تالاقنى نىيەت قىلىپ ئاغزاكى دېمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تالاق بولامدۇ؟

سوئال 20660

بىر كىشى يەنە بىر ئىنسانغا ئايالىنى تالاق قىلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشەمدۇ؟، ئەر كىشى تالاق دېگەن سۆزنى قىلمىدى، لېكىن ئۇ كېيىن تالاق قىلىدىغانلىقىنى دېدى، تالاقنى نىيەت قىلدى، لېكىن قىلمىدى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەر-ئاياللىق داۋام قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەر كىشى تالاق دېگەن سۆزنى قىلمىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى نىيەت قىلىشلا تالاقنىڭ چۈشۈشىگە كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇل بارى 9-توم 394-بەتتە بۇ سۆزنى نەقىل قىلغان. ئىبنى قۇدامە"ئەلمۇغنى" 7-توم 121-بەتتە بارلىق ئالىملاردىن بۇ قاراشنى بايان قىلغان. ئۇلار بۇ قاراشقا مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۈممىتىمنىڭ كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئەمما ئۇنى سۆزلىمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن». [بۇخارى رىۋايىتى2528-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى327-ھەدىس. ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى بولغان قەتادە مۇنداق دەيدۇ: كۆڭلىدە سۆزلىسە بۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەقەت نىيەت قىلىش بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ. ھەقىقەتەن تالاق دېگەن ئاغزاكى سۆزلەش ياكى خەت بىلەن يېزىش بىلەن بولىدۇ. دەپ بۇنىڭغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى دەلىل قىلغان. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 3-توم 279-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

تالاق

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android