ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گەپ ئاڭلىمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىشى توغرىسىدا

سوئال 140463

سوئالىمنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن، ئەمما مەسىلە ناھايىتى جىددىي ۋە خەتەرلىك.  ئۈمىد قىلىمەنكى، سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشىغايسىلەر.  مەن مەسچىت ئىچىدىكى ئىسلام باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيمەن، 10 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارغا دەرس بېرىمەن.  مېنىڭ سوئالىم مۇنداق:  مەن ئۇلارغا ھەدىس، ئەخلاق دەرسلىرى ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆگەتكەندە، ئۇلار ئاڭلىشىپ خۇشال بولىدۇ، ئەمما مەن ئۇلاردىن ئۈمىد قىلغان نەتىجىنى كۆرمىدىم. مەسىلەن، مەن ئۇلارنىڭ سۇنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ۋە ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىش توغرىسىدا سۆزلەنگەن ھەدىسنى بىلسىمۇ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرغىنىنى كۆرمىدىم. شۇنداقتىمۇ، مەن ئۇلارغا بۇ ھەدىسنى ئېيتىپ ئەسلىتىپ قويسام، ئاندىن ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىشنى ۋە مېنىڭ ئۆگەتكەنلىرىمنى ئۇيغۇنلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا نېمە قىلىشنى بىلمەيمەن.  مەن بەزى مۇھىم تېمىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە  قىينالغان بولۇشى مۇمكىن.  بەزىدە مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكى دەپ قارايمەن.  مەن ئۇلارنىڭ دىننى مەن سۆيگەندەك سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا بەزى بالىلارنىڭ دۆلەت مەكتەپلىرىدىن كەلگەنلىكىنى، ئىسلام مۇھىتىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن يېڭى ئىكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالىمەن،

بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىشنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن، بۇنى ئۇلارغا قەدەممۇ-قەدەم ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئورۇنلىرى قايسى؟ قانداق قىلغاندا، ئۇلارغا دىننى جەلپ قىلارلىق قىلىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەندۈرەلەيمەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىز، سىزنىڭ  ئوقۇتقۇچى، يېتەكچى ۋە دەۋەتچى سۈپىتىدە مەسئۇلىيىتىڭىزنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلغانلىقىڭىزنى نامايان قىلىدۇ.  بىز ئۇلۇغ ئاللاھدىن سىزگە، پىداكارلىقىڭىزغا ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمىز.

مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئۆزىگە ئامانەت قويۇلغان  ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش ۋە نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە پايدىلىق بولغان ئىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سۇئال قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 853-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].

ئەگەر مەكتەپتىكى ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلار سىزنىڭ ئەندىشىلىرىڭىز ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىڭىزنى، شۇنداقلا بۇ ئالىيجاناب ئارزۇيىڭىزنى ئورتاقلاشقان بولسا ئىدى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن  سالىھ ئەۋلاد ۋە ياخشى ئۇرۇقلار يېتىشىپ چىققان بولاتتى.

ئىككىنچى، مۇسۇلمان دېگەن:  ئۆگىتىش، نەسىھەت قىلىش ۋە يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىدە، ئەمما ئۇ نەتىجىگە ياكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇلغانلىقىدىن مەسئۇل ئەمەس. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا عَلَى الرَّسُولِ إِلا الْبَلاغُ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتۇر». [سۈرە مائىدە 99 -ئايەت].

دەۋەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىشى ۋە سانىنىڭ زىيادە بولىشى بىلەن بولمايدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەمھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا بارلىق ئۈممەت ۋە پەيغەمبەرلەر كۆرسىتىلدى، بەزى پەيغەمبەر بىلەن نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بىر ئۆتتى، بەزى پەيغەمبەرنىڭ بىرمۇ ئەگەشكۈچىسى يوق ھالدا ئۆتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 5378 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 220-ھەدىس].

دەۋەت قىلىنغانلارنىڭ دەۋەتچىنىڭ دېگەنلىرىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى دەۋەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ياكى چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەزى سۆز، جۈملە ياكى نەسىھەتنىڭ تەسىرى كېيىن بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ دەۋەت قۇياش بىلەن ئاي نۇرچاچقان جايلارنىڭ ھەممىسىگە يېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ دىننى ھەر قانداق ئايۋان-ساراي ۋە چېدىر-كەپىلەرگە ئەزىرلەرنى ئىززەتلەپ، خارلارنى خار قىلىپ كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىسلام بىلەن ئەزىز قىلغان كىشى ئىززەتلىك، كۇپۇر بىلەن خار قىلغان كىشى خاردۇر». [ئمام ئەھمەد رىۋايىتى 28 -توم 155-بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ  ھەدىسلەر توپلىمى"دا(3)كەلتۈرگەن].

ئەمما بۇ ئەھۋاللارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا كۆرمىدى.

دەۋەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى ئۈچۈن، قىلغان دەۋەتنىڭ نەتىجىسىنى بىۋاستە كۆرۈش زۆرۈر ئەمەس.

بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلىرىغا نەسىھەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

ئا-ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا كۈچلۈك ئالاقە بولۇش ناھايىتى مۇھىم.  ئەگەر مەكتەپ ياخشى تەربىيلەپ ئائىلە بۇزسا، ياكى ئەكسىچە ئائىلە ياخشى تەربىيلەپ مەكتەپ بۇزسا، بىز ئۈمىد قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز.  شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلىش ناھايىتى مۇھىم.  مەسىلەن، ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ناماز ئوقۇشقا ئۈندىسە، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنى  كۆزىتىپ، ئۇلارغا ناماز ۋاقىتلىرىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ئوقۇتقۇچى بالىنى «بىسمىللاھ»  (ئاللاھنىڭ نامى بىلەن) دېيىش ۋە ئوڭ قولدا تاماق يېيىش قاتارلىق توغرا شەكىلدىكى، داستىخان ئادىتىگە رىئايە قىلىشقا ئۈندىسە، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك.  باشقا ئەخلاق ۋە ھۆكۈملەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.

ب- ئىمانغا ئاساسلانغان تەربىيەگە مەركەزلەشتۇرۇش ۋە بالىنىڭ دىنىي-ئىمانى ئېڭىنى كۈچەيتىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. 22950 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ج-ھېكايە -ۋەقەلىك سۆزلەش ئارقىلىق تەربىيە بېرىش، بالىلاردا پەيغەمبەرلەرگە، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرگە بولغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى بۇ ئۈلگىلەرگە ئەگىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، مانا بۇ، ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.

د-ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق تەربىيە بېرىش:  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا راستچىل، ئىشەنچلىك، مەنتىقىلىق ۋە ياخشى ئەخلاقلىق سۈپىتىدە كۆرۈنسە، بۇ ئۇلارغا چوڭقۇر ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يالغان سۆزلىگەندە ياكى ئۇلارغا ۋەدە بېرىپ ئەمەل قىلمىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ راستچىل بولۇشقا ۋە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا بولغان ئىلھاملاندۇرىشىنى قانداق قوبۇل قىلالايدۇ؟!.

ھ- ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىش:  ئۇلارنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇش ۋە تاھارەت ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ئىبادەت قىلىش ئادەتلىرى ۋە ھەيئەتلىرىنى سىڭدۈرىدۇ.

ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قەلبىگە سىڭدۈرۈشتە باشلىشى كېرەك بولغان تۇنجى ئىش:

1- ئىماننىڭ ئاساسلىرى:  ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە ياخشى ۋە يامان تەقدىرگە ئىشىنىش. بۇنى ئۇلار چۈشىنىدىغان شەكىلدە، مىساللار ۋە تەكرارلاش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.

2-ناماز ۋە تاھارەت قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر، شۇنداقلا تاھارەتنىڭ ئەدەبلىرى ۋە پاكىزلىققا رىغبەتلەندۇرۇش.

3-ئومۇمىي ئەدەپ-ئەخلاق:  بۇنىڭ ئىچىگە ياخشى -چىرايلىق سۆزلەش ۋە ناچار-يامان سۆزلەردىن ساقلىنىش، ئاتا-ئانىنى سۆيۈشنى ياخشى كۆرۈش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، دوستلارغا مېھرىبان بولۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ.

4-باشقىلارغا لەنەت ئوقۇش، ھاقارەتلەش، يالغان سۆزلەش ۋە باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش.

تەربىيەچىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەر-خىسلەتلەر سەۋرچانلىق، قەيسەرلىك ۋە ۋاز كەچمەسلىكتۇر.

بىز ئاللاھدىن سىزگە ياردەم بېرىشنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، تىرىشچانلىقىڭىز ۋە پىداكارلىقىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بېرىشنى تىلەيمىز.

ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى بىلىدۇ.

مەرجەلەر

ئىلىم ئۈگەنگۈچىنىڭ ئەدەپلىرى
پەرزەنتلەر تەربىيسى
پىسخولۇگىيە ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android