پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ يېقىنلىرى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان كىشىنىڭ يېقىنلىرى (ۋارىسلىرى) ۋاپات بولغان كىشىنىڭ قالدۇرغان ماللىرىنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ مالدىن قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلىدۇ. قەسەمنىڭ كاپارىتى: قۇل ئازات قىلىش ياكى ئون مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 45676- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   كاپارەتنى يېمەك بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ئەڭ تۆۋەن قىممەتتە ئادا قىلىش كېرەك، چۈنكى ۋاپات بولغان كىشى قالدۇرغان مال ۋارىسلارغا ئالاقىدار بولۇپ، كاپارەتنى كەڭرى ئادا قىلىپ ۋارىسلارغا زېيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك، ئەگەر كەڭرى ئادا قىلىشقا ۋارىسلار رازى بولسا ئۇ ۋاقىتتا قانداق ئادا قىلسا بولىدۇ.

    "مۇغنى مۇھتاج"6-توم 192-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ۋاپات بولغان كىشىنىڭ قالدۇرغان ماللىرىنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ مالدىن ئەڭ تۆۋەن قىممەتتە كاپارەتنى ئادا قىلىشى كېرەك".

    ئەگەر ۋاپات بولغان كىشى كەمبەغەل بولۇپ ھېچ قانداق بىر نەرسە قالدۇرمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت كاپارەت بېكىتىلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ كىشى ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ ياكى ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ.

    ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن رامزاندا ئون كۈن روزا تۇتالماي، شەۋۋال ئېيىدا ئەھۋالى ياخشىلانغان بولسىمۇ سەل قاراپ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلماي ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ روزىنى تۇتسا بولامدۇ؟ ياكى ۋارىسلىرىنىڭ روزا تۇتۇپ قويۇشى كاپارەت بىلەن نەزىرگە خاسمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى ۋارىسلىرى تۇتسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قازا روزىسىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان كىشىنىڭ روزىسىنى ۋارىسلىرى تۇتسا بولىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، توغرا قاراشتا: رامىزان روزىسى، كاپارەت ۋە نەزىر روزىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"9-توم 263-بەت].

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خاتا ھالدا بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، بۇنىڭدا كاپارەت كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى كاپارەتنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ كىشىنىڭ تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ بەدىلىگە ئاتمىش مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ، رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىسى ئۈچۈن يېمەك بەرسە ياخشى بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"34-توم 170-بەت].

    شەيخ ئابدۇللاھ تەييار رەھىمەھۇللاھ: "قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلماي ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ كىشىنىڭ قەسىمى ئۈچۈن كاپارەت بېرىشى كېرەكمۇ؟دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس (توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر). توغرا قاراشتا ئۇ كىشىنىڭ مېلى بولسا، ۋارىسلىرى ئۇ كىشىنىڭ قالدۇرغان مېلىدىن كاپارەتنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، كاپارەتنى يېمەك بىلەن ياكى كىيىم بىلەن ياكى قۇل ئازات قىلىش بىلەن ئادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مېلى بولمىسا، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا، ۋارىسلىرى ياكى باشقا يېقىنلىرى ئۇ كىشى ئۈچۈن روزا تۇتىدۇ، بۇنداق قىلىش زۆرۈرمۇ ياكى ياخشىمۇ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار