سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

دورا ئىشلىتىش ۋە تىببى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ روزىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلام ئالىملىرىنىڭ:تابلېتكا، سۇيۇقلۇق، ئۆپكە ۋە كۆكرەك شاخچىلىرىغا پۈركۈيدىغان دورىلار، ئېغىزدىن ياكى كەينى تەرەپتىن كىرگۈزىدىغان دورىلار، تومۇرغا ئۇرىدىغان ئۇكۇل قاتارلىق تېبابەتتە دۇرۇس بولىدىغان، روزىغا تەسىرى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئالاقىدار قاراشلىرى بار، سوراش مۇھىم بولغان مەسىلە: كۆكرەك ئاغرىقى سەۋەبىدىن دورا پۈركۈش بولۇپ، 20%گە يېقىن بالىلاردا كۆكرەك ئاغرىقى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان قاراشلارنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

تۆۋەندەتېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈرلۈك نەرسىلەرنى بايان قىلىمىز، ئۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى ئىشلىتىش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، بەزىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇ تېببىي خادىملار ۋە پىقھى ئالىملىرىنىڭ بەزى قۇرۇلتايلاردائىسلام پىقھى ئاكادېمىسىغا سۇنغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ خۇلاسىسىدىن ئىبارەتتۇر:

بىرىنچى: تۆۋەندىكى ئىشلار روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ:

1-بۇرۇنغا، قۇلاققا تامچىلىتىدىغان دورا، قۇلاق چايقاش، بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان دورا، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان ئەھۋالدا يۇتىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

2-يۈرەك ئاغىرقى ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تىل ئاستىغا قويىدىغان تابلېتكىلار، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان ئەھۋالدا يۇتىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

3-ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈندۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش.

4-دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش.

5-ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرگۈزىدىغان تۇربا ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغانرەڭ، ياكى دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى.

6-چىشنى قېزىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۋىتىش، چىشلارنى تازىلاش،مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىش، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان ئەھۋالدا يۇتىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

7-غار-غار قىلىش، ئاغزىنى چايقاش، ئېغىزغا پۈركەيدىغان دورا قۇيۇش، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان ئەھۋالدا يۇتىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

8-كاسىسىغا ياكى مۇسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئۇكۇللار، ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئۇكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا.

9-كىسلورد(ئوكسىگېن).

10- بىمارنى مەست قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گازلار، ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ئۇرمىغان تەقدىردە.

11-تېرە سۈمۈرۈش ئارقىلىق جىسىمغا كىرىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار يۇقتۇرۇلغان ياغ، ماي، مەلھەم، چاپلاق دورىلار.

12-يۈرەك ياكى باشقا ئەزالارنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياكى داۋالاش ئۈچۈن تومۇرغا ئىنچىكە نەيچە كىرگۈزۈش.

13-ئۈچەي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورساققا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

14-سۇيۇقلۇق كىرگۈزمەستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن بىر پارچە كېسىپ ئېلىش.

15- سۇيۇقلۇق ياكى باشقا ماددا كىرگۈزمەستىن ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈش.

16-مېڭە ياكى يۇلۇنغا ئوخشىغان يەرلەرگە دورا ياكى سايمان كىرگۈزۈش.

17-ئىختىيارسىز قەي قىلىش، قەستەن قەي قىلسا روزا بۇزۇلىدۇ.

ئىككىنچى: مۇسۇلمان دوختۇر يۇقىرىقى داۋالىنىش ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەھۋاللاردا كېچىكتۈرسە زىيىنى بولمايدىغان بولسا، روزىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بىمارغا داۋالىنىشنى ئىپتاردىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك.

مەنبە: ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى 213-بەت