بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەج قىلغۇچىغا ھەجدە ۋاجىپ بولىدىغان ھەدىيە بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: تەمەتتۇ ۋە قىران ھەجنىڭ ھەدىيلىرى، كىمكى تەمەتتۇ ياكى قىران ھەج قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىمكانىيتى بولسا، ھەدىيە بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا روزا تۇتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ذَلِكَ لِمَن لَّمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيتىگە ئېگە بولساڭلار، سىلەردىن كىمكى ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىرگە قىلىدىكەن، يەنى قىران ھەج قىلىدىكەن، ياكى دەسلەپتە ئۆمرە قىلىپ كېيىن ھەجگە ئېھرام كىيىپ ھەج قىلىدىكەن، بۇ پىقھى ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدىكى تونۇشلۇق بولغان تەمەتتۇ ھەجدۇر، ئۇ كىشى نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، ئەڭ تۆۋىنى بىر قويدۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1-توم 537-بەت].
ھەديىنى بوغۇزلايدىغان ئورۇن مەككىدىكى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بولىدۇ.
ئىبنى ئەرەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەديەنىڭ ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق". ["ئەھكامۇل قۇرئان" 2-توم 186-بەت].
"پىقھى توپلاملىرى"42-توم 250-251-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى ھەديەنىڭ ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلىنىشقا خاس قىلىنغانلىقى، ئۇنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سېرتىدا بوغۇزلاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. ئاللاھ تائالا ئوۋ ئۋلىغاننىڭ جازاسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ تەرجىمىسى: «ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر» [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ تەرجىمىسى: «ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر)» [سۈرە ھەج 33-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە مال بوغۇزلىدىم، مىنانىڭ ھەممىسى مال بوغۇزلايدىغان ئورۇندۇر، مالنى چۈشكەن ئورۇنلىرىڭلاردا بوغۇزلاڭلار».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەككىنىڭ ھەممە كوچىلىرىدا مال بوغۇزلاش دۇرۇس بولىدۇ».
بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى مەككىنىڭ كەمبەغەل، نامراتلىرىغا تارقىتىپ بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، يېيىش ۋە باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مەككىنىڭ سىرتىغا يۆتكەشمۇ دۇرۇس بولىدۇ.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بوغۇزلىغان ھەدىيەنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېمەيتتۇق. يەنە بىر يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقلاپ يېيىشكە رۇخسەت قىلىپ: «يەڭلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك قىلىپ ئېلىۋېلىڭلار»دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىز يېدۇق ۋە ئوزۇقلۇق قىلىپ ئېلىۋالدۇق. [بۇخارى رىۋايىتى 1719-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1972-ھەدىس].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەمەتتۇ ۋە قىراننىڭ ھەدىيەلىرى ئىككى ئىبادەتنى بىر سەپەردە قىلغانلىقنىڭ شۈكرانىسى ۋە رەھمىتى ئۈچۈن بولۇپ، بۇنى پەقەت ھەرەمنىڭ كەمبەغەللىرىگە سەرپ قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھۆكمى قۇربانلىقنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭدىن ئۆزى يەيدۇ، مېھمانلارغا بېرىدۇ ۋە مەلۇم قىسمىنى ھەرەمدكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىدۇ.
ئەگەر ئىنسان تەمەتتۇ ۋە قىران ھەجنىڭ ھەدىيەسىنى مەككىدە بوغۇزلاپ، ئاندىن ئۇنىڭ گۆشىنى جىددە، تائىپ ياكى مەدىنە قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ چېقىپ كەتسە دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇ گۆشتىن ھەرەمدىكى كەمبەغەللەرگە ئازراق بولسىمۇ سەدىقە قىلىش كېرەك. ["شەرھىل مۇمتى" 7-توم 203-بەت].
ئىككىنچى: ھەجدىكى بىرەر ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك قىلغانلىق ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان ھەدىيە، كىمكى ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرەر ۋاجىپنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشى يۈز بەرگەن بۇ كەمچىلىكنى ئەڭ ئاز بىر قوي بوغۇزلاش بىلەن تولۇقلايدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھەج پائالىيىتىدىن بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى تەرك قىلغان بولسا بۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بىر قوي بوغۇزلىسۇن» [ئىمام مالىك "ئەلمۇئەتتا"دا1583- كەلتۈرگەن].
بۇ مالنى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاپ گۆشىنى ھەرەمدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئۆزى يېسە بولمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: تەمەتتۇ ۋە قىران ھەجنىڭ ھەدىيەسىنى بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ. ۋاجىپ ئەمەللەردىن بىرەرنى تەرك قىلغاننىڭ ھەدىيەسىنى مەككىدە بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر» [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].
شەرىئەت مەلۇم ئورۇندا بوغۇزلاشنى قەيت قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇندا بوغۇزلاش توغرا بولمايدۇ، بەلكى شۇ ئورۇندا بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ، ھەدىيە مەككىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ گۆشلىرى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 25-توم 83-بەت].
ئۈچىنچى تۈرى: ھاجىلارنىڭ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرنى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بوغۇزلىنىدىغان ھەدىيە.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىلىش ھارام بولغان ئىشلار قۇرئان كەرىم دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّى يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِّن رَّأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِّن صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ تەرجىمىسى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].
"شەرھىل مۇمتى" 7-توم 408-بەت.
ئىمام قۇرتۇبىينىڭ"جامى لى ئەھكامىل قۇرئان" 3-توم 292-293-بەتلەر.
ھەديە ۋاجىپ بولسا، ئۇنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان ئورۇندا بوغۇزلاش بىلەن تارقىتىپ بېرىشنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، بۇ ئورۇن ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن ئوخشاش ۋە ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاپ، تارقىتىپ بېرىشنىڭ ئارىسىدا ئىختىيارلىقتا بولىدۇ.
بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئەبنى كۆردى، ئۇنىڭ يۈزىگە بېشىدىن پىتلار تۆكۈلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پىتلار ئەزىيەت يەتكۈزىۋاتامدۇ؟» دېدى، كەئەب: ھەئە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چېچىنى چۈشۈرۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇ ھۈدەيبىيىدە ئېدى، ئۇلارنىڭ ئېھرامدىن چىققانلىقى ئېنىق بولمىغان ئېدى، ئۇلار مەككىگە كېرىشنى تاما قىلىپ تۇراتتى، ئاللاھ تائالا پىديە توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى بىر قوي قۇربانلىق قىلىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن بىرنى تاللاشقا بۇيرىدى» [بۇخارى رىۋايىتى 1817-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1201-ھەدىس].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەۋەپ تېپىلسا ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاپ تەقسىم قىلىپ بېرىش دۇرۇس بولغان نەرسىنى، ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاپ تەقسىم قىلىپ بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە دۇرۇس بولمايدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 7-توم 204-بەت].
مۇشۇ تۈردىن: ئېھراملىق كىشىگە بىرىنچى قېتىملىق ھالال بولۇشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن بىرگە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاجىپ بولغان جازا تۆگىنىمۇ ھەرەم دائىرىسىدە بوغۇزلاش كېرەك بولىدۇ:
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر چەكلەنگەن ئىش ھەجدە بىرىنچى قېتىملىق ھالال بولۇشتىن ئىلگىرى جىما قىلىش بولسا، ئۇنىڭدا بۇ ئىشنى سادىر قىلغان ئورۇندا تۆگە بوغۇزلاش ۋاجىپ بولىدۇ ياكى مەككىدە بوغۇزلاپ، ئۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 222-بەت].
تۆتىنچى: ھەجنى تاماملاشتىن چەكلىنىدىغان ياكى ئېھراملىق يولغا چېقىپ مەككىگە كىرەلمەيدىغان ھالەتلەر بولۇپ قالسا (يەنى بۇ توسۇلۇپ قىلىش دېيىلىدۇ) بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاز بىر قوي بوغۇزلاپ توسۇلۇپ قالغان ئورۇندا ئېھرامدىن چىقىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ تەرجىمىسى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].
بۇنىڭ ھۆكمى ئىلگىرىكى تۈرنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ، ئۇ كىشى ھەدىيەنى توسۇلۇپ قالغان ئورۇندا بوغۇزلايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھۈدەيبىيە سۈلھىسى بولغان يېلى مەككىگە كېرىشتىن توسۇلۇپ قالغاندا، ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلىغان.
شۇنىڭدەك، ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە بوغۇزلاپ ئۇنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ چىققاندا، قۇرەيش كاپىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىگە كېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن چەكلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۈدەيبىيەدە چېچىنى ئالدۇرۇپ مالنى بوغۇزلىغان» [بۇخارى رىۋايىتى4252 -ھەدىس].
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋەقەلىكنىڭ كۆرۈنىشىدىن: ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مالنى ئۆزى تۇرىۋاتقان ئورۇندا بوغۇزلىدى، بۇ ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتى ئېدى، بۇ ۋەقە بۇنداق قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
"پەتھۇل بارى" 4-توم 11-بەت.
بەشىنچى: ئېھراملىق ھالەتتا ياكى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە ئوۋ ئوۋلىغاننىڭ جازاسى ئۈچۈن بوغۇزلىنىدىغان مال، ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلىنىپ ھەرەمدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ، بۇ مالنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاش توغرا بولمايدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنتُمْ حُرُمٌ وَمَن قَتَلَهُ مِنكُم مُّتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِّثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِّنكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَلِكَ صِيَامًا لِّيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ وَمَنْ عَادَ فَيَنتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انتِقَامٍ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇ» [سۈرە مائىدە 95-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: "ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر" دېگەن ئايىتىدە: ھەرەم دائىرىسىگە ئېلىپ كېلىپ ئلاتۈرۈش دېمەكتۇر"، مالنى ئۇ يەردە بوغۇزلاپ، گۆشىنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىش، بۇ شەكىلدە ئادا قىلىش ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق كىلگەن ئىشتۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 3-توم 194-بەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاش يولغا قويۇلغان ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاش يولغا قويۇلغان ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسىگە يۆتكەپ ئەكىلىپ بوغۇزلىسا دۇرۇس بولىدۇ.
بىر كىشى ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولۇپ، ھەجنىڭ ھەدىيەسىنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، لېكىن ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلىغان ھەدىيەنىڭ ئورنىغا ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە باشقا بىر ھەديە بوغۇزلايدۇ، ئەگەر ئۆزى بىۋاستە مەككىگە بېرىپ بۇ ئىشنى قىلالمىسا، ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە مال بوغۇزلايدىغانغا ئىشەنچىلىك بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەمەتتە ۋە قىران ھەجنىڭ ھەديىسىنى پەقەت ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاش دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئەرەپات، جىددە دېگەندەك ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى باشقا جايلاردا بوغۇزلىغان بولسا، گەرچە گۆشىنى ھەرەمدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەرگەن بولسىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ، بۇ كىشى بىلىپ قىلغان بولسۇن ياكى بىلمەي قىلغان بولسۇن، ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە باشقا بىر ھەدىيە بوغۇزلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاپ: «ھەج پائالىيتىڭلارنى ماڭا ئوخشاش قىلىڭلار» دېگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ قۇربانلىق ھەديىلىرىنى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلىغان". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 31-32-بەتلەر].
ىئىككىنچى: سىزنىڭ: نېمە ئۈچۈن ھەدىيە ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلىنىش كېرەك بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىڭىزغا كەلسەك، بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:
1-چۈنكى بۇنداق قىلىش قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان، قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاپ 36-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].
بۇ قۇربانلىق ماللىرىنىڭ، ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ بەلكى بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئىشىدۇر، بۇنىڭدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا "نېمە ئۈچۈن؟" دېمەستىن ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىدىن: نېمە ئۈچۈن ئايال ھەيزدار ۋاقتىدىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ دەپ سورىغان ئايالغا رەت قايتۇرۇپ: «بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە شۇنداق بولاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىتتى، نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمايتتى» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 315-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 335-ھەدىس].
شاتىبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ئىبادەت ئىشلىرىدا بولسا، ئۇنىڭغا زىيادە قىلماستىن ۋە كېمەيتىۋەتمەستىن بويسۇنۇش بىلەن ئۇنىڭ ئىللىتى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: نېمە ئۈچۈن ئايال ھەيزدار ۋاقتىدىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ بۇ سوئالىغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن، چۈنكى ئىبادەتتە ئۇنىڭ خاس ئىللىتىنى چۈشىنىش يولغا قويۇلمىغان، ئاندىن ئۇ ئايالغا مۇنداق دېگەن: «بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە شۇنداق بولاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىتتى، نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمايتتى». بۇ ئىبادەتتە ئۇنىڭ ئىللىتىنى بىلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۈچلاندۇرىدۇ.
ئىبنى مۇسەييىب: شەرىئەتنىڭ ھەممە بارماقنىڭ دېيىتىنى باراۋەر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىدە: قىرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بۇ سۈننەتتۇر دېگەن سۆزى ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلەر كۆپ". ["ئەلمۇۋاپىقات" 2-توم 526-بەت].
2-ھەدىيە بوغۇزلاش دېگەن ھەج پائالىيەتلىرىدىن بىر پائالىيەتتۇر، ھەج مەككىگە ئالاقىدار بولىدۇ، ھەجنىڭ كۆپ ئەمەللىرى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەدىيەنى بوغۇزلاشمۇ ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەسلى ئورنىغا مۇۋاپىق ئۆز ئورنىدا يەنى ھەرەم دائىرىسىدە بولىدۇ.
3-ھەدىيەنى ھەرەم دائىرىسى ئېچىدە بوغۇزلاش ۋە ئۇنى مۇشۇ ئورۇندىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىشتە ئۇلارغا كەڭرىچىلىك قىلىپ بېرىشتۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بۇ ئۇلۇغ ماكاننىڭ ئەھلىگە رىزىق بېرىشكە كىپىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَّبَّنَا إِنِّي أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِّنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُم مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن» [سۈرە ئىبراھىم 37-ئايەت].
"ئەلمۇغنى" 5-توم 451-بەتكە قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.