ئايالىنىڭ ئۆزى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى لېكىن ئۇ ئەر بىلەن خالى ئورۇندا بىرگە تۇرغان بولسىمۇ بىر ياستۇققا كەلمەي تالاق قىلىۋىتىلگەنلىكى ئاشكارا بولسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سوئال 145518

توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىمنىڭ ئىلگىرى بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ، بىر قانچە قېتىم خالى جايدا قالغان بولسىمۇ بىر ياستۇققا باش قويماستىن تالاق قېلىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدىم، ھازىر بىز توي قىلىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن بۇ سۆز ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلارنىڭ تالاق تەلەپ قىلىشى بىلەن بۇ ئىش ئاخىرلاشتى، ئۇلار مەن بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئايال نىكاھتىن كېيىن يولدىشى بىلەن خالى قالغاندىن كېيىن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنغان بولسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئايال قىز ھالىتىدە بولىدۇ ۋە قىزلارغا ئوخشاش تويى بولىدۇ. بۇ مەسىلىگە پىقھى ئالىملىرىدىن بولغان بىر جامائەت دەلىل بايان قىلغان.

"دۇرەرۇل ئەھكام" 1-توم 336-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر ئايال نىكاھتىن كېيىن يولدىشى بىلەن خالى ئورۇندا قالغاندىن كېيىن، تالاق قىلىنسا ئۆزىنىڭ قىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ ياكى بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىنسا قىزلارغا ئوخشاش تويى قىلىنىدۇ گەرچە ئۇ ئايالغا ئىددەت تۇتۇش ۋاجىپ بولغاندىمۇ، چۈنكى ئۇ ئايال ھەقىقەتتە قىزدۇر، ئۇ ئايالدا قىزلاردەك ھايا تېپىلىدۇ".

"پەتىۋا ھىندىيە" 1-توم 306-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى: بەزى ھۆكۈملەردە ئايالنىڭ نىكاھتىن كېيىن يولدىشى بىلەن خالى ئورۇندا قالغانلىقىنى بىرگە بولۇشنىڭ ئورنىدا تۇرغۇزدى.....قىزلىقنىڭ يوقىلىشى ھەققىدە خالى قالغانلىق بىر ئورۇندا بىرگە بولغاننىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ، ھەتتا خالى قالسىمۇ ئاندىن تالاق قىلىنغان بولسا، قىزلاردەك تويى قېلىنىدۇ".

شۇنىڭغا ئوخشاش ساۋىينىڭ"بىلۇغەتىس سالىك" ناملىق ئەسىرى 4-توم 354-بەتتە، "ئەلئىنساپ"8-توم 284-بەتتە مۇنداق كەلگەن.

ئاراڭلاردىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى: ئۇلار مېنى مۇشۇ نىكاھتا ئالدىدى دەپ قارىغان بولسىڭىز، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا شەرئى مەھكىمىگە مۇراجىئەت قىلىڭ.

ئىككىنچى: ئەر كىشىدىن ھېچ كەمچىللىك ئۆتمىسە، ئايال تالاق تەلەپ قىلغان بولسا، بۇ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان بولىدۇ، ئەر كىشى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىشنى رەت قىلغان بولسا، ئايالى بىلەن خۇلئىي قىلىشقان بولسا، ئايال ئەر كىشى بەرگەن تويلۇق مېھرىنى ئەرگە قايتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن26647- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تالاق

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android