پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنلىرىدە ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەرنىڭ تۈرى

سۇئال

قۇربان ھېيت كۈنىدە كىشىلەر بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېتىدۇ: (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋە لىللاھىل ھەمدۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەل ھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ، سەدەقە ۋەئدەھۇ، ۋەنەسەرە ئەبدەھۇ، ۋە ئەئەززە جۇندەھۇ، ۋەھەزەمەل ئەھزابە ۋەھدەھۇ، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەلا نەئبۇدۇ ئىللا ئىيياھۇ مۇخلىسىينە لۇھۇددىينە ۋەلەۋ كەرىھەل كاپىرۇن) كىشىلەر بۇ تەكبىرنى ھېيت نامىزىدا ۋە نامازدىن كېيىن مەسچىتلەردە تەكرارلايدۇ، بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش توغرىمۇ؟، ئەگەر خاتا بولسا، توغرىسى قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ھېيت نامىزىدا بۇ شەكىلدە: (ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ) دەپتەكبىر ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇ ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىسپاتلانغان. ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسۇن ياكى ئىككى قېتىم دېسۇن ئوخشاش. [ئىبنى ئەبى شەيبىنىڭ"ئەلمۇسەننىپ" ناملىقئەسىرى 2-توم 165-168-بەت". "ئىرۋائۇل غەلىيل 3-توم 125-بەت].

ئەمما:(ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا...) بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەربۇ تەكبىرگە، (ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا)بۇنى قېتىپ ئېيتسا (ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلا نەئبۇدۇ ئىللا ئىيياھۇ مۇخلىسىينە لۇھۇددىينە ۋەلەۋ كەرىھەل كاپىرۇن، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ، سەدەقە ۋەئدەھۇ، ۋەنەسەرە ئەبدەھۇ، ۋەھەزەمەل ئەھزابە ۋەھدەھۇ،لائىلاھە ئىللەللاھۇۋاللاھۇ ئەكبەر)ياخشى بولىدۇ. ["ئەلئۇم"1-توم 241-بەت].

ئەبۇ ئىسھاق شىيرازى "ئەلمۇھەززەب"ناملىقئەسەر 1-توم 121-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:"يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەكبىرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساپا تېغىدا ئېيتقان".

بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار، چۈنكى بۇيرۇق مۇتلەق تەكبىر ئېيتىش بولۇپ، تەكبىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەلۇم تۈرۋەشەكىلنى خاسلاشتۇرمىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾تەرجىمىسى: سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرەبەقەرە 185-ئايەت]. تەكبىر قايسى شەكىلدە ئېيتىلسا سۈننەت ھاسىل بولىدۇ.

ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەكبىرنىڭ تۈرلىرى-سۈپەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەن، بۇنى كۆپچىلىك ئالىملار ياخشى دەپ قارىغان. ئايەتنىڭ مۇتلەق بايانى ۋە ئالىملارنىڭ كەڭ دائىرلىك قارىشى بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ".["سۇبۇلۇس سالام"ناملىق ئەسەر 2-توم 72-بەت].

ئىبنى ھەبىيب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەكبىرلەردىن مەن بەك ياقتۇرىدىغىنىم بۇ تەكبىر:(ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمدۇ ئەلا ما ھەدانا،ئاللاھۇممە ئىجئەلنا لەكە مىنەششاكىرىين).

ئەسبەغ رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭغا تۆۋەندىكى شەكىلنى زىيادە قىلاتتى: ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا، ۋەسۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا، ۋەلاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ. ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق دېگەن ياكى كام دېگىن ياكى باشقا شەكىللەرنى دېگىن بۇلارنىڭ ھېچ پەرقى يوق دەيتتى. ["ئەقدۇل جەۋاھىرىل ئەسسەمىينە"ناملىقئەسەر3-توم 245-بەت].

سەھنۇن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ئىبنى قاسىمغا مۇنداق دېدىم: ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ سىلەرگە تەكبىرنى قايسى شەكىلدە ئېيتىشنى بايان قىلدىمۇ؟دېسەم، ئۇ: ياق، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ بۇنداق مەسىلىلەردە بەلگىلىمە بېكىتمەيدۇ، دېدى. ["ئەل مۇدەۋۋىنە" 1-توم 245-بەت].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار.

ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئالىملىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئوچۇق قارىشى بويىچە مۇتلەق تەكبىر ئېيتىشنى تاللىدى، مەنمۇ شۇ قاراشقا مايىل بولدۇم. ["ئەلجامىئ لى ئەھكامىل قۇرئان"ناملىقئەسەر2-توم 307-بەت].

سەلەپ ئالىملىرىدىن ئىسپاتلانغان ھېيت كۈنىلىرىدىكى تەكبىرنىڭ تۈرلىرى: (ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمد، ئاللاھۇئەكبەر ۋە ئەجەللۇ، ئاللاھۇئەكبەر ئەلا ما ھەدانا). بۇ شەكىلنى ئىمام بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ كىتابىنىڭ 3-توم 315-بەتتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "ئىرۋائۇل غەلىيل"ناملىقئەسەر 3-توم 126-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەكبىرنىڭ ئەڭ توغرا شەكىلدە بايان قىلىنغان تۈرى: ئابدۇرەززاق رەھىمەھۇللاھ توغرا ئىسناد بىلەن سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن كەلتۈرگەن بۇ تۈرىدۇر. سالمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار: "ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر كەبىيرا."[پەتھۇلبارى ناملىقئەسەر2-توم 462-بەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بايان قىلىنغان تۈرلەر بويىچە تەكبىر ئېيتىش ئەڭ ياخشىدۇر.

بۇھەقتەتېخىمۇتەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 36442- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىنياخشىبىلگۈچىئاللاھتائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار