سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەرتلىك نىكاھنىڭ (شىغار) شەكىللىرى ۋە ئۇ نىكاھ قانداق ۋاقىتتا باتىل بولىدۇ؟

سۇئال

مەن بىر يىل بۇرۇن تاغامنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان، لېكىن مەن بۇ توي ئىشىمنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقىدىن ھەيران، چۈنكى يولدىشىمنىڭ ھەمشىرىسى مېنىڭ ئۇكام بىلەن توي قىلغان، مەن سىلەرنىڭ تور بەتتە بۇ شەكىلدىكى شەرتلىك نىكاھ (شىغار) دېيىلىدۇ، بۇنداق شەكىلدىكى نىكاھ ئىسلامدا چەكلىنىدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى ئوقۇدۇم، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇنداق شەكىلدىكى نىكاھ پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا كەڭ تارقالغان بولۇپ، پوشتۇ تىلىدا: "ئالماشتۇرۇپ ئۆيلۈنۈش" دېيىلىدۇ، بۇنداق نىكاھ بۇ جايلاردا ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ شەكىلدىكى نىكاھ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن دىنى ئۆلىمالاردىن بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرىدىغان بىرەر كىشىنىمۇ تاپالمايمىز، مۇشۇ شەكىلدىكى نىكاھ قائىدىسىنى چەكلەيدىغان ئۆلىمالارنى تاپالمايمىز، مەن شەرتلىك نىكاھ  توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندىم، لېكىن تا ھازىرغىچە، بىزنىڭ نىكاھىمىز مۇشۇ تۈرگە چۈشەمدۇ ياكى چۈشمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى تاپتىم، ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى توغرا بولىدۇ، تويلۇق مېھرى ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ، باشقا مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى بۇنىڭ ئەكسىچە، شەرتلىك نىكاھ(شىغار) قانداق بولىدۇ؟، بىزنىڭ تويىمىزمۇ مۇشۇ شەرتلىك نىكاھنىڭ تۈرىگە كىرەمدۇ؟ مۇشۇ شەكىلدىكى نىكاھ بىلەن توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ بەختلىك ھايات كەچۈرىۋاتقان ئەر-ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟، مۇشۇ سەۋەپتىن ئائىلىلەر ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن ئۇلارنى تالاق قىلىۋېتىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: شىغار(شەرتلىك نىكاھ) ياكى كىشىلەرنىڭ ئاتىغىنى بويىچە، ئالماشتۇرۇپ ئۆيلۈنۈشنىڭ ھاراملىقىنى ۋە چەكلەنگەنلىكىنى ئىسلام شەرىئىتى ئوچۇق بايان قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئايالغا زۇلۇم قىلىش، ئۇنىڭ ھەققىنى يۇتۇۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى بىلەن ئوينىشىش بولىدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلامدا شەرتلىك نىكاھ يوق.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1415-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرتلىك نىكاھتىن چەكلىگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى1417-ھەدىس].

ئىككىنچى: ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن نىكاھلىنىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

1-ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن توي قىلىدۇ، ئۇ ئاياللار ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن توي قىلىشنى شەرت قىلمايدۇ، ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم تويلۇق مېھرى بېكىتىلىنىدۇ. بۇ شەكىلدىكى نىكاھ شەرتلىك نىكاھ ھېسابلانمايدۇ، بۇ شەكىلدە توي قىلىسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۆمىتېتى پەتىۋالار مەجمۇئەسى 18-توم 427-بەتتە بىرىنچى شەكىلدىكى نىكاھ توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "بۇ كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ يېقىنىغا توي تەكلىپى قويسا، يەنە بىر كىشى بۇ كىشىنىڭ يقىنىغا توي تەكلىپى قويسا، ھېچ قانداق شەرت قىلمىسا، نىكاھنىڭ باشقا شەرتلىرىنىڭ تولۇق بولىشى بىلەن ۋە ئىككى كىشىنىڭ رازىلىقى بىلەن تاماملانغان بولسا بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بۇ شەكىلدىكى نىكاھ شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ".

ئىككىنچى: نىكاھ ئىككى كىشىنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنە بىرىنىڭ يېقىنى بىلەن توي قىلىش شەرتى بىلەن ئۇ ئىككى ئايالغا تويلۇق مېھرىبەرمەستىن ھەر بىرىنىڭ ھالال بولىشى يەنە بىرىنىڭ ھالال بولۇش بەدىلىگە بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى نىكاھ بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە چەكلەنگەن شەرتلىك نىكاھنىڭ ئۆزىدۇر.

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئۆزىنىڭ قىزىنى ياكى ئۆزى ئىگە بولغان يېقىنلىرىنى يەنە بىر كىشىگە، ئۇ كىشىنىڭ قىزى ياكى ئىگە بولغان يېقىنىنى ئۆزى نىكاھلاپ ئىلىپ، ھەر بىرىنىڭ تويلۇقنى يەنە بىرىنىڭ ھالال بولىشى بەدىلىگە قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھېچ بىرىگە تويلۇق مېھرى ئاتىمىغان بولسا، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە چەكلىگەن شەرتلىك نىكاھ بولۇپ، بۇنداق نىكاھ ھالال بولمايدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ." ["ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر 6-توم 198-بەت].

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرتلىك نىكاھنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى: ئەر كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى يەنە بىر كىشىگە، ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى بۇ كىشىگە نىكاھلاپ بېرىش شەرتى بىلەن ئۇ ئىككى قىزغا تويلۇق مېھرى بىكىتمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھالال بولىشىنى يەنە بىرىنىڭ ھالال بولىشىنىڭ بەدىلىگە قىلىدۇ، مانا بۇ ئىمام مالىك ۋە كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرى چۈشەندۈرگەن شەرتلىك نىكاھنىڭ كۆرۈنىشىدۇر." ["ئەل ئىستىزكار" ناملىق ئەسەر 5-توم 465-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ ھەدىستە چەكلەنگەن شەرتلىك نىكاھ ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق." ["ئەتتەمھېد" 14-توم 70-بەت].

ئىبنى رۇشد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرتلىك نىكاھ دېگەن: ئۇلار ئىتتىپاقلىشىپ، ئەر كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى يەنە بىر كىشىگە، ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى بۇ كىشىگە نىكاھلاپ بېرىش شەرتى بىلەن ئۇ ئىككى قىزغا تويلۇق مېھرى بىكىتمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھالال بولىشىنى يەنە بىرىنىڭ ھالال بولىشىنىڭ بەدىلىگە قىلىدۇ، ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بۇ شەكىلدىكى نىكاھ دۇرۇس ئەمەس، چۈنكى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر بېكىتىلگەن." ["بىدايەتۇل مەجتەھىد" ناملىق ئەسەر 3-توم 80-بەت].

بۇ ھۆكۈم ئەر كىشىنىڭ قىزى ياكى ھەمشىرىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ بەلكى ئۇ كىشى ئىگە بولىدىغان بارلىق ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، بۇ نىكاھتا قىزلاردىن باشقا ھەمشىرىلەر، بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ قىزلىرى، ھامما ۋە ھاممىلارنىڭ قىزلىرى ۋە چۆرىلىرىنىڭ ھۆكمى قىزىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاشتۇر." ["شەرھى سەھىھ مۇسلىم" ناملىق ئەسەر 9 -توم 201-بەت].

ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپچىلىك ئۆلىمالارغا مۇۋاپىق كەلسىمۇ لېكىن ھەر بىر قىزغا ئوخشاش تويلۇق مېھرى بېكىتىلسە، بۇ نىكاھ شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ، دەيدۇ. ["ئەلمەبسۇت" ناملىق ئەسەر 5 -توم 105-بەتكە، "بەدائىئ سەنائىئ" ناملىق ئەسەر 2-توم 278-بەتكە قارالسۇن].

ئۈچىنچى: ئەر كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى يەنە بىر كىشىگە، ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىزنى بۇ كىشىگە نىكاھلاپ بېرىدۇ، لېكىن ھەر بىرىگە تويلۇق مېھرى بېكىتىدۇ، تويلۇق مېھرى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش بولسۇن ياكى پەرقلىق بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، بۇ شەكىلدىكى نىكاھتا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.

بەزى ئۆلىمالار بۇ شەكىلدىكى نىكاھمۇ ھەدىستە چەكلەنگەن شەرتلىك نىكاھنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، چۈنكى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى شەرتلىك نىكاھنىڭ جۈملىسىدىن قىلىشقا يېتەرلىك شەرتلەر تېپىلىدۇ، بۇ زاھىرىي مەزھەپ ئۆلىمالىرى ۋە بىر قىسىم شافىئى ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر.

ھەنبەلى ئۆلىمالىرىدىن بولغان خەرقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى قىزنى يەنە بىر كىشىگە ئۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قىزنى ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىش شەرتىگە ئىتتىپاقلاشسا، ئۇ ئىككى قىزغا تويلۇق مېھرى بەلگىلىگەن تەقدىردىمۇ بۇ نىكاھ توغرا بولمايدۇ." ["مۇختەسەرەل خەرقى" ناملىق ئەسەر 238-بەت. ئىبنى ھەزمى زاھىرىينىڭ"ئەلمۇھەللەھ" ناملىق ئەسىرى 9-توم 118-بەتكە قارالسۇن].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: بىر كىشى ئۆزى ئىگىدارچىلىقىدىكى قىزنى يەنە بىر كىشىگە، ئۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قىزىنى ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىش شەرتىگە نىكاھلاپ بەرگەن بولسا، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە چەكلىگەن شەرتلىك نىكاھنىڭ ئۆزى، بۇ نىكاھنى بەزى كىشىلەر ئالماشتۇرۇپ نىكاھلىنىش دەپمۇ ئاتايدۇ، بۇ توغرا بولمىغان نىكاھ بولۇپ، مەيلى ئۇ مېھرى ھەققى بەلگىلىسۇن ياكى بەلگىلىمىسۇن، رازىلىق بىلەن بولسۇن ياكى رازى بولمىسۇن ئوخشاش." ["ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى پەتىۋاسى بىرىنچى بۆلۈم"18-توم 427-بەت].

ئۇلار ئىبنى نۇمەيردىن، ئۇ كىشى ئۇبەيدۇللاھدىن، ئۇ كىشى ئەبى زىنادتىن، ئۇ ئەئرەجدىن، ئۇ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرتلىك نىكاھتىن چەكلىگەن، شەرتلىك نىكاھ دېگەن: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ياكى ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەپ شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 1416-ھەدىس].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىل نىكاھى مۇتلەق بولۇپ، بۇ شەرتلىك نىكاھدۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا قىز ئالماشتۇرۇش شەرت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن بۇ ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: شەرتلىك نىكاھ دېگەن: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ياكى ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەپ شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەدىستە: ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا تويلۇق مېھرى بېكىتىلمىگەن دېگەن سۆزنى دېمىگەن، بەلكى مۇتلەق بايان قىلغان." ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" ندملىق ئەسەر 20-توم 280-بەت].

شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئالماشتۇرۇش نىكاھى توغرا بولمايدۇ، بۇنى كىشىلەر شەرتلىك نىكاھ دەپ ئاتايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرقانچە ھەدىسلەردە بۇ شەكىلدىكى نىكاھتىن چەكلىگەن، شەرت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش نىكاھى توغرا بولمايدۇ، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ياكى ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەيدۇ، بۇ ئالماشتۇرۇش نىكاھى بولۇپ، شەرتلىك نىكاھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تويلۇق مېھرى بېكىتكەن بولسا، تويلۇق مېھرى ئوخشاش بولسۇن ياكى پەرقلىق بولسۇن، شەرتلەشكەن بولسىلا دۇرۇس بولمايدۇ." ["شەيخ ئىبنى بازنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 21-توم 26-بەتتىن ئىلىندى].

مالىكى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى "شەرت يولى" دەپ ئاتايدۇ، بۇ نىكاھنىڭ ھۆكمى ئۇلارنىڭ قارىشىدا: بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى بولسا، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ياخشى، بىرگە بولۇپ بولغان بولسا ئۇلارنىڭ نىكاھى ئوخشاش تويلۇق مېھرى بېكىتىش ياكى كۆپرەك تويلۇق مېھرى بېكىتىش بىلەن دۇرۇس بولىدۇ.

"تەھزىب پى ئىختىسارىل مۇدەۋۋەنە" ناملىق ئەسەر 2-توم 132-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە: يۇز دوللار تويلۇق مېھرى بىلەن قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەنمۇ يۈز دوللار تويلۇق مېھرى بىلەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دېگەن بولسا ياكى ئەللىك دوللار تويلۇق مېھرى بىلەن نىكاھلاپ بېرىمەن دېگەن بولسا بۇنىڭدا ياخشىلىق يوق، بۇ شەرتلىك نىكاھنىڭ يولىدۇر، بىرگە بولۇشتىن بۇرۇن بولسا ئايرىۋىتىلىدۇ، بىرگە بولۇپ بولغان بولسا نىكاھ بىكىتىلىنىدۇ، ھەر بىرىگە ئاتىغاندىن كۆپرەك ياكى ئاتىغان بويىچە تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا تويلۇق مېھرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ".

بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ "شەرتنىڭ يولى" دەپ ئاتىلىشى: چۈنكى ئۇ بىر تەرەپتىن شەرتلىك نىكاھ بولمىسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن شەرتلىك نىكاھ ھېسابلىنىدۇ، ھەر بىرىگە تويلۇق مېھرى بېكىتىلگەنلىكى، ئەقىدىنىڭ تويلۇقتىن خالى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىرىنىڭ قىزىنى يەنە بىرىنىڭ قىزىغا نىكاھلاپ قويۇشنى شەرت قىلغانلىقى ئۈچۈن (شىغار) يەنى شەرتلىك نىكاھ بولىدۇ". "ھاشىيەتۇل ئەدەۋىي ئەلا كىپايەتىل تالىبۇل رەببانىي" ناملىق ئەسەر 2-توم 52-بەت].

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بويىچە: بۇ شەكىلدىكى نىكاھ، شەرتلىك نىكاھ ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئىككى قىزنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن تويلۇق مېھرى بېكىتىلگەن.

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ياكى ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ تويلۇقى مۇنداق مۇنداق بولىدۇ دەپ بىر نەرسە ئاتىغان بولسا، يەنە بىرسىنىڭ تويلۇقىمۇ مۇنداق مۇنداق بولىدۇ دەپ بىر نەرسە ئاتىغان بولسا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن .... بۇ ھەدىستە چەكلەنگەن شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ". "ئەل ئۇم"5-توم 83-بەت.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئۇلار تويلۇق مېھرىنى بېكىتىپ: مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بەردىم، سېنىڭ قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بېرىش شەرتى بىلەن، ھەر بىرىنىڭ تويلۇق مېھرى يۈز دوللار ياكى مېنىڭ قىزىمنىڭ تويلۇق مېھرى يۈز دوللار سېنىڭ قىزىڭنىڭ تويلۇق مېھرى ئەللىك دوللار ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ياكى كۆپرەك دېگەن بولسا، ئىمام ئەھمەدتىن بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلىنغان، شۇ دەلىل بويىچە : سەھىھ دەپ قارىدىم." ["ئەل مۇغنى"ناملىق ئەسەر 7-توم 177-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزىلەر شىغارنىڭ ئىللىتى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشپ، ئۇ ئىككى نىكاھنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىدە شەرت قىلىندى، دەيدۇ".

يەنە بەزىلەر: ئىللەت ھالال قىلىشتىكى ئورتاقلىق بولۇپ، بىرىنى ھالال قىلىشنى يەنە بىرىنىڭ تويلۇق مېھرى قىلدى، ئۇ قىز ئۇ مېھرىدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا مېھرى قايتمايدۇ، بەلكى مېھرى ۋەلىيسىگە قايتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ۋەلىينىڭ ئايالىنى ھالال قىلىشقا ئىگە بولىشى، ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىنى ھالال قىلىشنى يەنە بىر كىشىگە ئىگە قىلىش بىلەن، ئۇ ئىككىيلەننىڭ نىكاھسىنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغان مېھرىدىن خالى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن زۇلۇمدۇر.

بۇ ئەرەب تىلىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئۇلار: باشلىقى بولمىغان شەھەرنى (بَلَدٌ شَاغِرٌ مِنْ أَمِيرٍ) دەيدۇ، ئادەم بولمىغان ئۆينى (وَدَارٌ شَاغِرَةٌ مِنْ أَهْلِهَا) دەيدۇ، (وَشَغَرَ الْكَلْبُ) دەيدۇ، ئىت پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئورۇننى بىكار قىلسا.

ئەگەر ئۇلار تويلۇق مېھرى بېكىتكەن بولسا، ھەزەر قىلىنغان ئىش يوق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەر بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قىلغان شەرتى قالىدۇ، بۇ شەرت نىكاھنىڭ بۇزۇلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان دەلىل." ["زادۇل مەئاد فى ھەديى خەيرىل ئىباد" ناملىق ئەسەر 5-توم 99-بەت].

بۇنىڭ دەلىلى: ئىمام مالىكنىڭ نافىئتىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرتلىك نىكاھتىن چەكلىگەن، شەرتلىك نىكاھ: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېھرى ھەققى بېكىتىلمەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5112-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايتى 1415-ھەدىس].

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە شىغارنى چۈشەندۈرگەن سۆزئىبنى ئۆمەردىنمۇ ياكى نافىئتىنمۇ ياكى مالىكتىنمۇ بۇنى بىلمەيمەن." ["ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر 6-توم 197-بەت].

يۇقىرىقى سۆزنىڭ ساھىبى نافىئ رەھىمەھۇللاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل كەلگەن.

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئەلئەمەرىدىن قىلغان رىۋايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: نافىئ ماڭا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرتلىك نىكاھتىن چەكلىگەن»، مەن نافىئتىن: شەرتلىك نىكاھ دېگەن نېمە؟ دەپ سورىسام، ئۇ: شەرتلىك نىكاھ دېگەن: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېھرى ھەققى بېكىتىلمەيدۇ." [بۇخارى رىۋايىتى 6960 -ھەدىس].

جەۋھەرىي "ئەسسىھاھ" ناملىق ئەسەر 2-توم 700-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: شىغار دېگەن سۆز شىن ھەرىپىنى زىر ئوقۇش بىلەن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى نىكاھنى بىلدۈرىدۇ، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەيدۇ، ھەر بىرىنىڭ تويلۇق مېھرى يەنە بىرىنى ھالال قىلىش بىلەن بولىدۇ، گوياكى ئۇ ئىككەيلەن تويلۇق مېھرىنى كۆتۈرۈۋەتتىۋە ئۆزىنى ھالال قىلىشنى مېھرىدىن خالى قىلدى".

ئىبنى نۇمەيردىن ئۇ كىشى ئۇبەيدۇللاھدىن ئۇ كىشى ئەبى زىنادتىن، ئۇ ئەئرەجدىن ئۇ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەرتلىك نىكاھتىن چەكلىگەن، شەرتلىك نىكاھ: بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قىزىڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن مەن قىزىمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن، ياكى ھەمشىرەڭنى ماڭا نىكاھلاپ بەرگىن، مەن ھەمشىرەمنى ساڭا نىكاھلاپ بىرىمەن دەپ شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 1416-ھەدىس].

ھەدىستە بايان قىلىنغان شەرتلىك نىكاھنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئەمەس. ئىمام نەسائىينىڭ رىۋايىتىدە 6-توم 112-بەتتە، شىغار دېگەن سۆزنىڭ چۈشەندۈرلىشىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرىينىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئەمەس. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇ چۈشەندۈرۈش ھۆججەت بولالمايدۇ، بەلكى نافىئنىڭ چۈشەندۈرۈشى قوبۇل قىلىشقا بەكرەك لايىقتۇر.

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر ئۇ قىزغا ئۇنىڭ ئوخشىشىدا مېھرى بېكىتىلسە، ئەر ھەرجەھەتتىن قىزغا لايىق بولسا، قىز بۇ ئەر بىلەن نىكاھلىنىشقا رازى بولسا، بۇ شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەدىنە ئەھلىنىڭ قارىشى توغرا قاراشتۇر. بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ بۇ ھەقتىكى بارلىق جاۋابلىرىدا بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۆتكەن مەسلەكداشلىرىنىڭ قارىشىدۇر. بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ باتىل بولۇشىدىكى ئىللەت، نىكاھنى مېھرىدىن خالى قىلىشنى شەرت قىلغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسەر 34-توم 126-بەت].

بۇ قاراشنى شەيخ مۇھەممد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھمۇ تاللىغان، ئۇ كىشىدىن ئالماشتۇرۇش نىكاھى توغرىسىدا: ئىككى ئايالنىڭ ھەر بىرى رازى بولغان ھالدا، تولۇق مېھرى بېكىتىلگەن بولسا بۇ قانداق بولىدۇ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سوئالدا بايان قىلىنغاندەك ھەر بىر ئايال ئۈچۈن ئوخشاش مېھرى ھەققى بېكىتىلگەن بولسا، ھەر بىرى يەنە بىر كىشى بىلەن توي قىلىشقا رازى بولغان بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان توي مۇراسىمى توغرا بولىدۇ، بۇ چەكلەنگەن شەرتلىك نىكاھ بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن." ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" 10-توم 159-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تويلۇق مېھرى ئۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن بولغان بولسا، كىمەيتىلمىگەن بولسا، ئايال ئۇ ئەرگە رازى بولغان بولسا، ئۇ ئەر ھەرتەرەپتىن باراۋەر كىلىدىغان كىشى بولسا، بۇ نىكاھ بىزنىڭ قارىشىمىزدىمۇ توغرا بولىدۇ، نىكاھتا : باراۋەرلىك، ئوخشاش تويلۇق، رازىلىق قاتارلىق بۇ ئۈچ شەرت تىپىلسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاياللارغا زۇلۇم قىلىنغان بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە تولۇق تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، بۇ يەردە مەجبۇرلاش بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىرىيەنە بىرىنىڭ قىزىغا قىزىقىپ، ئۆزىگە نىكاھ قىلىپ بېرىشنى شەرت قىلدى.

دەلىللەرنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشى ئادەتتىكى تويلۇق مېھرى بېرىلسە، رازىلىق بولسا، باراۋەرلىك تىپىلسا، بۇ نىكاھنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ." ["شەرھى مۇمتىئ ئەلا زادىل مۇستەقنىئ" ناملىق ئەسەر 12 -توم 174-بەتتىن ئىلىندى].

گەرچە بۇ شەكىلدىكى نىكاھنىڭ توغرا بولۇشى ھەققىدە كۆزقاراشلار بولسىمۇ، بۇ شەكىلدە نىكاھلىنىش ئۇسۇلى ياخشى بولمايدۇ.

مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال- شەيخئۆزىنىڭ "پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسىرى 10 -توم 158-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھازىر بۇنى مۇلاھىزە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ: ئالماشتۇرۇپ نىكاھلىنىش ئىشى قىلىنماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭدا مېھرى ھەققى زىكىر قىلىنسۇن ياكى زىكىر قىلىنمىسۇن، ئۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ھەققىدىكى قاراش كۈچلۈكتۇر. بۇ تۈردىكى نىكاھتا ياخشىلىق يوقتۇر، چۈنكى بۇ تۈردىكى نىكاھلاردا ئاياللارنى توي قىلىشقا رىغبىتى بولمىغان كىشىلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى ئاياللارنىڭ زىيىنىغا ئۆز مەنپەئەتىنى تاللايدۇ، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، شۇنىڭدەك ئاياللارنى ئۆز تەڭتۇشلىرىگە بېرىلىدىغان مېھرى ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ئىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا تويدىن كىيىنكى تۈگىمەس تالاش-تارتىش، جېدەل-ماجراغا سەۋەب بولىدۇ".

ئۈچىنچى: شەرتلىك نىكاھ يۈز بەرسە، يەنى ئۆلىمالار چەكلەنگەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن شەكىلدىكى شەرتلىك نىكاھ بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، بۇ نىكاھ باتىل بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا بۇ نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن نىكاھ قىلىنىدۇ.

"ئەلمۇدەۋىنەتۇل كۇبرا" ناملىق ئەسەر 2-توم 98-بەتتە بايان قىلىنىشچە، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: ئەگەر شەرتلىك نىكاھ قىلىپ، ئەر-ئايال بىرگە ياشاپ پەرزەنتلىك بولغان بولسا، بۇ نىكاھ دۇرۇس بولامدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: بۇنداق نىكاھ ھەرقانداق ھالەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ دېگەن".

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەكىلدىكى نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ." ["ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر 6-توم 198-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرتلىك نىكاھ توغرا ئەمەس دېگەن مەزمۇندا ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان رىۋايەتتە ئىختىلاپ يوق." ["ئەلمۇغنى" 10-توم 42-بەت].

مالىكى مەزھىپىدىكى ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەكىلدىكى نىكاھ توغرا بولمايدۇ، نىكاھتىن ئىلگىرى بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ." ["ئەلئىستىزكار" ناملىق ئەسەر 16-توم 203-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: ھەرقانداق ئادەمنىڭ شەرت يولى بىلەن توي قىلغانلىقى ئاشكارا بولسا، ئۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك بولىدۇ، نىكاھنىڭ باشقا شەرتلىرىنى تولۇقلاپ يېڭىدىن نىكاھ قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئىككى تەرەپ رازى بولغان شەكىلدە ئايالغا تويلۇق مېھرى بېكىتىدۇ. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيختىن شەرتلىك نىكاھ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: "بۇ شەكىلدىكى نىكاھ توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئادەم ئۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەنسە، باشقىدىن توي تەلىپىنى قويۇپ، ئايالغا لايىق شەكىلدە مېھرى ھەققى بىرىپ نىكاھلانسا دۇرۇس بولىدۇ." ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەر 10-توم 160-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئايالنى ۋەلىسى يېڭىدىن ئەرگە بېرىدۇ، شەرئى نىكاھ، شەرئى تويلۇق، ئىككى گۇۋاھچىنىڭ ھازىرلىقى قاتارلىق شەرتلەر بىلەن نىكاھىنى قىلىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۇ ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئەر ئەسلىدىكى ئەر شۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشنىڭ كېرىكى بولمايدۇ. ئەمما ئەر كىشىنىڭ ئۇ ئايال بىلەن قايتا توي قىلغۇسى يوق شۇنداقلا ئايالنىڭمۇ ئۇ ئەر بىلەن قايتا توي قىلغۇسى بولمىسا، ئەر ئۇ ئايالنى بىر تالاق قىلىدۇ، ئۇ ئايال ئىددەت تۇتۇپ ئىددىتى توشقاندا خالىغان ئادەم بىلەن نىكاھلانسا بولىدۇ." [شەيخ ئىبنى بازنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 21-توم 39-بەت].

لېكىن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى توغرا دەيدۇ ۋە ھەر بىر ئايال ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوخشىشىنىڭ تويلۇقى بېرىلىشى كېرەك دەيدۇ.

بۇ قاراشقا ئەگەشكەنلەر ياكى ئۆز يۇرتىدىكى ئومۇمى خەلق ھەنەپى مەزھىپىگە ئەگىشىدىغان ياكى شۇ يۇرتتىكى مەھكىمىدە ھەنەپى مەزھەپ پىقھىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا، ئىجتىھادىي مەسىلىلەردىكى قائىدىگە ئاساسەن بۇ شەكىلدىكى نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ: ۋەلىسىز نىكاھ توغرا ئەمەس دېگەن سۆزدىن كېيىن، بۇ ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ خىلاپىدىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى دېدى.

ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نىكاھنى يۇرتنىڭ ھاكىمى سەھىھ دېگەن بولسا ياكى بۇ نىكاھنى ھاكىم قىلغان بولسا، ئۇنى بۇزۇش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك باشقا توغرا بولمىغان نىكاھنىمۇ بۇزۇش توغرا بولمايدۇ." ["ئەلمۇغنى" 7-توم 6-بەت].

ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نىكاھنى توغرا دېگەن قاراشقا ئەگەشكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئىجتىھادى ئۆزگەرسىمۇ نىكاھ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئارىسى ئايرىۋېتەلمەيدۇ، بۇ ھۆكۈمگە ئوخشاشتۇر." ["ئەلفۇرۇئ" 11-توم 218-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: ھالال قىلىپ بېرىش نىكاھى توغرىسىدا سوراپ بۇ نىكاھنى دۇرۇس دېگەن ئۆلىمالارغا ئەگەشكەن مۇسۇلمانلار قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن ئۆرپىدە ياكى ئاغزاكى بىرلىككە كېلىپ ھالال قىلىپ بېرىشقا يول تۇتقان بولسا، ئەر ئايالىنى تالاق قىلسا ياكى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قانچە ھەدىستە بۇنداق قىلغانلارغا لەنەت قىلغان. ئايالنى دەسلەپتە تالاق قىلغان كىشى ئۈچۈن بۇنداق نىكاھ قىلدۇرۇش توغرا بولمايدۇ، ھالال قىلىپ بېرىدىغان ئەر ئۈچۈن ئۇ ئايالنى ھالال قىلىپ بىرىمەن دەپ تۇتۇپ تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىتىش لازىم بولىدۇ.

لېكىن بۇ ئىش ئىجتىھاد بىلەن ياكى ئەگىشىش بىلەن ئاشكارا بولسا، دۇرۇس بولىدۇ، يەنى ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئېرىگە ھالال بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېرى بىلەن توي قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بىلىنسە، كۈچلۈك قاراشتا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى كىلىچەكتە ئۇنداق ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك. ئۆتكەن ئىشلارنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلغاي". "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسەر 32-توم 151-152-بەتلەر].

مۇشۇنىڭغا ئاساسەن سىزنىڭ نىكاھىڭىز توغرا بولسىمۇ، لېكىن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن بايان قىلىنغاندەك، بۇندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشى چەكلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى