دۇشەنبە 24 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 25 نويابىر 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى بەدەن چىنىقتۇرامتى؟

سۇئال

كۈچ-قۇۋۋىتىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىشنى ياقتۇرىمەن، لېكىن بۇ مەشىقنى ئىسلامى پرىنسىپ بويۇنچە ئىلىپ بېرىشنى خالايمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇشۇنداق مەشىق قىلغانمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ سۇ ئۈزۈش مەشىقى قايسى شەكىلدە بولغان؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر، ھەممىسىدە ياخشىلىق بار».  [مۇسلىم رىۋايىتى 2664 -ھەدىس].

19238 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلغاندەك، بۇ قۇۋۋەت ئىمانى ۋە جىسمانى قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ‎‏وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا قَالُوا أَنَّى يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِنَ الْمَالِ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «پەيغەمبىرى ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى دېدى. ئۇلار پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلادلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا دېدى. پەيغەمبەر: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە پادىشاھ قىلىشقا ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، دېدى». [سۈرە بەقەرە سۈرىسى 247 -ئايەت].

ئايەتتىكى: « ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى» دېگەنلىك:  ئۇنى سىلەردىن ئىلىم بىلەن قەددى قامەتلىك قىلىش يەنى   ئۆتكۈر پىكىر ۋە جىسمىنى كۈچلۈك قىلىش بىلەن ئۈستۇن قىلدۇق، بۇ ئىككى ئىش بىلەن باشقۇرۇش ئىشلىرى تامام بولىدۇ، چۈنكى پىكىر-قارىشى كۈچلۈك، بۇ قاراش تەقەززا قىلغان ئىشنى ئىجرا قىلىدىغان كۈچ بولىدىكەن بۇنىڭ بىلەن مۇكەممەللىك ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى يوق بولسا، ئىش ئۇنىڭغا قىيىن بولىدۇ، ئەگەر بەدىنى كۈچلۈك بولۇپ پىكىر-قارىشى ئاجىز بولسا، باشقۇرۇشىدا قانۇنسىزلىق، كەمچىللىك پەيدا بولۇپ كۈچىنى ھېكمەتسىز ئىشلەتكەن بولىدۇ، ئەمما ئىشلارنى بىلىدىغان بولۇپ ئۇنى ئىجرا قىلىدىغانغا كۈچ بولمىسا، توغرا قاراشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ھېچ ئىش ئىجرا بولمايدۇ” . [“تەپسىر سەئدى”  107 -بەت. ]

بەدەننىڭ كۈچلۈك بولىشى ساق-سالامەت بولىشى بەندە ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان ھەج، جىھاد، روزا ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ، ئاجىزلىقى ۋە كېسەللىكى، نۇرغۇن تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن كېچىكتۈرىدۇ.  ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېسەل يوقلاپ كەلگەن كىشى:  ئى ئاللاھ! بۇ بەندەڭگە شىپالىق ئاتا قىلغىن، بۇ بەندەڭ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى يوق قىلىدۇ ياكى سەن ئۈچۈن ناماز ئادا قىلىشقا ماڭىدۇ».[ئەبۇ داۋۇد  رىۋايىتى 3107-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا1365 -ھەدىستە كەلتۈرگەن.]

بەدەن چېنىقتۇرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك مەشىقلەرنى ئىلىپ بارغاندا شەرئى ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك:

-ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن تائەت-ئىبادەتكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش.

-مەشىق مەشىق قىلغۇچىلارنىڭ پۈكلىنىپ بىر-بىرىگە ئىگىلىشى، مۇسابىقىدە بىر-بىرىنىڭ يۈزىگە ئۇرىشى، ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى، دو تىكىشىپ قىمار ئوينىشى قاتارلىق شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالماسلىقى كېرەك.

-مەشىق ئىشلىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىدىن ۋە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق مۇھىم بولغان ئەمەل ئىبادەتلەردىن مەشغۇل قىلىپ قويماسلىقى كېرەك.

-بۇنىڭ ئۈچۈن بەك زىيادە مال سەرپ قىلىپ ھەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق قىلماسلىق لازىم، ھەر قانداق ھالەتتە قىلغان ئىشلىرى نورمال توغرا شەكىلدە بولىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 218489 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ شەكىلدىكى تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئىلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ھەدىسنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممە تەرەپتىن نېمەتنى مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭ جىسمانى ۋە ئىمانى قۇۋۋىتىنى ھەممىدىن مۇكەممەل قىلىپ بەرگەن.

بىز بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسلەرنى بىلىمىز:

بىرىنچى:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇكانە مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن چېلىشقانلىقى.

بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: رۇكانە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن چېلىشقان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى يېڭىۋالغان[ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4078 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ “ئىرۋائۇل غەلىيل”  5 -توم 329 -بەتتە كەلتۈرگەن. ]

ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن مۇسابىقە قىلغانلىقى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  مەن بەزى سەپەرلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە چىققان ئېدىم، مەن ئۇ ۋاقىتتا بەدەنلىرىم تولمىغان يۇمران كېچىك قىز ئېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە:  ئالدىدا مېڭىڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈرۈپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: بۇياققا كېلىڭ!  يۇگۇرۇشۇپ باقايلى دېدى، مەن يۈگۈرۈشۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئېشىپ كەتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا بىر نەرسە دېمىدى، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بەدىنىم تولۇپ، بىرئاز سەمىرىپ قالغان ئېدىم، ئىلگىرىكى مۇسابىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، يەنە بەزى سەپەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە چىقتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە:  ئالدىدا مېڭىڭلار دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈرۈپ كەتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: بۇياققا كېلىڭ!  يۇگۇرۇشۇپ باقايلى دېدى، يۇگۇرۇشتۇق بۇ قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام مېنى يېڭىۋالدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ: بۇ ئۆتكەن قېتىمىغا تەڭ دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى   2578 -ھەدىس. ئەھمەد رىۋايىتى 26277-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

ئۈچىنچى:  ئوق ئېتىش:  بۇ توغرىدا سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوقيا ئېتىشىۋاتقان ئەسلەم قەبىلسىدىن بولغان بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا: ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى! ئېتىڭلار، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ چوڭ داداڭلارمۇ مەرگەن ئېدى، ئېتىڭلار، مەن پالانىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بىرگە بولىمەن دېدى، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئوق ئېتىشتىن توختىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەرگە نېمە بولدى؟ ئوق ئېتىشتىن توختاپ قالدىڭلارغۇ؟ دېگەن ئېدى، ئۇلار:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلە ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئاتالايمىز؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېتىڭلار مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىلەن بىرگە دېدى». [ بۇخارى رىۋايىتى 3373 -ھەدىس].

ھەقىقەتەن ساھابىلار چەۋەندازلىق، قىلىچۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئالاھىدە مەشىق قىلاتتى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدكى كۈچ-قۇۋۋەتلىك ئېدى، بۇنداق ئىشلارنىڭ تەبئىتى زامانلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھالەتلەرنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

سۈ ئۈزۈش :سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ زىكرى بولمىغان ھەرقانداق ئىش بىكار-ئويۇن ئىشتۇر، تۆت تۈرلۈك ئىش بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ: ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن ئوينىشىش، چەۋەندازلىقنى ئۆگىنىش، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ۋە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش]. نىسائى سۇنەن ئەل كۇبرادا(8889) رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھى دەپ سەھى ھەدىسلەر توپلىمىدا(315) كەلتۈرگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈ ئۈزگەنلىكى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى بىلمەيمىز، :[ئەۋلادلىرىڭلارغا سۈ ئۈزۈشنى، ئوق ئېتىشنى ۋە ئات چاپتۇرۇشنى ئۈگىتىڭلار دېگەن سۆزنىڭ بۇ شەكىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇنىڭغا يېقىن بولغان سۆزلەر بىلەن بۇ ھەدىس بايان قىلىنغان:  ئەۋلادلىرىڭلارغا سۈ ئۈزۈشنى، ئوق ئېتىشنى ئۈگىتىڭلار، قىزلارغا يىپ ئېگىرىشنى تەلىم بېرىڭلار]. بۇ بەك زەئىپ ھەدىس، شەيخ ئەلبانىينىڭ:” زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى” 3876- 3877دىكى بۇ نومۇرلۇق ھەدىسلەرگە قارالسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى