خانىم-قىزلار: ئالتۇن، كۈمۈش، ئالماستىن، زۇمرۇد، ياقۇت، ۋە ئەقىققا ئوخشاش ئېسىل تاشتىن ياكى تۆمۈر ياكى خالىغان نەرسىدىن ياسالغان ئۈزۈكلەرنى سالسا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئاياللار ئۈچۈن دۇرۇس بولۇپ، بۇنى چەكلەيدىغانغا ھېچ بىر دەلىل كەلمىگەن.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"خانىم-قىزلار ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈشتىن بولغان زىبۇزىننەتلەر ۋە ئادەتتە ئاياللار تاقايدىغان بىلەيزۈك، پۇتىغا سالىدىغان خالخال، زېرە، ھالقا، بوينىغا سالىدىغان زەنجىر، گۇلاپكا، قاتارلىق بارلىق تۈردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش دۇرۇس بولىدۇ". ئەل مۇغنى 2 -توم 324 -بەت.
بۇنىڭدا ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك شەرت قىلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭ مەزھەپتىكى ئالىملار: ئەگەر ئېنىق ئىسراپچىلىق بولمىغان شارائىتتا خانىم-قىزلارغا ھەر قانداق تۈردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇرۇس بولىدۇ. [" ئەل مەجمۇ 5 -توم 523 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.