جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىسلامدا بەدەنگە چەكتۈرۈش چەكلىنەمدۇ؟

سۇئال

    ئىسلامدا بەدەنگە بىر نەرسە چەكتۈرۈش چەكلىنەمدۇ؟ چەكتۈرۈش چەكلەنگەن شەكىل ۋە سۈرەتلەر قايسى؟. بەدىنىگە قەستەن ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدا چەكلەنگەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن چەكتۈرگەن نەرسە بەدەنگە ئەزىيەت يەتكۈزمىسىمۇ چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تېرە ئاستىغا يىڭنە ئارقىلىق سۈرمە ياكى باشقا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ماددىلارنى قۇيۇپ تۈرلۈك شەكىللەرنى پەيدا قىلىش ئىسلامدا چەكلىنىدۇ، بۇ بەدەننى ئاغرىتسۇن ياكى ئاغرىتمىسۇن ئوخشاشلا چەكلەنگەندۇر. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەدىنىگە مەڭ ياكى باشقا نەرسىلەرنى چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە ئوخشاشلا لەنەت قىلغان. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۈزەللىك ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، مەڭ ياكى باشقا شەكىللەرنى چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچى، چىشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچىلارغا ئاللاھ لەنەت قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى 5587-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 5538-ھەدىس].

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەر، مۇشۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى ۋە بۇنى قىلغۇچى لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر".

     بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئالىملار ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى. بەزىلەر: بۇنداق قىلىش ئالدامچىلىق دېسە، يەنە بەزىلەر ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك: ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولىدۇ، دېدى. بۇ توغرا قاراش بولۇپ، ئالدامچىلىق دېگەننىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، يەنە بەزى ئالىملار: چەكتۈرگەن نەرسىنىڭ ئىزى يوقالماي تۇرىدىغان بولسا چەكلىنىدۇ، ئەمما سۈرمە ياكى باشقا گىرىم بۇيۇملىرىدەك مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئىزى يوقىلىدىغان بولسا، دۇرۇس بولىدۇ دېدى. [تەپسىر قۇرتۇبىي 5-توم 393-بەت].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە، چەكتۈرۈلگەن نەرسە ئىنسان بەدىنىدە ئۇزۇن مۇددەت قالمايدىغان، ئىزى يوقىلىدىغان نەرسە بولۇپ قالسا، بۇ بەدەنگە بىر نەرسە چەكتۈرۈش بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 99629  - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى