شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش ۋە ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا

سوئال 224718

مەن ھەممە نەرسىگە قادىر بولغان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئالاقىدار بولغان  ۋەسۋەسىلىك ئوي-پىكىرلەردىن ئازابلىنىمەن، چۈنكى ماڭا غەلىتە، مەنتىقسىز ئوي-پىكىرلەر كېلىدۇ، مەن ئۇلارنى ئەقلىمدە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىمەن، بۇ ئوي-پىكىر مېنى ئاللاھنىڭ بۇنداق ئىشلارغا قادىر ئەمەسلىكىگە گۇمان قىلىدىغان قىلىدۇ،  مېنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن ۋەسۋەسىلىك ئوي-پىكىرلەر ماڭا كېلىدۇ، مەن بۇ مەسىلىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا مەسلىھەت ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەگەر سۇ ساقلاش ئورنىڭىزنىڭ تۇربىسىدىن سۇ ئېقىپ كېتىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ چارىسى ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇنى قۇرۇتۇۋېتىش ئەمەس، بەلكى ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇ توختىغانغا قەدەر سۇ تۇربىسىنى  چىڭ ئېتىۋېتىشتۇر.

ھازىر سىزدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش مۇشۇ.  سىز سوئالدا بايان قىلىنغان  ئىككى نەرسىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشسىڭىزمۇ  بۇنىڭدىن ھېچ پايدا ئالالمايسىز، چۈنكى پىكىر ئېقىمى توختىمايدۇ، شەيتاننىڭ ئامبىرى ۋەسۋەسىگە تولغان ۋە تۈگىمەستۇر، سۇ ساقلاش ئورۇننىڭ تۇربىسى ئوچۇق،  بۇ مەسىلىلەردىن قاچان قۇتۇلىسىز؟!.

بۇنىڭ چارىسى: ئۇ ۋەسۋەسىلەرنى توختىتىشقا تىرىشىشتۇر، بۇنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا قىلغىلى بولىدۇ:

بىرىنچى: لەنەتلەنگەن شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەڭ، ئاللاھنى دائىم ئەسلەڭ ۋە قۇرئاننى كۆپ ئوقۇڭ، بولۇپمۇ فاتىھە سۈرىسى، بەقەرە سۈرىسى، قۇرئاننىڭ ئاخىرقى ئىككى سۈرىسى (مۇئەۋۋىزەتەين) ۋە ئايەتۇل كۇرسى قاتارلىق سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ. بۇنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە كۆپ قىلىڭ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ(يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە پۇسسىلەت 36-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ * وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [سۈرە مۆئمىنۇن 97-98-بەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە ئاللاھنى ياد ئېتىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن، چۈنكى بۇ: ئارقىسىدىن دۈشمەن قوغلاپ كەلگەن،  ئۇ، دۇشمەندىن قېچىپ مۇستەھكەم قەلئەگە يېتىپ كېلىپ ئۇلاردىن ئۆزىنى قوغدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك، بەندە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش ئارقىلىقلا ئۆزىنى شەيتاندىن ساقلىيالايدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2863 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈگەن].

ئىككىنچى: بۇ خىلدىكى ۋەسۋەسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىڭ، ئۇ توغرىدىكى ئوي-پىكىرلەرگە بېرىلىپ كەتمەڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتمەڭ، ئۇلارغا چارە ياكى جاۋاب ئىزدىمەڭ. شەيتاننىڭ سىزدىن ئۈمىدى دەل مۇشۇ، يەنى سىزنى ئۆزىنىڭ ۋەسۋەسىلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىپ، سىزنى ھاياتتىن بىزار قىلىدۇ، دىنىڭىزنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭىزنى بۇزۇۋېتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان بەزى ۋەسۋەسىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر ھەدىستە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئاللاھقا سېغىنىپ،  ئۇنىڭدىن توختاپ قالسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 3276 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 134-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۇنىڭدىن توختاپ قالسۇن» دېگەن سۆزىنىڭ يەشمىسى: "ئۇ كىشى بۇ ۋەسۋەسىگە دۈچ كەلگەندە، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلسۇن، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلمىسۇن، شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلىش بولسا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر، شەيتان كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، بۇزۇش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە قۇلاق سالمىسۇن، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۈزۈلسۈن".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىس: شەيتان بىر كىشىنى ۋەسۋەسە قىلسا، ئۇ كىشى ئاللاھ سېغىنىپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلانسۇن، بۇ توغرىدا پىكىر قىلىشتىن توختىسۇن بۇ ئىش، ئۇ كىشىدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىنى يوق قىلىدۇ دېگەنگە يۈزلەندۈرىدۇ. ئىنسانلار بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇپ قالغاندا، قارشى تەرەپنى دەلىل-ھۆججەتلەر بىلەن قايىل قىلىشقا بولىدۇ، قىلغاننىڭ بۇ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: دەلىل-ھۆججەت بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىدا بولسا، سوئال جاۋاپ، ئارىغا چۈشۈش، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش ۋە دەلىل- پاكىت ساھىبى قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھەل بولىدۇ.

ئەمما ئىنسان بىلەن شەيتان ئارىسىدا بولغاندا، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى تۈگىمەيدۇ، قاچانكى بىر دەلىل كېرەك بولسا، باشقىسىغا ئۆتىۋالىدۇ، بۇ ئاخىرىدا ئىنساننىڭ گاڭگىراشقا ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق بولۇپ قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن".

ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ «چوڭ پىقھى پەتىۋالار توپلىمى» ناملىق كىتابى 1-توم 149-مۇنداق كەلتۈرگەن، ئۇنىڭدىن: "ۋەسۋەسىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى بارمۇ؟"  دەپ سورالغاندا. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: "پايدىلىق بىر داۋا بار، ئۇ بولسىمۇ گەرچە ئەقىلدە بىر ئاز ئىككىلىنىش بولسىمۇ، ۋەسۋەسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشتۇر،  چۈنكى، ئەگەر كىشى ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىسا، ئۇ بىكىمەيدۇ،  بەلكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ، خۇددى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەر تەجىربە قىلغاندەك.

ئەمما ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئىلھامىغا ئەمەل قىلغاندا، ئۇ تىخىمۇ زىيادە بولۇپ، ئىنسانى ئەخمەقلىك دەرىجىسىگە يەتكۈزگۈچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار ھالغا كەلتۈرىدۇ، بۇنى بىز بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەردە كۆردۇق، بۇلار بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ شەيتانىغا قۇلاق سالغان.

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا يۇقىرىدا مەن زىكىر قىلغان ئىشلارنى كۈچەيتىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ: «ۋەسۋەسىگە مۇبتىلا بولغان كىشى، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن، ۋەسۋەسە توغرىسىدا خىيال قىلىشتىن توختىسۇن».  شۇڭا، ئۆز نەپسى -خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدىغان زاتنىڭ ئۈممىتىگە ئۆگەتكەن بۇ پايدىلىق دۇئاسى توغرىسىدا ئويلىنىڭ.  بىلىڭكى، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان كىشى بارلىق ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ ». چۈنكى ۋەسۋەسىنىڭ شۈبھىسىز شەيتاندىن كەلگەنلىكىگە ھەممە ئىتتىپاق. لەنەتلەنگەن شەيتاننىڭ باشقا مەقسىتى يوق، پەقەت ئۇنىڭ مەقسىتى: مۆمىننى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىش،  ئازغۇنلۇق، قالايمىقانچىلىق، قىيىنچىلىق، مەنىۋىي قاراڭغۇلۇق ۋە غەم-قايغۇ تۇپرىقىغا چۆكتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. «ھەقىقەتەن، شەيتان سىلەرگە دۈشمەندۇر، شۇڭا ئۇنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار» [سۈرە فاتىر 6 -ئايەت].

شۇڭا، سىزگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى ئۇلارغا جاۋاب ئىزدەش بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك ئاللاھدىن ياردەم سوراش ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.

بىز قۇدرەتلىك ئاللاھدىن لەنەتلەنگەردى شەيتاننىڭ شەررىدىن سىزنى ساقلىشىنى تىلەيمىز.

ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

پىسخولوگىيە مەسىلىسى

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android