جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قازا بولۇپ كەتكەن رامىزان روزىسىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇش زۆرۈر ئەمەس.

سۇئال

كېسەللىك سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىدا بەش كۈن روزا تۇتالمىدىم، بۇ قازا روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇشۇم كېرەكمۇ ياكى ھەر ھەپتىدە بىر كۈندىن تۇتساممۇ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا مەلۇم سەۋەپتىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى دەلىل قىلغان: شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَتەرجىمىسى: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    قازا بولۇپ كەتكەن رامىزان روزىسىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇشنى شەرت قىلمىغان، قازا روزىنى ئادا قىلغۇچى ئۈچۈن قايسى شەكىلدە روزا تۇتۇش مۇۋاپىق بولسا تۇتسا بولىدۇ، ئارقىمۇ-ئارقا تۇتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى بويىچە ھەپتىدە بىر كۈن ياكى ئايدا بىر كۈندىن تۇتسىمۇ بولىدۇ، يۇقىردا بايان قىلىنغان ئايەت بۇنىڭغىمۇ دەلىل بولىدۇ، چۈنكى ئايەتتە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇشنى شەرت قىلمىغان. ]"ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 167-بەت، "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 4-توم 408-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتماي، ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى ئايرىم-ئايرىم كۈنلەردە تۇتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل كەلتۈرگەن: شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَتەرجىمىسى: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

   ئايەتتە ئاللاھ تائالا رامىزاننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇشنى شەرت قىلمىدى. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10-توم 346-بەت].

    "شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋاسى" 15-توم 352-بەتتە: بىر كىشى رامزاندا ئىككى-ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىتتا روزا تۇتالمىغان بولسا، ئۇ كىشى كىيىن تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، قازا روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ئارقىمۇ-ئارقا تۇتسا ياخشى بولىدۇ، ئارقىمۇ-ئارقا تۇتالمىسا، ئايرىم-ئايرىم تۇتسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، دېيىلگەن".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى