يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغانلىقى ئۈچۈن تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتىنى كېچىكتۈرۈپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 177963

مېنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادىراق  قىممەتكە ئىگە تاۋارلىرىم بار كۇتۇپخانام بار، لېكىن زاكات بېرىشكە يېتەرلىك پۇلۇم يوق، بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. سوئال شۇكى، پۇلۇم بولغىچە ساقلاپ تۇرۇپ زاكات بېرىشىم كېرەكمۇ ياكى قەرز ئېلىپ زاكات بېرىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: تىجارەت ماللىرىدىمۇ، ئۇ مالنىڭ ئۆزى ياكى ئۇنى باشقا ماللار بىلەن قاتقاندا  زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بۇنىڭغا بىر يىل توشسا ئۇنىڭدا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ. يىل توشقاندا، ئۇنىڭ باھاسى سېتىۋالغان باھاسىدىن ئىشىپ كەتسۇن چۈشۈپ كەتسۇن ئوخشاش يۈزدە 2.5% تىن زاكات ئايرىلىدۇ.

ئىككىنچى: مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن ۋە بۇنىڭغا بىر يىل توشىدىكەن، دەرھال بۇنىڭدىن زاكىتىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاكات ۋاجىپ بولغان ۋە بېرىش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئۇنى دەرھال ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپچىلىك ئالىملارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ وآتوا الزكاة تەرجىمىسى: «زاكاتنى ئادا قىلىڭلار» دېگەن ئايىتىغا كۆرە، ئايەتتىكى بۇيرۇق دەرھال ئادا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ دېگەن". [شەرھى مۇھەززەب 5-توم 308-بەت].

"كاشاپۇل قىنا بىلەن ئۇنىڭ شەرھىسى ئەل ئىقنا"  2 -توم 255 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "مالنىڭ زاكىتىنى بېرىشىنى ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ۋاجىپ بولغان ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ بەلكى دەرھال ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغان كىشى ئۆزىگە يېتىپ قالىدىغان بىرەر زەرەردىن ئەنسىرىسە، مەلۇم ۋاقىت كېچىكتۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ» ياكى مال ئىگىسى ئۆزىنىڭ زاكىتىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ھالەتتىكى كەمبەغەل بولسا، ئۇنى بېرىۋېتىش بىلەن ئائىلە تۇرمۇشى نورمال داۋام قىلمايدىغان بولسا، شۇنى ئىستىمال قىلغاچ تۇرۇپ، قىيىنچىلىق تۈگىگەندە ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ ."  [ئەل مۇغنى 2 -توم 510 -بەتكە قارالسۇن].

ئۈچىنچى:  ئەگەر يېنىڭىزدا تىجارەت قىلغان مالنىڭ زاكىتىنى بەرگۈدەك نەخ پۇل بولمىسا، مۇمكىن بولسا زاكاتنى زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغان تىجارەت ماللىرىدىن بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۈچلۈك قاراشقا كۆرە، تىجارەتنىڭ زاكىتىنى تىجارەت ماللىرىدىن بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سەللام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشىگە تىجارەت ماللىرىدا زاكات ۋاجىپ بولغان بولسا، زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغان ماللىرىنى تولۇق بىر تو كىيىم ياكى ئۇلاغ ياكى قۇلنىڭ باھاسىدا باھالاپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئايرىپ، ئۇنى ماللىرىنىڭ زاكىتى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بىزنىڭ قارىشىمىزدا گۈزەل شەكىلدە زاكىتىنى ئادا قىلغان بولدى، ئەگەر ئۇ كىشىگە ماللىرىنىڭ باھاسىنى ئالتۇن ياكى كۈمۈشنىڭ قىممىتىدە قىلىش ئاسان بولسا ئۇمۇ ياخشى بولىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزدا تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى مۇشۇنداق بولىدۇ" . [ئەبۇ ئۇبەيدىنىڭ"ئەل ئەمۋال" ناملىق ئەسىرى 388 -بەت، ئۇنىڭدىن ھۇمەيد ئىبنى زەنجىۋەي "ئەل ئەمۋال"  3 -توم 974 -بەتتە نەقىل قىلغان].

ئەگەر سىزنىڭ يېنىڭىزدىكى تىجارەت ماللىرى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە پايدىسى يوق ماللاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بولمىسا، تىجارەتتىن زاكاتقا بەرگۈدەك پۇل كىرگەنگە قەدەر زاكاتنى كېچىكتۈرۈپ بەرسىڭىز سىزگە گۇناھ بولمايدۇ.

ئەگەر سىزدە زاكاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئادا قىلغۇدەك نەخ پۇل بولسا، مۇمكىن بولغاننى ئادا قىلىسىز، قالغانلىرى سىز ئۇنى ئادا قىلغانغا قەدەر سىزدە قەرز بولۇپ تۇرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android