بىرىنچى: نامازدا ئىماملىققا قارى-قۇرئان، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشى ئوقۇيدىغان كىشى لايىق بولىدۇ. ئەبى مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياخشى ئوقۇيدىغان قارىلار ئىمام بولىدۇ، ئەگەر ھەممەيلەن قارى بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ياخشى بىلىدىغانلار ئىمام بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان بولسا، ئىلگىرى ھىجرەت قىلغانلار ئىمام بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭ ھىجرەت قىلغان بولسا، ياشقا چوڭ بولغان بىرى ئىمام بولىدۇ، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئىمام بولىۋالمىسۇن، بىر جايغا بارغاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالمىسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 673-ھەدىس].
قارىلار ئىمام بولىدۇ دېگەندىن مەقسەت: ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان، تەجۋىدلىك ئوقۇيدىغان كىشى دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 132985 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئىككىنچى: جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتىدىكەن، بۇ ئىمام سۈرە پاتىھەنى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىكەن ياكى خاتا ئوقۇسىمۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگەرمەيدىغان ھالەتتە بولسا، جامائەتتىن ھېچ بىر كىشىنىڭ بۇ ئىمامنى تارتىپ ئارقىغا ئۆتكۈزۈپ، ئورنىغا ئۆزى ياكى باشقا بىرسىنى چېقىرىپ ئىماملىق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئىماملىقى توغرا بولغان، توغرا ئوقۇۋاتقان ئىمامنى كەينىگە تارتىپ باشقا بىرنى چىقىرىش دېگەن، ئىماملىق ئورنىغا ۋە ئىمامنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر، بۇنىڭ بىلەن جامائەت ئارىسىدا ئىختىلاپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان تەشۋىشلەر، دىققەتنىڭ چېچىلىشى ۋە نامازدا خۇشۇنىڭ بولماسلىقى بىلەن جامائەتنىڭ نامىزىبۇزۇلىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەگەر بۇ ئىمام پاتىھە سۈرىسىنى ياخشى ئوقۇيالماي، ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان دەرىجىدە خاتا ئوقۇسا، باشقىلار لوقما سىلىپ توغرىلاپ قويسا توغرا ئوقۇيالماي يەنە خاتا ئوقۇسا، (بۇنداق بولىشى ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق) ئۇ ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا پىتنە بولمايدىغان ھالەتتە، ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىۋاتقان جامائەتلەرنىڭ بىرى ئىمامنىڭ پېشىنى تارتىپ كەينىگە چېكىندۈرۈپ ئۆزى ياكى ياخشى ئوقۇيدىغان بىر كىشىنى ئىماملىققا چىقارسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئىمامنى كەينىگە تارتسا جامائەت ئارىسىدا پىتنە بولىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۆزى يالغۇز ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ نامىزىنى تولۇقلايدۇ.
ئەگەر ئىمامغا لوقما سىلىپ توغرىلاپ قويسىمۇ ئىمامنىڭ چىشى چۈشۈپ كەتكەن ياكى كوماك بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن توغرا ئوقۇيالمىسا، كۈچلۈك قاراشتا، ئىمامنىڭ ۋە ئىمامغا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئىمامنى كەينىگە چىكىندۈرۈپ باشقىلارنى ئىماملىققا چىقىرىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئىماملىققا ئۆتمەسلىكى كېرەك. ئىلگىرى بۇ مەسىلىنى 146489- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغان ئىدۇق.
ناماز ئوقۇغۇچىلارمۇ نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن جامائەت ئارىسىدىن ئىماملىققا يارايدىغان كىشىنى تاللىشى كېرەك.
نامازنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىمامنىڭ ئاۋازى ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئۇنى كەينىگە تارتىپ باشقا كىشىنى ئىماملىققا ئۆتكۈزۈش ھەرقانداق ھالەتتە توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 152929- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.