بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدۇ، بويسۇنىدۇ، رەت قىلمايدۇ، قارشى تۇرمايدۇ، بۇ مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولغان ئىشلاردۇر، گەرچە كۆڭلىدە بەزى ئىشنى ياقتۇرمىسىمۇ بۇنىڭ زىيىنى بولمايدۇ، گەرچە ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ، قوبۇل قىلىپ ئۇرۇشقا چىقسىمۇ نەپسىنىڭ ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرگەنلىكىگە ئوخشاش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَكُمْ وَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَعَسَى أَنْ تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَكُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار». [سۈرە بەقەرە 216 -ئايەت. ]
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش: ئايالنىڭمۇ ئۆزىنىڭ كۈندىشىنى ياقتۇرماسلىقى تەبىئى ئىشتۇر، چۈنكى كۈندىشى ئۇ ئايالدىن ئېرىنى تارتىۋالىدۇ، لېكىن ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرۈش بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇرۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى ئۆچ كۆرۈشنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار، ئۆزىنىڭ كۈندىشىنى ئۆچ كۆرگەن بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىق قىلىدىغان دىن قىلىپ كۆپ ئاياللىق بولۇش پرىنسىپىنى يولغا قويغانلىقىنى ئۆچ كۆرۈشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، گەرچە پەرز قىلىغان ئىشنى قىلىش نەپسىگە قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك ياقتۇرۇلمايدىغان بولسىمۇ، بەندىنىڭ ئىمانى مۇكەممەل بولغانسېرى ئۇ ئىشلار تەبىئىيكى ياخشى كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، خۇددى ئۇ كىشىگە شەرىئەت ياخشى كۆرۈلگەندەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللار بولسا ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان دىننى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆچ كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” رازى بولغانلىقىنىڭ شەرتلىرىدىن دەرد-ئەلەم چەكمەسلىك ۋە ياقتۇرماسلىق ئەمەس بەلكى ھۆكۈمگە قارشى چىقماسلىق، ھۆكۈمنى ئۆچ كۆرمەسلىكتۇر، نۇرغۇن كىشىلەر رازى بولۇش بىلەن ياقتۇرماسلىقنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭغا تەنە قىلىپ: بۇ ئىنسان تەبىئىتىدە چەكلىنىدۇ، بۇ پەقەت سەبىرچانلىقتۇر، ئۇنداق بولمىسا بىر-بىرىگە زىت بولغان رازىلىق بىلەن ئۆچ كۆرۈش قانداقمۇ جۇغلىشىدۇ دەيدۇ.
توغرا ئىش: بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھېچ زىتلىق يوق، گەرچە كۆڭلىدە ئەلەم ۋە ياقتۇرماسلىق تېپىلسىمۇ، بۇ رازىلىققا زىت كەلمەيدۇ، بۇ خۇددى كېسەلنىڭ دورىغا رازى بولۇپ، ئۇنى ياقتۇرماسلىق بىلەن ئېچكىنىدەك، روزىدارنىڭ قاتتىق ئېسسىق كۈندە جاپا-مۇشەققەت تارتىپ روزا تۇتۇشقا رازى بولغىنىدەك، مۇجاھىدنىڭ جىھادتا ئۇچرايدىغان جاراھەت، ئۆلۈمنى بىلىپ تۇرۇپ رازىلىقى بىلەن جىھادقا چىققىنىدەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلاردۇر”. [ “مەدارىجۇس سالىكىين” 2 -توم 175 -بەت.]
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىشنى روشەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ «ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر» دېگەن سۆزىدىكى ياقتۇرماسلىق دېگەن سىلەرگە ئۆچ كۆرۈنگۈچى دېگەن بولىدۇ، يەنە تالاق سۈرىسىدىكى: «ئەگەر ئۇلار ھامىلدار بولسا» دېگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلسا ئۇنىڭ ئىشى رەت قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئوخشاش.
«ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر» دېگەن سۆزدىكى ياقتۇرمايدىغان نەرسە پەرز قىلىنىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇشتۇر، مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە پەرز قىلغان ئىشنى ئۆچ كۆرمەيدۇ، پەقەت ئىنسانلىق تەبىئىتى بىلەن ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرىدۇ، بۇ يەردە: بىز ئاللاھ بىزگە پەرز قىلغان ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرۈمىز دېگەن سۆز بىلەن، بىز ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرۈمىز دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار، ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرۈش تەبىئى ئىش، ئىنسان كىشىلەرنىڭ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈككە ئايلىنىپ قىلىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇرۇش ئاللاھ تائالا قىلىشنى بىزگە پەرز قىلغان ئۇرۇش بولسا، بىر تەرەپتىن بۇ ئۇرۇش بىزگە ياخشى كۆرۈنگۈچى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆچ كۆرۈنگۈچى بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە پەرز قىلغانلىقى تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈنگۈچى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇرۇشقا چىقىشقا چىڭ تۇراتتى، گەرچە نەپسى ئۇرۇشنى ياقتۇرمىسىمۇ خۇددى بىزنىڭ نەپسىمىزگە ئوخشاش.
ئاندىن ئايەتتىكى پايدىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ” ئىنسان ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئىشنى ئۆچ كۆرسە بولىدۇ ئەمما شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقى تەرەپتىن ئۆچ كۆرسە بولمايدۇ، ئىنسانلىق تەبىئىتى تەرىپىدىن ئۆچ كۆرسە بولىدۇ، شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقى تەرەپتىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ كۆڭلىنى خۇرسەن تۇتۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.” ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ “قۇرئاننىڭ تەپسىرى”دىن ئېلىندى.
يەنە بىر ئورۇندا مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر» دېگەن سۆزدىكى ياقتۇرمايدىغان نەرسە پەرز قىلىنىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇشتۇر، چۈنكى ساھابىلارنىڭ -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئاللاھنىڭ پەرىز قىلغان ئىشىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئىنسانلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئۇرۇشنى ياقتۇرمايتتى. ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ياقتۇرماسلىقى بىلەن ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان ئىشنى ياقتۇرماسلىقى ئارىسىدا زور پەرق بار”. [ “شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن ئەسەرلىرى ” 2 -توم 438 -بەت. ]
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۆمىن ئاياللارغا ئاللاھنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇش پرىنسىپىغا رازى بولىشى، ئۇنىڭدا چوڭقۇر ھېكمەت ۋە ياخشىلىقلار بار دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېرەك بولىدۇ. گەرچە كۆڭلىدە ئۆزىگە كۈندەشنىڭ بولىشىنى ئۆچ كۆرسىمۇ بۇ خۇددى ئىنساننىڭ ئۇرۇشنى ئۆچ كۆرۈشى، ئەتتىگەندە بامدات نامىزى ئۈچۈن راھەتلىك ئورنىدىن تۇرۇپ سوغۇق سۇدا تاھارەت ئېلىشنى ياقتۇرمىغانلىقىغا، قاتتىق ئىسسىقتا روزا تۇتقانلىقىغا، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىق بولغان ئىشلارغا ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن بەندە بۇنىڭغا ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇش، شەرىئىتىگە بويسۇنۇش بىلەن ئىتائەت قىلىشى كېرەك، بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىس: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان قىيىن ئىشلار بىلەن ئورالغان، دوزاخ بولسا كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان» . [بۇخارى رىۋايىتى6487 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى رىۋايىتى2823-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: ” ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىگە ئىبادەتكە تىرىشچانلىق قىلىش، ۋاقتىدا ئادا قىلىش، قىيىنچىلىقلارغا سەۋرى قىلىش، ئاچچىقىنى يۇتۇش، ئەپۇچان بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، راستچىل-سەمىمىي بولۇش، ناچارلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش، نەپسى شەھۋەتلىرىگە سەۋرى قىلىش قاتارلىق ئىشلار كېرىدۇ.
بۇنىڭ مىسالى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدىغان، دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويايمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى!ئەلۋەتتە باشلاپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:ياقتۇرمايدىغان ۋاقىتلاردىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسچىتكە يىراقتىن بولسىمۇ مېڭىپ كېلىش، نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر نامازنى كۈتۈش، ئاشۇ سىلەرنىڭ باغلانچىڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى 251 -ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ياقتۇرماسلىق قاتتىق سوغۇق ۋە بەدەنگە ئاغرىق يىتىش قاتارلىق ئىشلاردا بولىدۇ”.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.