شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ھەر قانداق سۆز بىلەن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    بەزى كىشىلەر قۇرئان كەرىمدە كەلگەن دەپ بالىسىغا «لەيسە» دەپ ئىسىم قويىدۇ، قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ھەرقانداق سۆزنى يامان مەنانى بىلدۈرمىسە پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قوللانسا بولامدۇ؟ . بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بالىلارغا ئىسىمنىڭ ئاتىلىشى ۋە مەنىسىگە رىئايە قىلىپ گۈزەل چىرايلىق ئىسىم قويۇش ، گەرچە مەنىسى توغرا بولسىمۇ ئاتىلىشى قوپال ئىسىملار بىلەن ئاتىماسلىق كېرەك، شۇنىڭدەك ئاتىلىشى گۈزەل بولسىمۇ مەنىسى ياخشى بولمىسا بۇ ئىسىمنىمۇ تاللىماسلىق كېرەك.

     بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىگە رىئايە قىلماستىن پەقەت كۆرۈنۈشىگە قاراپلا ياخشى دېيىش چەكلەنگەندۇر. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلار ۋە مېلىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2564-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى جۈملە، ئىبارەتلەردە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ كۆرۈنىشى چېرايلىق ئەمما مەنىسى ياخشى بولمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتاشنى چەكلىگەن. سەمۇرەتە بىن جۇندۈپ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئوغۇل بالىنى (رەباھ)، (يەسار)، (نەجىھ) ۋە (ئەپلەھ) دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاشنى چەكلىدى، نېمە ئۈچۈن؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئۇ بۇ يەردە بارمۇ؟ دەيسەن، ئۇ بۇ يەردە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يوق دەيدۇ» يەنى: سەن: يېنىڭدا رەباھ ياكى ئەپلەھ بارمۇ؟ دەيسەن بۇ يەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن جاۋاپ بەرگۈچى: يوق دەيدۇ، بۇ يەردە چەكلەشتىن: ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۇتۇق، پايدىنىڭ بولىشى چەكلەنگەنلىك ئاشكارا بولىدۇ، بۇ بۇزۇق مەنا بولۇپ، گەرچە سۆزلىگۈچى بۇزۇق مەنانى مەقسەت قىلمىسىمۇ كىشىلەر بۇنى ئاڭلىغاندا  ياقتۇرمايدۇ.
    بۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ھەرقانداق سۆز بىلەن ئىسىم قويۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. (ئەپلەھ)دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئېنىق كەلگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مۆمىنلەر ئۇتۇق قازاندى». شۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى ئىسىم قىلىپ قوللىنىشتىن چەكلىدى.
    ئاندىن بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابىلارنىڭ يوللىرىغا ۋە ئالىملارنىڭ كىتابلىرىغا، مۇسۇلمان  ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىغا قايتساق، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى تاپالمايمىز.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇراھمان دېگەنگە ئوخشاش گۈزەل ئىسىملارنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈردى، پەقەتلا قۇرئان كەرىمدە كەلگەنلا ئىسىمنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈرمىدى، قۇرئان كەرىمدە پىرئەۋن، ھامان، قارۇن دېگەندەك نۇرغۇن ئىسىملار بولۇپ، ئۇنى  مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىشتىن چەكلەنگەن، ساھابىلارنىڭ بىزدىنمۇ بەكرەك  قۇرئان كەرىمگە چەكسىز ھۆرمىتى، ئۇلۇغلىشى ۋە مۇھەببىتى تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز.

    شۇنىڭدەك ئالىملىرىمىزدىن ھېچبىرىنىڭ بۇنداق ئاتاشنى ياخشى دېگەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، بەلكى بىز تارىخ، تەرجىمە ۋە ئىلمى رىجال قاتارلىق ئىلمى مەنبەلەرگە قارىساقمۇ كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمىنىڭ: ئابدۇللاھ، ئابدۇراھمان، ئابدۇرەھىم، مۇھەممەد، ئەھمەد دېگەندەك ئىسىملار ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

     كىشىلەرنى بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش كېرەك، بۇنداق قىلىشنىڭ گۈزەل ئىش ۋە چىرايلىق يول ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ بېرىش لازىم.

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن ۋە ئالىملار كىتابلىرىدا بايان قىلغان گۈزەل ئىسىملار بىلەن ئاتىشى كېرەك.

     بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى ئاتاشنىڭ ئەدەپلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 7180 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     چەكلەنگەن ۋە ھارام بولغان ئىسىملارنىڭ قائىدىسىنى بىلىش ئۈچۈن 1692- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى