پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نامازدا قىرائەتنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋە ئىچىدە ئوقۇشتىكى ھېكمەت نېمە؟

67672

تارقاتقان ۋاقىت : 16-08-2013

كۆرگۈچىلەر : 4971

سۇئال

پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىدا تىلاۋەتنى ئىچىدە قىلىش، باشقا پەرز نامازلاردا تىلاۋەتنى ئاۋازلىق ئوقۇشتا مەلۇم بىرەر ھېكمەت بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇر.

بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈنلۈك ئوقۇغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇش، ئىچىدە ئوقۇغان نامازلارنى ئىچىدە ئوقۇش نامازنىڭ پەرز-ۋاجىبلىرىدىن بولماستىن بەلكى نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ناماز ئادا قىلغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە كۆرسەتمىسى بويۇنچە نامىزىنى ئادا قىلىشى ئەۋزەلدۇر.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردا قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇش، پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەردىن بولماستىن بەلكى ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر نامازخان قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان نامازدا قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ دېگەن بولسىمۇ، بۇ سۈرىنى ئاشكارا ياكى مەخپى ئوقۇش توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن. ناماز ئوقۇغۇچى نامازدا ئوقۇش ۋاجىپ بولغان ئايەتنى ئۈنلۈك ياكى ئىچىدە ئوقۇسۇن، ماھىيەتتە ۋاجىبنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئەمما قىرائەت ئاشكارا ئوقۇلىدىغان بامدات ۋە جۈمە نامىزىغا ئوخشاش نامازلاردا قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.

ئىمام بولغان كىشى ئاشكارا ئوقۇيدىغان نامازدا قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ ئەمما كامىل بولمايدۇ.

ئەمما يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى ئاشكارا ئوقۇيدىغان نامازدا قىرائەتنى ئىچىدە ياكى ئۈنلۈك ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. نامازخان مەزكۇر نامازنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا كەيپىياتىغا قاراپ، قايسىسىنى خۇشۇئ بىلەن ۋە روھلۇق ھالەتتە ئادا قىلالايمەن دەپ قارىسا شۇنى قىلىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 73-بەت].

ئىككىنچى: ئەسلىدە مۇسۇلمان ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئەمەل-ئىبادەتلەردىكى ھېكمەت ۋە ئىللەتلەرنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ توغرا يولغا ماڭغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدىكى ھېكمەت-ئىللەتلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىشى چەكلەنمەيدۇ.

ئۈچىنچى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن: نېمە ئۈچۈن پېشىن-ئەسىر نامىزىنى مەخپى، شام-خۇپتەن نامىزىنى ئاشكارا ئوقۇيمىز دەپ؟ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكتىن شۇنداق قىلىمىز. پەيغەمبەرئەليھىسسالام مەخپى ئوقۇغاننى مەخپى ئوقۇيمىز، ئاشكارا ئوقۇغاننى ئاشكارا ئوقۇيمىز. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّـهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ تەرجىمىسى: سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ناھايىتى ياخشى ئۈلگىدۇر. [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگىنىڭلاردەك ناماز ئوقۇڭلار دېگەن. [بۇخارىي رىۋايىتى]. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى (6-توم 394-395-بەت).

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: نېمە ئۈچۈن قىرائەتنى ئاشكارا قىلىش شام، خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىدا يولغا قويۇلدى، باشقا پەرز نامازلاردا يولغا قويۇلمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دەپ سۇئال سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نامازلارداقىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇشتىكى ھېكمەتنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ياخشى بىلگۈچىدۇر. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: كىشىلەر بامدات نامىزىغا كەلگەندە ئۇيقىدىن ئەمدىلا ئويغانغان بولۇپ، بۇ نامازدا قىرائەت ئاشكارا قىلىنغاندا ئۇلار جۇشقۇنلىشىپ كۆپلىگەن مەنىۋىي مەنپەئەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەمما پېشىن-ئەسىر نامازلىرىدا خىزمەت ۋە تىرىكچىلىك بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبلىك قىرائەت ئۈنلۈك ئوقۇلغاندا ئالىدىغان مەنىۋى ئوزۇقنى ئالالماسلىقى مۇمكىن" (تۈگىدى). [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 11-توم 122-بەت].

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: جۈمە نامىزىدا قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇشتىكى ھېكمەت نېمە دەپ سورالغاندا،شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "جۈمە نامىزىدا قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇشتىكى ھېكمەت: توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. بىرىنچى: بىر ئىمامغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت بولغان بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەر ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم مەخپى قىرائەت قىلغاندىن، نامازخانلار بىردەك ئىمامنىڭ تىلاۋىتىنى تەپەككۇر قىلغىنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ نامايەن بولىشىدا بۈيۈكراق رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ياكى شۇ يۇرت خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بىر جايغا توپلىشىشىنىڭ ۋاجىبلىقى بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى تاماملايدۇ".

ئىككىنچى ھېكمەت: ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدا قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشى جۈمە خۇتبىسىنى تولۇقلاشنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە شۇ كۈنگە ياكى مەزكۇر ئىبادەتكە مۇناسىپ كىلىدىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى يەنى بەزىدە جۈمە سۈرىسى بىلەن مۇناپىق سۈرىسىنى قىرائەت قىلاتتى. چۈنكى بىرىنچى سۈرىدە جۈمە نامىزىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى زىكىر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش بايان قىلىنغان بولسا، ئىككىنچى سۈرىدە، نىپاق- مۇناپىقلىقنىڭ زىكرى ۋە بۇ سۈپەتكە چۈشۈدىغانلارنىڭ قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان. بەزى جۈمە كۈنلىرى بولسا، ئەئلا سۈرىسى بىلەن غاشىيە سۈرىسىنى ئوقۇيتتى، چۈنكى ئەئلا سۈرىسىدە ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى يارتىلىنىش ئەھۋالى، باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت-قانۇنلىرىنىڭ باشلىنىشى بايان قىلىنغان بولسا، ئىككىنچى سۈرىدە، قىيامەت ۋە قىيامەتتىكى جازا-مۇكاپات ئەھۋاللىرى ئىنچىلىك بىلەن بايان قىلىنغان.

ئۈچىنچى ھېكمەت: جۈمە نامىزى بىلەن پېشىن نامىزىنى پەرقلەندۇرۇش.

تۆتىنچى ھېكمەت: جۈمە نامىزى ھېيت نامىزىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى جۈمە كۈنى ھەپتىنىڭ ھېيتىدۇر. (تۈگىدى). [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى16-توم 112-بەت].

توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى