پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا گەپ قىلىش ياكى ئۇنىڭغا قۇلاق سىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

جۈمە نامىزىغا باردىم، لېكىن ھەر بىر كىشى مەسچىتكە كىرگەندە سالام قىلىپ كېرىدۇ، مەسچىتتىكىلەر ئۇلارنىڭ سالىمىغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ، ھەتتا قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغانلارمۇ سالامغا جاۋاپ بېرىدۇ، خۇتبە باشلانغان ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر كىرىپ سالام بەردى ئىمام پەس ئاۋازدا ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇردى، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

جۈمە نامىزىغا ھازىر بولغان كىشى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا جىم ئولتۇرۇپ خۇتبىگە قۇلاق سىلىشى كېرەك. باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشى ھەتتا سۆز قىلغان كىشىنى جىم تۇرغۇزىشىمۇ توغرا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغان كىشى ئەھمىيەتسىز ئىش قىلغان بولىدۇ. ئەھمىيەتسىز ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان كىشى ئۈچۈن جۈمە نامىزى بولمايدۇ.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا ھەمراھىڭنى جىم تۇر دېسەڭ بىكار ئىش قىلغان بولىسەن. (يەنى جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇسەن).» [بۇخارى رىۋايىتى 892- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 851-ھەدىس].

بۇنىڭدىن سىرت ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا دۇنيا گېپى قىلىش ئەمەس ھەتتا شەرئى مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشمۇ چەكلىنىدۇ.

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەپ بىر ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مەن يېنىمدا ئولتۇرغان ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئى ئۇبەي! بۇ ئايەت قاچان نازىل بولغان؟ دەپ سورىدىم، ئۇ ماڭا جاۋاپ بەرمىدى، مەن يەنە قايتا سورۇدۇم، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنبەردىن چۈشكىچە قەدەر ئۇ ماڭا جاۋاپ بەرمىدى، خۇتبە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇبەي ماڭا: نېمە بولدى ساڭا؟ سەن جۈمەنى بىكار قىلىۋەتتىڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن بىكار بولغاندا، مەن ئۇبەينىڭ دېگەن سۆزلىرىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى خەۋەرلەندۇرسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇبەي توغرا دەپتۇ، ئىمامنىڭ خۇتبە سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭدا ئىمام خۇتبىدىن بىكار بولغىچە جىم تۇرغىن،دېدى. [ئەھمەد رىۋايىتى 20780-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1111 –ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇسەيرىي ۋە شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "تەمامۇل مىننە" ناملىق ئەسەرنىڭ 338-بېتىدە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.

مانا بۇ جۈمە كۈنلۈكتە ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا سۆز قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا تىڭشۇغۇچىنىڭ جىم ئۆلتۇرىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېقلىمدىكى پۈتۈن پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق". ["ئەل ئىستىزكار" ناملىق ئەسەر 5-توم 43-بەت].

بەزى ئالىملار بۇ قاراشقا خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىنى كۈچلاندۈرىدىغان دەلىلى يوق.

ئىبنى رۇشد رەھىمەھۇللاھ خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا جىم تۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا جىم تۇرۇپ ئاڭلاشنى ۋاجىپ ئەمەس دېگەن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ: وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار). [سۈرە ئەئراپ 204-ئايەت. بۇ ئايەتتىكى خىتاب بويىچە قۇرئان كەرىمدىن باشقا سۆزنى جىم تۇرۇپ ئاڭلاش ۋاجىب ئەمەس دەيدۇ، بۇ ئاجىز قاراش بولۇپ، توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. بەلكىم ئۇلارغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن". ["بىدايەتۇل مۇجتەھىد"ناملىق ئەسەر 1-توم 389-بەت].

بۇ مەسىلىدە: زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياج تۈپەيلى ئىمام بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئىمامنىڭ جامائەت بىلەن سۆزلىشىشى ئىستىستا قىلىنىدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە كىشىلەرگە قۇرغاقچىلىق يەتتى، جۈمە كۈنلۈكى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قۇرغاقچىلىقتىن چارۋىلار ھالاك بولۇپ كەتتى، ئائىلە-بالىلار ئاچ قالدى، بىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان بولسىلا دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى، شۇ كۈنى، ئەتىسى، ئۆگۈنى ھەتتا يەنە بىر جۈمە كۈنىگىچە يامغۇر ياغدى، ئۇ كۈنى ھىلىقى سەھرالىق ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتتى، ماللار سۇغا چۆكۈپ كەتتى، بىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى....بۇخارى رىۋايىتى 891-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 897 –ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنلۈكىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەۋاتاتتى، بىر كىشى مەسچىتكە كىرىپ ئولتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن: ئى پالانى ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى: ياق، دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: تۇرغىن، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، دېدى.[بۇخارى رىۋايىتى 888-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 875-ھەدىس].

يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسى بىلەن سۆز قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە، جىم ئولتۇرۇپ تىڭشاشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىگە دەلىل قىلغان كىشىلەر بۇ مەسىلىنى توغرا چۈشەنمىگەن بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرى، ئىمام بىلەن سۆزلەشكەن كىشىگە ياكى ئىمام سۆزلىگەن كىشىگە خاس بولىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ئىش ئۇ كىشىنى خۇتبە ئاڭلاشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىلىقى كىشىدىن: ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا جاۋاپ بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىرگەندە، ئۇنىڭدىن گەپ سورىدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ بەردى، ئۇلار خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىنى توپلاپ، بىر-بىرىگە مۇۋەپپەق قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم ئالغان. باشقىنى ئۇنىڭغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىمامنىڭ خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا قىلغان سۆزى باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدۇ". ["ئەلمۇغنىي" ناملىق ئەسەر 2-توم 85-بەت].

ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش، سالامغا جاۋاپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىسلام ئالىملىرى ئوخشىمىغان كۆزقاراشتا بولغان.

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەسسۈنەن" ناملىق ئەسىرىدە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا ھەمراھىڭغا جىمتۇر دېسەڭ بىكار ئىش قىلغان بولىسەن دېگەن ھەدىسىگە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا، سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش ۋە چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىشكە رۇخسەت قىلغان، بەزى تابىئىنلار ۋە ئىمام شاپىئى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملاربۇ قاراشنى ياخشى كۆرمىگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى 8/242- پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىسلام ئالىملىرىنىڭ توغرا قارىشى بويىچە جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسى سۆز بولۇپ، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بويىچە ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش ۋە چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش چەكلىنىدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خۇتبە سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتا سالام بېرىلىشى توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن كىشىنىڭ باشقىلارغا سالام قىلىشى چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەكسالامغا جاۋاپ قايتۇرۇشمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ." [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى 16-توم 100-بەت].

شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەمراھىغا جىم تۇر دېگەن كىشىنىڭ سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىكار سۆز ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى جىم تۇر دېگەن سۆز ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ تۈرىگە كىرىدىغان تۇرۇغلۇق، خۇتبە ئارىسىدا باشقىلارنى جىم تۇر دېيىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرا بولمايدىغان بىكار سۆز يەنى جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى كەتكۈزىدىغان سۆز دېدى، چۈنكى بۇ مۇھىمنى كۈچلاندۇرۇش تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا ۋەز-نەسىھەتكەجىم تۇرغۇزۇش مۇھىمدۇر، بۇمۇ خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا ياخشىلىققا بۇيرۇشتۇر، ئىش شۇنداق بولىدىكەن، ياخشىلىققا بۇيرۇشنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ ھۆكمى ياخشىلىققا بۇيرۇشنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەرىجىدە بۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشلارنى چەكلەشنىڭ ئۆزى ئەڭ مۇھىمدۇر، چۈنكى ئۇ شەرئى تەرەپتىن لەغۋى(بىكار)دەپ ئاتىلىدۇ". ["مەنپەئەتلىك جاۋاپلار" ناملىق ئەسەر 45-بەت].

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: جۈمە نامىزىغا ھازىر بولغان كىشىنىڭ ئىمامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىشى زۆرۈر، ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا سۆز قىلىشى توغرا بولمايدۇ. پەقەت بەزى ئايرىۋېلىنغان دەلىللەر بويىچە، ئىمام بىلەن سۆزلىشىش ياكى ئىمامغا جاۋاپ بېرىش ياكى كۆزى ئەما كىشىنىڭ ئورەككە چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا ئوخشىغان ئىشلاردا ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۆز قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئىمامغا سالام بېرىش ۋە ئىمامنىڭ سالامغا جاۋاپ بېرىشى چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىمام بىلەن سۆزلىشىش ئىشىدا، زۆرۈر ھاجەت ياكى مۇھىم ئىش بولسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما خۇتبە سۆزلىنىۋاتقاندا سالام بېرىش ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش بولسا زۆرۈر ۋە ئېھتىياجلىق ئىشلاردىن ھېسابلانمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا ئىمامنىڭ باشقىلارغا زۆرۈر بولمىغان سۆزلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ،پەقەت نامازغا ئالاقىدار بولغان سۆزلەرنى ياكى زۆرۈر بولغان ياخشى سۆزنى قىلسا بولىدۇ. ئېھتىياج بولسا ئۇ ۋاقىتتا سۆز قىلىش ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ. ئېھتىياجنىڭ جۈملىسىدىن: خۇتبە تىڭشاۋاتقان كىشىگە ئىمام سۆزلەۋاتقان بەزى جۈملە مەخپى ياكى چۈشۈنىكسىز بولۇپ قالسا، بۇنى سورىسا بولىدۇ. يەنە ئىمام ئايەتنى مەناسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ھالەتتە خاتا ئوقۇسا ياكى مەناغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جۈملىنى چۈشۈرۈپ قويسا ئۇ ۋاقىتتا سۆز قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. مەسلىھەت ئۈچۈن سۆز قىلىش بولسا ھاجەت ئۈچۈن سۆز قىلىشتىن تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، مىكرىپۇن بۇزۇلۇپ ئاۋاز ئاڭلانمىغان بولسا، ئىمام مىكرىپۇن ئوڭشايدىغان كىشىگە: "مىكرىپۇنغا قاراپ بېقىڭ، نېمە بولۇپتۇ؟ دېگەندەك سۆزلەردىن ئىبارەت".

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى