سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

شەئبان ئېيىدا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلەمدۇ؟

سۇئال

شەئبان ئېيىدا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇش سۈننەتمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتۇش پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ تۈرىدىن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتقانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

     ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شەئبان ئېيىنى رامىزان ئېيىغا ئۇلايتتى يەنى رامىزان روزىسىغا ئۇلايتتى. [ئىمام ئەھمەد(26022)، ئەبۇ داۋۇد(2336)، ئىبنى ماجە(1648) رىۋايەتلىرى].

     ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىلدا رامىزاندىن باشقا ئايدا، بىر ئاي تولۇق روزا تۇتمايتتى، پەقەت شەئبان ئېيىدا روزا تۇتسا، رامىزانغىچە داۋاملاشتۇراتتى دېيىلگەن. [شەيخ ئەلبانىي ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2048- نومۇرلۇق  ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     بۇ ھەدىسنىڭ زاھىر مەناسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىدا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

     ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان روزىسى توغرسىدا سۇئال سورىۋىدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتاتتى، ھەتتا بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئاي تولۇق روزا تۇتىدىكەن دەپ قالاتتۇق، بەزىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلاتتى يەنى روزا تۇتمايتتى، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىكەن دەپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  شەئبان ئېيىدىن باشقا ئايلاردا كۆپرەك روزا تۇتقانلىقىنى بىلمەيمەن. شەئبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتاتتى. شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتاتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 1156-ھەدىس].

     ئەھلى ئىلىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىنى قانداق باغلاپ چۈشۈنۈشتە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالدى: بەزى ئالىملار، ھەدىسنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋاقىتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن دەپ قارايدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى يىلى شەبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتقان بولسا، بەزى يىلى شەئبان ئېيىدا ئاز روزا تۇتقان. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى تاللىغان. [شەيخ بىن باز پەتىۋالار توپلىمى 15- توم 416-بەت قارالسۇن].

      يەنە بەزى ئۆلىمالار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدىن باشقا ئايلاردا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتمىغان دەپ، ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى، شەئبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتقان دېگەن سۆزنى ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە ئاينىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتسا، ئاينىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتتى دەپ ئىپادىلىنىدۇ دېگەن قائىدىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ چۈشەنسە بەرگەن.

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس، ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى: مەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شەئبان ئېيىنى رامىزان ئېيىغا ئۇلايتتى يەنى رامىزان روزىسىغا ئۇلايتتى دېگەن سۆزنى تىخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. يەنى شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتاتتى دېگەن مەنانى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

     ئىمام تىرمىزى ئىبنى مۇبارەكتىن: ئەرەب تىلىدا ئاينىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتسا، ئاينىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتتى دەپ ئىپادىلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى نەقل قىلىدۇ.

     ئىمام تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  كىشىلەرنىڭ شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىمۇ رامىزانغا ئوخشاش پەرز ئىكەن  دەپ چۈشۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بەزى يىلى شەبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتاتتى، بەزى يىلى بولسا شەبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتاتتى.

     ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: دەسلەپكى قاراش توغرىدۇر. يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتمايتتى دېگەن قاراشنى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر كېچىدە قۇرئاننى تولۇق تامام قىلغىنىنى، كېچىنىڭ ھەممىسىدە يەنى تاڭ يورۇغىچە تولۇق ناماز ئوقۇغىنىنى ۋە رامىزاندىن باشقا ئايدا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتقىنىنى بىلمەيمەن سۆزى بىلەن ئىسپاتلايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 746- نومۇرلۇق ھەدىس].

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاندىن باشقا ئايدا بىر ئاي تولۇق روزا تۇتمىغان دېگەن ھەدىسمۇ يۇقىرىقى قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى 1971-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1157-ھەدىس].

     ئىمام سىندىي رەھىمەھۇللاھ ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ: "شەبان ئېيىنىڭ روزىسىنى رامىزانغا ئۇلايتتى دېگەندىن مەقسەت: بۇ ئىككى ئايدا تولۇق روزا تۇتاتتى دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىسنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى شەئبان ئېيىدا تولۇق روزا تۇتتى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۇرۇپ چۈشۈنۈشتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ قىسمىدا روزا تۇتاتتى، بۇ خۇددى شەئباننىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇپ، رامىزانغا ئۇلاشتۇرغانلىقتۇر".

     شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دەپ سورالسا، بۇنىڭغا ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: بۇ سوئالغا بېرىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ، ئىمام نەسائىي ۋە ئىمام ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان، ئىمام ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دەپ قارىغان، ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستۇر.

     ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلە باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدا روزا تۇتقاندەك روزا تۇتمايدىكەنلا؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ رەجەب بىلەن رامىزاننىڭ ئارىسىدىكى بىر ئاي بولۇپ، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىدىن غاپىل قالىدۇ، بۇ ئايدا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە كۆتۈرۈلىدۇ، روزىدارلىق ھالىتىمدە ئەمىلىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە كۆتۈرۈلىشىنى ياخشى كۆرىمەن دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2221-نومۇرلۇق ھەدىسدە كەلتۈرگەن].  

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى