چارشەنبە 9 رەبىئۇسسانى 1442 - 25 نويابىر 2020
Uygur

خىزمەتچىگە پايدىدىن مەلۇم نىسبەت بېرىپ، ئۇنى مەجبۇرى جازانە بانكىسىدا قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن كانادادا ئاليۇمىن زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، ھەر يېلى يىل ئاخىرىدا شىركەت يىللىق پايدىدىن مەلۇم مىقدارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار ئىشچى_خىزمەتچىلەرگە تارقىتىدىغان پايدىنىڭ يېرىمىنى نەخ بېرىدۇ، يەنە يېرىمىنى مەجبۇرى بانكىدا قويۇپ ياشانغاندا دەم ئېلىشقا چىققاندا ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، پايدىنىڭ بانكىدا قويۇلغان قىسمىغا يىللىق ئۆسۈم قېتىلىدۇ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدۇ، شەرىئەتتە بۇ مالنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مەن بۇ مالنى رەت قىلىشقا قادىر بولالايمەن، جازانە شەكىلدىكى پايدىدىن يىراق بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار بىلەن  نەخپۇلدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتۇر، لېكىن شۇنداق قىلغاندىمۇ يەنىلا جازانە بانكىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھاراق-تاماكا ئىلىپ-سېتىش، جازانە شەكىلدىكى بانكىلاردىن پايچېكى سېتىۋىلىش قاتارلىق چەكلەنگەن تىجارەتلەرگە كېرىپ قالىدىكەن، بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شىركەت ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىدىغان ۋە مەجبۇرى بانكىدا قويىدىغان مەبلەغ بۇ ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ خاس ھېسابىغا قويۇلىدىغان خۇسۇسىي مۈلكى بولۇپ، ئۇلار خىزمەت قىلىۋاتقان مۇددەتتە ھەتتا دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر بۇ مالنى ئىشلىتىشتىن چەكلەنسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ مالدىكى ئىگىدارچىلىقى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىلمەيدۇ.

شېركەتنىڭ ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى مەجبۇرى ھالەتتە جازانە بانكىسىدا قويۇۋېتىشى ئوپ-ئوچۇق زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىشچىلارنىڭ ھەققىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇنى چەكلەنگەن ھالەتتە بانكىدا قويدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشقا چېقىشتىن بۇرۇن ئۇ مالنى ئىشلىتىشتىن چەكلىنىشى ئۇلارنىڭ كېلىشىم قىلىپ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قىلىپ بېرىشى بىلەن بولغان دېسەك، ھەرقانداق بىر ھالەتتە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى جازانە بانكىسىدا ئامانەت قويۇشى توغرا بولمايدۇ.

    ئىشچى -خىزمەتچىلەر بانكىدىن بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن گەرچە ئۆزى رازى بولمىسىمۇ بۇ مالنى پاكىزلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئالغان پايدا شۇ مالدىن  كېلىپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھارام مالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جازانىدىن كەلگەن پايدىنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىشى، بانكىدىكىلەرگە قويۇپ قويماسلىقى كېرەك. بۇ ھەقتە 174697- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەگەر ئىش بۇ مالنى مەخسۇس ھارام جازانە بىلەن كۆپەيتىش بىلەن ھارام ئارىلاشقان پايچېكى سېتىۋېلىش ئارىسىدا بولغان بولسا، چوقۇم ئىككىنچىسى يەنى ھارام ئارىلاشقان پايچېكى سېتىۋېلىش مەخسۇس جازانى بىلەن كۆپەيتكەندىن يەڭگىل بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بانكىدىن بۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كۈچىنىڭ يېتىشچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ مالنى ھېسابلاپ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھارام مىقداردىن قۇتۇلۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد