شەنبە 3 زۇل ھەججە 1443 - 2 ئىيۇل 2022
Uygur

جۈمەنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

جۈمە كۈنىدە كۆپ پەزىلەت بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ماڭا مۇشۇ كۈندە ئادا قىلىش مۇمكىن بولىدىغان بەزى سۈننەت ۋە ئەدەپلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.

قىسقىچە جاۋاپ

جۈمە كۈنى پەزىلەتلىك كۈندۇر، بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، جۈمە كۈنىنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئەدەپلىرىدىن: جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىش، كەھەپ سۈرىسىنى ئوقۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاش ۋە ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىش قاتارلىقلار.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

      شۇنداق، جۈمە كۈنى پەزىلەتلىك كۈندۇر، بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

 جۈمە كۈنىنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئەدەپلىرى.

جۈمە كۈنىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەتلەر ۋە ئەدەپلەر كۆپ بولۇپ:

1-جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىش.

      ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»  [سۈرە جۈمە 9-ئايەت].

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ"زادىل مىئاد" ناملىق ئەسىرى 1-توم 376-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "جۈمە نامىزى بولسا ئىسلامدا تەكىتلەنگەن پەرىزلەردىن، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار توپلىشىدىغان چوڭ توپلامدىن بىرىدۇر، جۈمە نامىزىغا توپلىشىش بولسا ھاجىلار ئەرەپات مەيدانىغا توپلىشىدىغان توپلامدىن باشقا بارلىق توپلاردىن كاتتا توپلامدۇر، كىمكى سەل قاراپ جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دىلىغا پېچەت ئورىۋېتىدۇ". ئەبۇ جەئدىل زەمەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى سەل قاراپ-ھورۇنلۇق قىلىپ ئۈچ قېتىم جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دىلىغا پېچەت ئورىۋېتىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1052-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 928-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

      ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ-بۇ ئىككىيلەندىن ئاللاھ رازى بولسۇن- دىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ ئىككەيلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەرنىڭ ياغىچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بىر قىسىم كىشىلەر جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىشنى توختىتىشى كېرەك ياكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىلىغا پېچەت ئورىۋېتىدۇ ئاندىن ئۇلار غاپىللاردىن بولۇپ كېتىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى865-ھەدىس].

2-كۆپ دۇئا قىلىش.

     بۇ كۈندە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا بەندە رەببىگە دۇئا قىلسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىنى بايان قىلىپ: «ئۇ كۈندە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، شۇ ۋاقىتقا مۇۋەپپەق بولغان مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ  ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغان نەرسىسىنى بېرىدۇ دەپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكى قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى 893 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى852-ھەدىس].

3-كەھەپ سۈرىسىنى ئوقۇش.

     ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى جۈمە كۈنىدە كەھەپ سۈرىسىنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتا نۇر بولىدۇ.» [ھاكىم رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەرغىب"نىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە 836-نومۇردا كەلتۈرگەن.

4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاش.

    ئەۋىس ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلدى، يەنە جۈمە كۈنىدە دۇنيادىن كەتتى، جۈمە كۈنىدە سۈر چېلىنىدۇ، جۈمە كۈنىدە ھەممە كىشى ھۇشسىزلىنىدۇ، ئۇ كۈندە ماڭا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاڭلار، سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت سالاملىرىڭلار ماڭا كۆرسىتىلىدۇ، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!سىلى ۋاپات بولۇپ چىرىپ كەتكەن تۇرسىلا، بىزنىڭ يوللىغان دۇرۇت سالاملىرىمىز سىلىگە قانداق كۆرسىتىلىدۇ؟، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زېمىنغا پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسىدىنى چېرىتىشنى ھارام قىلدى-چەكلىدى،» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1047-ھەدىس. ئىبنى قەييىم سەھىھ دەپ، ئۆزىنىڭ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدقا يازغان شەرھى 4/273 كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 925-نومۇردا كەلتۈرگەن].

    ئەۋنىل مەبۇدتا مۇنداق دېگەن: "جۈمە كۈنىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقلارغا خاس بولىشى، جۈمە كۈنى ھەپتىدىكى كۈنلەرنىڭ خوجىسىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇتۇن ئىنسانلارنىڭ خوجىسىدۇر، باشقا كۈنگە قارىغاندا بۇ كۈندە دۇرۇت سالامنى كۆپ يوللاشنىڭ ئالاھىدە پەرقى باردۇر".

    جۈمە كۈنى شۇنداق ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرىئەتتە دەلىل كەلمىگەن بەزى بىر ئىبادەتلەرنى بۇ كۈنگە خاس قىلىۋېلىشىنى چەكلىگەن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىلەر ئارىسىدىن جۈمە كېچىسىنى ئايرىپ ئىبادەتكە خاس قىلىۋالماڭلار، كۈندۈزلەر  ئارىسىدىن جۈمە كۈنىنى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋالماڭلار، ئەمما سىلەرنىڭ ئادەت قىلغان روزا كۈنىڭلارغا توغرا كىلىپ قالسا روزا تۇتساڭلار بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 114-ھەدىس].  

     سەنئانى سۇبۇلۇس سالامدا مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس جۈمە كېچىسىنى مەلۇم بىر ئىبادەتكە ۋە كەھەپ سۈرىسىنى تىلاۋەت قىلىشتىن باشقا ئايرىم سۈرىلەرنى تىلاۋەت قىلىشقا خاس قىلىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر".

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، كېچىلەر ئارىسىدىن جۈمە كېچىسىنى ئايرىم ناماز ئادا قىلىشقا ۋە جۈمە كۈنىنى ئايرىم روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋېلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، ئالىملار بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىدا ئوخشاش قاراشتىدۇر".

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: جۈمە كۈنىنى ئايرىم روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋېلىشىنى چەكلەنگەنلىكىنىڭ ھېكمىتى: جۈمە كۈنى بولسا ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىدىغان، زىكىر قىلىدىغان، ئىبادەتلەردىن: يۇيۇنىدىغان، نامازغا بۇرۇن ھازىر بولۇپ، نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان، خۇتبىنى تىڭشاپ، خۇتبىدىن كېيىن ئاللاھ تائالا نىڭ مۇنۇ ئايىتى بويىچە:  فَإِذَا قُضِيَتْ الصَّلاةُ فَانْتَشَرُوا فِي الأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا  تەرجىمىسى: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار». ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شۇ كۈندە ئادا قىلىش كېرەك بولغان بارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتماسلىق ياخشى بولىدۇ، يەنى بۈ كۈندىكى ئىبادەت ۋە ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ۋەزىپىلەرنى چارچاپ قالماستىن، بوشىشىپ كەتمەستىن جۇشقۇنلۇق، روھلۇق ۋە كۆڭلى ئوچۇق ئادا قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ، بۇ كۈن ھاجىلارنىڭ ئەرەپات مەيدانىدا تۇرغان كۈنىگە ئوخشايدۇ، مۇشۇ ھېكمەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن جۈمە كۈنىدە روزا تۇتماسلىق سۈننەت بولىدۇ، مانا بۇ يالغۇز جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى ھېكمەتنى كۈچلەندۈرىدۇ".

    بەزىلەر: بۈ كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبى: خرىستىئانلار شەنبە كۈنىنى بەك ئۇلۇغلاپ قايمۇقۇپ كەتكەندەك، مۇسۇلمانلارمۇ جۈمە كۈنىنى بەك ئۇلۇغلاپ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش قايمۇقۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەنلىك دەيدۇ، ئەمما بۇ قاراش ئاجىز، چۈنكى بۇ قاراش جۈمە نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەشھۇر ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا زىت كېلىدۇ.

    بەزىلەر: جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەش بولسا ئۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى ۋاجىپ دەپ ئىتىقاد قىلماسلىق ئۈچۈن دەيدۇ، بۇ، دۈشەنبە كۈنى، ئەرەپات كۈنى، ئاشۇرا كۈنى ۋە باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشقا زىت كىلىدىغان ئاجىز قاراش، بۇنداق يىراق بولغان ئېھتىماللىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، توغرىسى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىزدۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى