ئىش ئىگىسىنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان دائىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىش ئۈچۈن يوشۇرۇن كامىرا بېكىتىش: ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭمۇ كىشىلەر كۆرمەيدۇ دېگەن ئىشەنچى بىلەن كۆرۈش توغرا بولمايدىغان ئىشنى يوشۇرۇن قىلالىشى ئۈچۈن ئىشچىلارغا كامىرا بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش شەرتى بىلەن توغرا بولىدۇ.
ئەگەر كامىرانى ئىشچىلارنىڭ خەۋىرى يوق بېكىتسە بۇ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننىڭ تېكىستى بىلەن چەكلەنگەن جاسۇسلۇقنىڭ ئۆزى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ وَلا تَجَسَّسُوا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر،(مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار» [سۈرە ھۇجۇرات 12-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۇماندىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن گۇمان سۆزنى يالغانغا چىقىرىدۇ، ئايغاقچىلىق قىلماڭلار، جاسۇسلۇق قىلماڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ زېيىنىغا تەدبىر قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى5144-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2563-ھەدىس].
جاسۇسلۇق قىلىش دېگەن: كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى ئىزدەش ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى كۈزىتىش دېمەكتۇر.
ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بېكىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى ئوغرى-يالغاندىن ھىمايە قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئىشچىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش بىلەن كامىرا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، كامىرا قويسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن زىيادە ئىشلار ئۈچۈن كامىرا قويسا بۇ كىشىلەرنىڭ ئەيىپىنى ئىزدەيدىغان مەخپى ئىشلىرىنى كۆزىتىدىغان جاسۇسلۇقدۇر.
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جاسۇسلۇق دېگەن: باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش يەنى: باشقىلارغا قارايدۇ، ئۇنىڭدىن يامان سۆز ئاڭلامەنمىكى ياكى ناچار ئىشنى كۆرەمەنمىكى دەپ جىم تۇرىدۇ، سۆزىنى تىڭشايدۇ، ئىنسان باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇنى كۆرۈشكە ھېرىس بولماسلىقى لازىم، مۇسۇلمانغا جاسۇسلۇق قىلىش لايىق بولمايدۇ، بەلكى ئىنساندا سىرتقى كۆرۈنۈشىگە زىت كېلىدىغان بىرەر ئىش كۆرۈلمىسە، ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇش كېرەك". ["ھۈجۈرات سۈرىسىنىڭ تەپسىرى" 50-51-بەتلەر].
ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان كىشىنىڭ قۇلىقىغا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن قۇيۇش بىلەن ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا قاتتىق ۋەدە قىلىنغان. بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى 7042- ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شۇنداق تۇرسا، كۈندىلىك ئىش ۋاقىتلىرىدا ئىشچىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۈزۈتۈپ، ساقلاش ئۈچۈن يوشۇرۇن كامىرا بېكىتكەن كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!. خىزمەتچىلەر بەزى ۋاقىتتا يالغۇز قالىدۇ، ئۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشىدىغان جايدىن خالى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز زاتىدا چەكلەنمەيدىغان، يالغۇز ۋاقتىدا قىلسا يۈز-ئابرۇيىغا تەسىر يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ياكى ئائىلە-بالىلىرى بىلەن بولۇپ كىشىلەر ئارىسىدا ئەيىپ سانىلىدىغان، ئائىلىدە ئەيىپ سانالمايدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئىش ئىگىسى مۇشۇنداق كۆرۈنۈشلەردىن پايدىلىنىپ خىزمەتچىگە بۇنى تارقىتىمەن ياكى كىشىلەرگە يايىمەن دەپ ياكى ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشكە ئۈرۈنۈپ تەھدىت قىلىدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ جىنايىتى ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغان ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىغاندىنمۇ قاتتىق بولىدۇ.
ئەگەر ئىش ئىگىسى بۇنداق ئىشلارنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلە-بالىلىرىنىڭ كامىراغا ئېلىنىپ كۆرۈلۈشىگە رازى بولمايدىكەن، ئۆزىدىن باشقا كىشىلەرنىمۇ بۇنداق قىلىشقا رازى بولماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى دوزاختىن يىراق بولۇشنى ۋە جەننەتكە كېرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھالەتتە ئۆلۈم كەلسۈن، ئىنسانلارغا باشقىلارغىمۇ ئۆزىگە كەلسە ياقتۇرىدىغان ئىشلار بىلەن كەلسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى1844-ھەدىس].
كىمكى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ، يوشۇرۇن ئىشلىرىنى كۈزۈتۈشنى ئۆزىگە لايىق كۆرىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ تۈرىدىن جازالىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىپ رەسۋا قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چېقىپ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: « ئەي تىلى بىلەن مۇسۇلمان بولغان، ئىمان دىلىغا ئورناشمىغان كىشىلەر! مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، كىمكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ، ئاللاھ ئەيىبىنى ئىزدىگەن ئادەم رەسۋا بولىدۇ ياكى گەرچە ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىدە بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2032-ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.