پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاياللارغا بىرىنچى قېتىم ۋە ئىككىنچى قېتىم قاراش توغرىسىدا

سۇئال

   ئاياللارغا قاراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئاياللاردىن بىرى دىققىتىمنى تارتسا، ئۇنىڭغا بىر، ئىككى مىنۇت ئىنچىكىلەپ قاراپ كېتىمەن، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئەسلەپ كۆزۈمنى يۇمىۋالىمەن، ئايالغا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت قاراپ قالغانغا گۇناھكار بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    "ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام" ناملىق ئەسەرنى ئوقۇدۇم، ھەقىقەتەن قۇرئان كۆزنى يۇمۇشقا بۇيرىدى، قاراش دېگەن: "قاراش جەريانىدا شەھۋەت بىلەن تەپەككۇر قىلىش ياكى ئايالنىڭ پىگۇرلىرى بىلەن كۆزىنى لەززەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر"، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، مەن بۇ دەرىجىگە بېرىپ قالمىدىم، لېكىن مەن ئىككى مىنۇتلۇق قاراشتىن شۈركۈنۈش ھېس قىلىمەن، ئاللاھ ئىلمىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن، جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئايالغا تۇيۇقسىز قاراپ سىلىش توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى: «باشقا تەرەپكە قاراشقا بۇيرىدى» [تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن. "سۈنەن تىرمىزى" رىۋايىتى 2777-ھەدىس].

    مۇبارەك پورى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " تۇيۇقسىز قاراش دېگەن ئىنساننىڭ يات ئايالغا مەقسەتسىز كۆزى چۇشۇپ قىلىشتۇر، ھېچ قانداق سەۋەپسىز ئۇشتۇمتۇت بىر ئىش يۈزبەرگەندە، بۇ ئىش تۇيۇقسىز بولدى دېيىلىدۇ، «مېنى باشقا تەرەپكە قاراشقا بۇيرىدى» دېگەنلىك، ئىككىنچى قېتىم قارىمىغىن دېمەكتۇر، چۈنكى بىرىنچى قېتىم قاراش ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىدى بۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئەگەر قاراشنى داۋاملاشتۇرسا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ ‏ تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن» [سۈرە نۇر 30-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ئەلى! ئارقىمۇ ئارقا قارىمىغىن، بىر قېتىم قاراش بار، ئىككىنچى قېتىم قاراش يوق» [تىرمىزى رىۋايىتى2701-ھەدىس. "جامىئ سەھىھ" 7953-ھەدىس].

   "تۆھپەتۇل ئەھۋەزى" دە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: (ئارقىمۇ ئارقا قارىمىغىن) قاراشنى داۋاملاشتۇرمىغىن، بىرىنچى قېتىم قاراپ قالغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەكرار قارىمىغىن، بىرىنچى قېتىملىق قاراش مەقسەتسىز بولدى، ئىككىنچى قېتىم تەكرار قارىمىغىن، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ئىختىيارىڭ بىلەن بولىدۇ، خاتالىق ساڭا بولىدۇ، دېگەن سۆزىدىن يات ئايالغا قەستەن قاراش ۋە تۇيۇقسىز قاراپ قالغاندىن كېيىن تەكرار قاراشنىڭ ھارام بولىدىغانلىقى، ئايال چىرايلىق بولسۇن ياكى سەت بولسۇن، شەھۋەتنى قوزغاشقا ئېلىپ بارسۇن ياكى ئۇنىڭغا خىيال قىلىش، لەززەتلىنىش بىرگە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنىڭ بەدىنىدىن ھېچ بىر جايغا قاراشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ئوچۇق بولىدۇ، ئاللاھ تائالادىن  بىزنى ۋە سىزنى تۈرلۈك چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد