ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، مەزىى نىجىس(پاسكىنا) بولۇپ، ئۇ، تاھارەتنى بۇزىدۇ، لېكىن توختىماي چېقىۋەرسە بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئىزچىل سۈيدۈك تېمىش كېسىلىگە ۋە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمگە ئوخشاشتۇر. مۇسۇلمان كىشى مۇشۇنداق ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلماقچى بولسا، مەزىي چىقىپ بەدىنى ۋە كىيىمىگە تاراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەۋرىتىگە مەزىينىڭ سىرتقا تارىشىنى توسىدىغان قېلىن بىر نەرسىلەرنى قويىۋالىدۇ، شۇ ھالەتتە تاۋاپ قىلىدۇ ۋە نامازنى ئادا قىلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان تاۋاپى توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى بولسا، كىيىمى ياكى بەدىنىگە نىجاسەت يۇقۇپ قىلىپ، ئېسىدە يوق شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئوقۇغان نامازمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالغۇچى ھۆكۈمدە بىلمىگەن كىشىگە ئوخشاشتۇر. [شەيخ ئابدۇل كەرىم خۇزەير].
مەزىينىڭ تەكرار چىقىشىنىڭ سەۋەبى بولسا چوقۇم بىر كېسەللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھۆكمى ئېنىق بولدى، بەزى ۋاقىتتا ئايال بىلەن سۈركىلىشىپ تۇرغاندا، شەھۋىتى قوزغالغاندا ۋە ياكى جىنسى مۇناسىۋەتنى خىيال قىلغاندىمۇ مەزىي چىقىپ كېتىدۇ.
مۇسۇلمان بۇنداق ئوي-پىكىرلەردىن بەك ھەزەر قىلىشى لازىم، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ بەيتىنى تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، ئاللاھدىن قورقۇپ، تەقۋا بولۇپ، مەزىي چىقىپ كېتىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.