بۇ توغرىدا شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسىھ قىلىش مۇددىتى ئاخىرلاشقانلىق بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، مەسىلەن: مەسىھنىڭ مۇددىتى چۈش سائەت ئىككىدە ئاخىرلىشىدىغان بولسا، سىزنىڭ تاھارىتىڭىز كەچ كىرگىچە بۇزۇلمىغان بولسا، تاھارەتلىك ھالەتتە قالىسىز، چۈنكى مەسىھنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىش بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ دەيدىغانغا بىر دەلىل يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسىھ قىلىشنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ بەردى لېكىن تاھارەتنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىپ بەرمىدى. بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قائىدە بار، ئۇ بولسىمۇ: شەرئى دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ئىش پەقەت شەرئى دەلىل بىلەن كۆتۈرىلىدۇ (يەنى ئەمەلدىن قالىدۇ)، چۈنكى ئەسلى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدە قالىدۇ.
پايپاق ياكى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش مۇددىتى ئاخىرلاشقانلىق بىلەن تاھارەتنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا
سوئال 21705
مەن، پايپاق ياكى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش مۇددىتى مۇقىم كىشى ئۈچۈن بىر كېچە-كۈندۈز، سەپەردىكى كىشى ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز دەپ ئوقۇدۇم، ئەگەر شۇنداق بولغاندا بەلگىلەنگەن بۇ ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟ ياكى مەسىھ قىلىش مۇددىتى ئاخىرلاشسىمۇ تاھارەت بۇزۇلماي ئەسلى بويىچە قالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاياغ كىيىمگە مەسھى قىلىش
مەنبە:
«ئايلىق ئۇچرىشىش» پىراگرامىسىدىن قىرىق تۆتىنچى ئۇچرىشىش.