سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بىدئەت ئەمەس بەلكى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر

سۇئال

تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلمىغان، تۇنجى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ يولغا قويغانلىقى سەۋەبلىك بىدئەت دەپ قارىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

تەراۋىھ نامىزىنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلمىغان، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغۇچى بەزى كىشىلەر، تەراۋىھ نامىزى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ سۈننىتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇبەي ئىبنى كەئەب ۋە تەمىم ئەددارىينى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ 11 رەكئەت ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىغان، ئۇ بىر كېچىسى مەسچىتكە چېقىپ كىشىلەرنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت (يېڭىلىق) دېگەن، بۇ سۆز تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن يولغا قويۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دېيىشىدۇ.

لېكىن يۇقىرىقى سۆزلەر كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ، بەلكى بۇ سۆزلەرنى بازار تاپقۇزۇشنى نىيەت قىلىۋاتقانلار، بۇخارى-مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا بايان قېلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن خەۋەرسىز قالغان ياكى ھەدىسنىڭ مۇرادىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشچە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇدا ئۈچ كۈن كېچىدە تۇرۇپ ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، كېيىنكى كېچىدە ئوقۇمىغان ۋە: مەن بۇ نامازنىڭ سىلەرگە پەرز بولۇپ قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن دېگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 872-ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن كېچىلىك نامازنىڭ سىلەرگە پەرز بولۇپ قىلىنىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئەگەر پەرز بولۇپ قالسا بۇنى ئادا قىلالمايسىلەر دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1271-ھەدىس].

يۇقىرىقى دەلىللەرگە قارايدىغان بولساق؛ تەراۋىھ نامىزى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىستە مەزكۇر نامازنىڭ داۋاملاشتۇرمىغانلىقىدىكى سەۋەبنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنەرسە دېمىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرگە داۋاملاشتۇرمىغانلىقىدىكى ئاساسى سەۋەپ، بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەنلا بۇ ئەنسىرەش تۈگىدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن كىلىدىغان ۋەھىي ئۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەرز ئەمەللەردىن بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەشمۇ تۈگىدى، ئۇنداق بولغانىكەن بۇ ناماز ئەسلىدىكى سۈننەتلىك ئورنىغا كەلدى دېگەن گەپ. [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"شەرھى مۇمتىئ  ناملىق ئەسىرى 4-توم 78-بەتكە قارالسۇن].

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  ئۆزى ياقتۇرۇپ قىلىدىغان بەزى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى داۋاملىق قېلىشنى تەرك قىلاتتى، سەۋەبى بۇنى داۋاملاشتۇرسا، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قىلىپ، بۇ ئەمەللەرنىڭ ئۇلارغا پەرز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 1060-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 1174-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرى-شەپقىتى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلاردىن: تەراۋىھ نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئەمەس دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بەلكى مەزكۇر نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە پەرز بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تەرك قىلغان مۇھىم سۈننەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن بۇ ئەنسىرەش يوقالدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئىككى يىللىق خىلاپەت دەۋرىدە دىندىن يېنىۋالغۇچى مۇرتەدلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۆتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، مۇسۇلمانلارغا ئىشنىڭ ھەقىقىتى روشەن بولدى، ئۇ، كىشىلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكىدەك رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت شەكىلدە ئوقۇشقا بىرلەشتۈردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنى يولغا قويۇشى بولسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ئىبادەتنى ئۆز تەرىپىدىن يولغا قويماستىن بەلكى  ئەسلىدىكى سۈننەتكە قايتقىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد