ۋاپات بولغان كىشىنىڭ سۈرىتىنى تىلىپۇننىڭ كەينىگە قويىۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

2

سوئال 148535

ۋاپات بولغان كىشىنىڭ سۈرىتىنى تىلىپۇننىڭ كەينىگە ياكى ماسىنجىرغا قويۇۋېلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

تىلېفۇن، كومپىيۇتۇرلارغا قويۇلغان سۈرەتلەر، ۋېدىيۇ قىلغان سۈرەتلەر، داۋاملىق تۇرۇپ قالىدىغان بولمىغانلىقى ئۈچۈن  تارتىلغان سۈرەتنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ، پەقەت ئۇنى سۈرەت قىلىپ چىقارسا، ئاندىن سۈرەتنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق سۈرەتلەر ھارام نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمىغان بولسا ياكى ئاياللارنىڭ سۈرىتى بولمىسا، ئۇنى تىلېفۇندا ساقلىسا بولىدۇ. 10326- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

لېكىن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ سۈرىتىنى تىلېفۇن ياكى ماسىنجىرغا قويۇش لايىق بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قايغۇنى يېڭىلاشقا چاقىرىدۇ ياكى ۋاپات بولغۇچى مۇئەللىم ياكى تەربىيىچى بولۇپ قالسا ئۇنى بەك ئۇلۇغلاشقا ئېلىپ بارىدۇ، ھەر ھالدا بۇ ئېتىبارسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ چۈنكى تىلېفۇننى ئوڭغا ياكى سولغا تاشلايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا كېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ سۈرىتىنى تىلېفۇن ئىكرانىغا چىقارمىغان ياخشىدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

سۈرەت ۋە سۈرەتچىلىك

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play