سەيشەنبە 11 سەپەر 1442 - 29 سىنتەبىر 2020
Uygur

نامازنى مەخپى ۋە ئاشكارا ئوقۇش توغرسىدىكى دەلىللەر توغرىسىدا

سۇئال

پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى مەخپى ئوقۇش ۋە بامدات، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنى ئاشكارا ئوقۇش توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە قانداق دەلىللەر بار؟.بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ مۇشۇنداق يۈكسەك ھىممىتىڭىزگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىمىز، سىزنىڭ مۇشۇ ياشتا تۇرۇپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن بولغان دەلىللەرنى بىلىشكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىز بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن سىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئىقتىدا قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيراً  تەرجىمىسى: سىلەرگە- ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر. [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنۇمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇغان، ئۇنىڭدىن باشقا نامازلارنى مەخپى ئوقۇغان.

    بەزى نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەردىن:

    -جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 735-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 463-ھەدىس].

   -بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەن نامىزىدا ۋەتتىين ۋەززەيتۇنى سۈرىسىنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ ئاۋازىدىنمۇ چىرايلىق بىر كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىم دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 733-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 464-ھەدىس].

    -ئىبنى ئابباس رەزىيەللھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان جىنلارنىڭ ھازىر بولۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان تىڭشىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلار بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، قۇرئاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىرائىتىنى تىڭشىدى، دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 739-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 449-ھەدىس].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا ھازىر بولغان كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىدا قىرائەتنى مەخپى قىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىن:

    خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشىدىن بىرسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىدا قىرائەت قىلامتى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ زات: ھەئە دېگەن، بىز: ئۇنى قانداق بىلىتتىڭلار؟ دېسەك، ئۇ زات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىدىن بىلەتتۇق دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 713-ھەدىس].

     بۇنىڭدىن شۇ ئوچۇق بولىدۇكى، قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان نامازلاردا ئۈنلۈك ئوقۇش ۋە مەخپى ئوقۇيدىغان مەخپى ئوقۇش ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ھۆكۈمگە بىرلىككە كەلگەن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە قىرائەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئاڭلىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇغان نامازلارنى بىزمۇ سىلەرگە ئاڭلىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇدۇق، بىزگە ئاڭلاتماي مەخپى ئوقۇغان نامازلارنى بىزمۇ سىلەرگە ئاڭلاتماي مەخپى ئوقۇدۇق. [بۇخارى رىۋايىتى 738-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 396 –ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىدە، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، جۈمە نامىزىدا، ئىككى ھېيت نامىزىدا قىرارئەتنى ئۈنلۈك قىلىش سۈننەتتۇر. پېشىن، ئەسىر، شامنىڭ ئۈچىنچى رەكىتىدە، خۇپتەننىڭ كېيىنكى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى مەخپى قىلىش سۈننەتتۇر. بۇنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن، ئوچوق سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر". ["ئەلمەجمۇئ شەرھىل مۇھەززەب"3-توم 389-بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىدا قىرائەتنى مەخپى قىلىش، شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە ۋە بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىدە قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىش سۈننەتتۇر. بۇنىڭ ئاساسى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى توغىرسىدىكى دەلىللەرنى ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىدىن كېيىنكى ئالىملار ئەينەن نەقل قىلغان. ئەگەر نامازدا قىرائەتنى مەخپى ئوقۇيدىغان ئورۇنلاردا ئۈنلۈك ئوقۇسا ياكى ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان ئورۇنلاردا مەخپى ئوقۇسا نامىزى توغرا بولسىمۇ سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ". ["ئەل مۇغنى"2-توم 270-بەت].

   بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 13340-65877-67672- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى