئۇنىڭ مۇشۇ ھەدىستىن باشقا ھەدىسلىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ.

   ئەلا دېگەن ئەلا ئىبنى ئابدۇرەھمان دېگەن كىشى بولۇپ ئۇ كىشى بۇ ھەدىسنى دادىسىدىن دادىسى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "تەھزىيب ئەسسۈنەن"دە بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن كىشىلەرگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان سەھىھ ھەدىس بولۇپ، ئەلانىڭ بۇ ھەدىسنى يالغۇز رىۋايەت قىلىشى ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ چۈنكى ئەلا دېگەن ئىشەنچىلىك راۋىيدۇر. ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئەلانىڭ دادىسىدىن دادىسىنىڭ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر قانچە ھەدىسلىرىنى كەلتۈرگەن، باشقا ھەدىس توپلاملىرىدىمۇ ئىشەنچىلىك راۋىيلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن يالغۇز رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى كۆپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغان.   يەنە مۇنداق دەيدۇ: بەزىلەر بۇ ھەدىس شەئبان ئېيىدا نەپلە روزا تۇتۇشنى دۇرۇس دېگەن ھەدىسلەرگە زىت كېلىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق، چۈنكى شەباننىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇش دۇرۇس دېيىلگەن ھەدىس شەباننىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ روزا تۇتقان بولسا كېيىنكى يېرىمىدىمۇ روزا تۇتسا بولىدۇ شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئادەت قىلىۋالغان روزىسى بولسا ئاينىڭ كېيىنكى يىرىمىدىمۇ تۇتسا بولىدۇ دېگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ئەلا ئىبنى ئابدۇراھماننىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى بولسا، شەئبان ئېيى كىرگەندىن باشلاپ روزا تۇتمىغان ياكى مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئاينىڭ يېرىمىدىن كېيىن قەستەن روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: شەئبان ئېيى يىرىم بولغاندىن كېيىن روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىس توغرىسىدا سورالغاندا؟ شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىمىز شەيخ ناسىرىددىن ئەلبانى ئېيتقاندەك بۇ ھەدىس سەھىھ، بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: شەئبان ئېيى يىرىم بولغاندىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى باشلاش چەكلەنگەن، ئەمما بۇ ئاينىڭ كۆپ قىسمىدا ياكى ھەممىسىدە روزا تۇتقان كىشى سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ. "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"15-توم 385-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ"سالىھلار گۈلۈستانى"ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى 3-توم 394-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەتتا (شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ)دېگەن ھەدىس سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ يەردىكى چەكلىمە ھاراملىقنى ئىپادىلىمەيدۇ بەلكى ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، بەزى ئۆلىمالارمۇ مۇشۇنداق ھۆكۈم چىقارغان، ئەمما مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر بولسا شەئباننىڭ يېرىمىدىن كېيىنمۇ روزا تۇتسا بولىدۇ".

    جاۋابنىڭ خۇلاسىسى: شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇش ياقتۇرۇلماسلىق ياكى ھاراملىققا ئاساسەن چەكلىنىدۇ، پەقەت ئاي يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتقان بولسا ياكى مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا روزا تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    شەبان ئېيىنىڭ يېرىمىدىن كېيىن روزا تۇتۇشتىن چەكلىنىشتىكى ھىكمەت بولسا، ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتۇپ ئاخىرىدا رامىزان روزىسى تۇتۇشتىن ئاجىزلاپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر.

    بەزىلەر: شەبان ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ روزا تۇتسا بەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ دەيدۇ.

    بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ: شەبان ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ روزا تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن كىشى ئۈچۈن روزىنىڭ مۇشەققىتى ئاز بولىدۇ.

    موللا ئەلى قارى مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى چەكلىمە بولسا: قىزغىنلىق بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىزلاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇممەتكە قىلىنغان رەھمەتتۇر. ئەمما شەئبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتقان كىشى دېگەن: روزا تۇتۇشقا كۆنۈپ كېتىدۇ، روزا تۇتۇش بىلەن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق يوق بولىدۇ". 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى