كۆپچىلىك ئالىملار نىجاسەتلەردىن ئازراق قان ۋە قۇسۇقتىن ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى، چۈنكى بۇ توغرىدا كەلگەن دەلىللەر ئومۇمەن نىجاسەتنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى ئايرىماستىن مۇتلەق كەلگەن.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " نىجاسەتنىڭ ئاز-كۆپلىكىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، مەيلى ئۇ ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرىدىغان نىجاسەت بولسۇن ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان نىجاسەت بولسۇن ئوخشاشتۇر. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھدىن: كۆرگىلى بولمايدىغان ئازغىنە نىجاسەت بولسا، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەنلىكى بايان قېلىنىدۇ". [ئەل مۇغنى 1-توم 46-بەت].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ، مۇنداق دەيدۇ: "قان، يېرىڭ ۋە قۇسۇقتىن باشقا نىجاسەتلەرنىڭ ئاز-كۆپىدىن ئەپۇ قىلىنمايدۇ".
ئەمما قان، قۇسۇق ۋە يېرىڭ قاتارلىق نىجاسەتلەر ئاز مىقداردا بولۇپ ئەۋرەت يوللىرىدىن چىقمىغانلا بولسا ئۇنىڭدىن ئەپۇ قېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئازلىرىدىن ساقلىنىش قېيىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى)» [سۈرە ھەج 78-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5-توم 396-بەتكە قارالسۇن.
ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى: "قان، سۈيدۈك ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق نىجاسەتلەردىن ئازراق بولغانلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى". [ئەل ئىختىيار 1-توم 31-بەت].
چۈنكى كىيىمنىڭ ياكى بەدەننىڭ بىر تەرىپىگە يۇقۇپ قالسا بىلگىلى بولمايدىغان ئاز نىجاسەتلەردىن ساقلىنىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ.
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كىيىمگە چاچراپ كەتكەن يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك ئاز سۈيدۈك توغرىسىدا ئۆلىمالار پەرقلىق قاراشتا بولدى، بىر بۆلەك ئۆلىمالار: ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇ سۈيدۇكنى يۇيۇۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ دېدى. ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ ساھىبى مۇھەممەد بىن ھەسەن شەيبانى ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دەپ قارىغان.
مىسئەر ئىبنى كۇدامغا: "ئەبۇ ھەنىپەنىڭ ساھىبى ئەبۇ يۈسۈپ كىيىمگە يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك ياكى چېكەتكىنىڭ كۆزىدەك سۈيدۈكلەر چاچراپ كەتكەن بولسا، ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ دەيدىكەن دېيىلگەندە، مىسئەر ئىبنى كۇدام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ بۇ قارىشىنى ياخشى كۆرگەن".[ئەل ئەۋسەت 2-توم 138-بەت].
چاچراپ كەتكەن ئازراق سۈيدۈكتىن ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا، ئەبۇ ۋائىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈيدۈك چاچراپ كېتىش مەسىلىسىدە بەك چىڭ تۇرىدىغان بولۇپ، كىيىمىگە سۈيدۈك چاچراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شېشىگە سىيەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: "بەنى ئىسرائىللاردىن بىرىنىڭ بەدىنىگە ياكى كىيىمىگە سۈيدۈك چاچراپ كەتسە، سۈيدۈك چاچرىغان ئورۇننى قايچا بىلەن كېسىۋېتەتتى". ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ساھىبىڭلارنىڭ(يەنى ئەبۇ مۇسانىڭ)سۈيدۈك چاچراپ كېتىش ئىشىدا بۇ قەدەر قاتتىقلىق قىلماسلىقىنى ياقتۇرىمەن، مەن ئۆزۈمگە قارىسام، ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كېتىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلەت دۆۋلەپ قويغان تامنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ سىلەر تۇرغاندەك مۇشۇنداق تۇرۇپ سىيدى، مەن ئۇنىڭدىن يىراقلاشماقچى بولۇپ ماڭسام، مېنى چاقىرىپ: «مەن كېچىك تەرەت قىلىپ بولغىچە كەينىمدە تۇرغىن» دېدى. [مۇسلىم بايان قىلغان 403-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەقسىتى، بۇنداق قاتتىقلىق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن، شەكسىزكى، ئۆرە تۇرۇپ سېيگۈچىگە سۈيدۈك چاچرايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ئېھتىماللىققا پەرۋا قىلمىغان، شۇنداقلا ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلغاندەك، ئاۋارە بولۇپ شېشىگىمۇ سېيمىگەن" . [سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 3-توم 167-بەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاز نىجاسەتلەردىن ئەپۇ قېلىنىدۇ، يېمەكلىكلەرگە چاشقان مايىقى دېگەندەك نەرسىلەر چۈشۈپ كەتسىمۇ ئەپۇ قېلىنىدۇ، بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدىكى مەشھۇر قاراشتۇر. كوچىلاردىكى لاينىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكى ئەمەلىيلەشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاز بولغانلىرىدىن ئەپۇ قېلىنىدۇ، تېزەك دېگەندەك نىجىس نەرسىلەرنىڭ چاڭ-توزاڭلىرى ئۆچۈپ چۈشسىمۇ بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ قېلىنىدۇ". [پەتىۋا كۇبرا 5 -توم 313 -بەت].
ھەنەفى مەزھىپىدىكى ئالىم ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: "نىجاسەتنىڭ ئازلىرىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ، چىۋىن ئاۋۋالدا نىجاسەتكە چۈشۈپ ئاندىن ئۇچۇپ كېلىپ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىمىگە قونغاندا، چوقۇم ئۇنىڭ ئىككى پۇتى، قاناتلىرىدا ئازراق نىجاسەت بولىدۇ، ئەگەر ئاز نىجاسەتلەردىن ئەپۇ قىلىنمىسا ئىدى، كىشىلەر قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولاتتى" . [بەدائى ۋە سەنائىئ 1 -توم 79 -بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: توغرا بولغىنى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىبنى تەيمىيە قاتارلىقلارنىڭ قاراشلىرىدۇر، ساقلىنىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاز نىجاسەتلەرنىڭ جۈملىدىن: سۈيدۈك تېمىپ تۇرىدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالى، ئۇنداق ئىشقا گېرىپتار بولغان كىشى مۇمكىن بولغان مىقداردا بەدىنىگە ۋە كىيىمىگە سۈيدۈك تېمىپ كېتىشتىن ساقلىنىدۇ" . [شەرھىل مۇمتى 1 -توم 447 -بەت].
بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىگە مۇۋاپىق سۆزدۇر، شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋە ھالەتتە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نىجاسەتتىن پاك بولىشى، نامازدىن ئىبارەت كاتتا ئىبادەتنى ئادا قىلىش ۋە زىممىسىدىكى تەلەپ قىلىنىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : "نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەدەن، كىيىم ۋە ئورۇننىڭ پاكىز بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، چوڭ-كىچىك تەرەت سۇندۇرغاندا بەك ئېھتىياتچان بولۇشقا تېرىشىش لازىم" [ئىبنى ئابدۇل بەرنىڭ : ئەتتەمھىيد 22 -توم 241 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.