پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

گۇناھ مەسىيەتنىڭ ساھىبىغا بولغان تەسىرى

سۇئال

مەن ھەج قىلىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۆزۈمدىن ھېساب ئالدىم، تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش جەھەتتە قىلغان ھەججىمنىڭ قوبۇل بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىم بەلكى كۆپ گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلدىم، ئۆتكەن يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانام ئۈچۈن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، بەزى ئۇستازلاردىن سورىسام، ئۇلارمۇ مەن مەقسەت قىلغاندەك ئانام ئۈچۈن ھەج قىلىشقا بۇيرىدى، مەن كۆپ ئىستىغفار ئېيتتىم، ئاللاھغا ئىلتىجا قىلدىم، مەلۇم بىر ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرگە ئانام ئۈچۈن ھەج قىلدىم، ۋىدالىشىش تاۋاپىدا، بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتتى، بىز بىر ياكى بىر يىرىم قېتىم تاۋاپ قىلىپ بولۇپ ھەرەمنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقتۇق، بەك قىستاڭچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى مەيداندا توختىغان ئورنىمىزنى كەسكىن جەزىم قىلىش بىلەن بىلەلمىسەكمۇ، ئەمما تىرىشچانلىق قىلىش بىلەن ئۈستىدىكى تاۋاپنى ئاستىدىكى مەيداندا توختىغان ئورۇندىن باشلاپ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردۇق.

    ئاخىرقى قېتىم ھەج قىلغاندىن كېيىن، گۇناھ-مەسىيەتكە يۈزلىنىپ، كۆپ خاتالىق سادىر قىلدىم، دىلىمنىڭ سىقىلىپ، قەلبىمنىڭ قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، تائەت-ئىبادەتكە يۈزلەنگەن ۋاقتىمدا لەززەتنى ھېس قىلدىم، مۇشۇ زاماندىكى ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق قايغۇرىمەن ۋە تەسىرلىنىمەن، مەن قىلغان ھەججىم ۋە تاۋاپىم توغرىسىدا ئىككىلىنىشتە بولۇپ قالدىم. ماڭا بۇ توغرىدا پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، سىز گۇناھ-مەسىيەت چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭ، بەك دىققەت قىلىڭ، گۇناھ-مەسىيەت دېگەن ساھىبىغا شۇملۇق ئېلىپ كېلىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئۆز ساھىبىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىڭ:

1-ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قىلىش، ئىلىم دېگەن نۇر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئىنساننىڭ قەلبىگە تاشلايدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئاشۇ نۇرنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا دەرس ئوقۇپ بەرگەن ۋاقتىدا، ئىمام مالىك ئۇنىڭ ئەقىللىق ۋە زېرەكلىكى، چۈشەنچىسى ۋە ھازىر جاۋاپلىقىنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە مۇنداق دېدى: مېنىڭ قارىشىمچە ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەلبىڭگە  نۇر تاشلاپتۇ، ئۇ نۇرنى گۇناھ-مەسىيەت قاراڭغۇلىقى بىلەن ئۆچۈرۋەتمىگىن.

2-رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇسنەد ئەھمەدتە سەۋباننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4022-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

3-گۇناھ-مەسىيەت سەۋەبىدىن ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدا، ۋە ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ يىراقلىشىش پەيدا بولىدۇ. سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلسام، قىلغان ئاسىيلىقىمنىڭ نەتىجىسىنى مىنىدىغان ئۇلۇغىم ۋە ئايالىمنىڭ ئەخلاقىدا كۆرىمەن".

4-ئۇ كىشىنىڭ ئىشلىرى قىيىنلىشىدۇ، ھەرقانداق بىر ئىشقا يۈزلەنسە ئىشى ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ ياكى قىيىنلىشىدۇ، بۇ خۇددى ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشلىرى ئاسان بولغانغا ئوخشاشتۇر.

5-گۇناھكار كىشى قەلبىدە قاراڭغۇ-زۇلمەتنى تاپىدۇ، ئۇنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ قاراڭغۇلىقى كۆزىنى ئورىۋالغان قاراڭغۇلۇقتەك قەلبىنى ئورايدۇ، تائەت-ئىبادەت نۇردۇر، گۇناھ -مەسىيەت قاراڭغۇلۇقتۇر، قاراڭغۇ-زۇلمەت كۈچەيگەنسىرى ئۇ كىشىنىڭ ھەيرانلىقى ئىشىپ ھەتتا ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالەتتە بىدئەت، ئازغۇنلۇق ۋە ھالاكەتلىك ئىشلارغا دۇچار بولىدۇ، بۇ خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە ئۆزى يالغۇز ماڭغان قارىغۇ كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ قاراڭغۇ زۇلمەت كۈچەيگەنسىرى بۇ كۆزدە ئاشكارا بولىدۇ، ئاندىن كۈچىيىپ يۈزىنى ئورايدۇ ۋە ھەر بىر كىشى كۆرەلەيدىغان قارا نەرسىگە ئۆرۈلىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ياخشىلىق ئۈچۈن يۈزدە يورۇقلۇق، قەلبىدە نۇر، رىزىقتا كەڭىرچىلىك، بەدەندە قۈۋۋەت، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مېھرى-مۇھەببەت بولىدۇ، يامانلىق ئۈچۈن چىرايىدا نۇرسىزلىق، قەلبىدە زۇلمەت، بەدەندە ئاجىزلىق، رىزىقتا كېمىيىش ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ.

6-تائەت-ئىبادەتتىن مەھرۇم قىلىش. گەرچە گۇناھ-مەسىيەت ئۈچۈن جازا بولمىغاندىمۇ ئۇ تائەت-ئىبادەتتىن توسۇپ قويىدۇ، بۇمۇ جازانىڭ ئورنىدا بولىدۇ، يەنە بىر تائەتنىڭ يولىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، گۇناھنىڭ سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئۈچىنچى تائەتنىڭ يولىمۇ ئۈزۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن تۆتىنچى ۋە ئاخىرغىچە ئۈزۈلىدۇ، گۇناھنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن تائەت-ئىبادەتتىن مەھرۇم قالىدۇ، ھەر بىر تائەت-ئىبادەت ئۇ كىشى ئۈچۈن بىلسە دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى ئىدى، بۇ خۇددى بىر يېمەكلىك يېگەنلىك سەۋەبىدىن كېسەل بولغان كىشى ئۇزۇن مۇددەت نۇرغۇن پاك يېمەكلىكلەردىن چەكلەنگەنگە ئوخشايدۇ، ئاللاھ ساقلىسۇن.

7-گۇناھ-مەسىيەت ئۆزىگە ئوخشاش گۇناھ-مەسىيەتنى تارقىتىدۇ، گۇناھنىڭ بەزىسى بەزىسىنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ۋە يىراق بولۇش قېيىن بولىدۇ.

8-گۇناھ-مەسىيەت قەلىبنى ئۆز ئىرادىسىدىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتكە بولغان ئىرادىنى كۈچلەندۈرىدۇ، تەۋبە-ئىستىغپارغا بولغان ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن تەۋبە قىلىشقا بولغان ئىرادە تەدرىجى سۇغۇرلۇپ يوق بولىدۇ، تىلى ئارقىلىق يالغانچىلارنىڭ تەۋبە-ئىستىغپارىنى كۆپ كەلتۈرىدۇ، قەلبى گۇناھ-مەسىيەتكە باغلانغان ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ، ئىمكانىيەت بولسىلا گۇناھ قىلىشقا ئالدىرايدۇ، مانا بۇ ئىنساننى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ زىيانداشتۇر.

9-ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدىن گۇناھ-مەسىيەتنى يامان كۆرىدىغان تۇيغۇ تارتىلىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدۇ، كىشىلەر گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ كۆزىگە سەت كۆرۈلمەيدۇ ۋە بۇ توغرىدا كىشىلەرگە تەربىيە بەرمەيدۇ.

مانا بۇ گۇناھ-مەسىيەت ساھىبلىرىنىڭ قارىشىدىكى ئەڭ چوڭ لەززەت ۋە ھوزۇرلىنىشتۇر، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھ-مەسىيەتلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، بۇ ئىشلىرىنى خەۋەرسىز كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ: ئى پالانى! مەن مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم دەيدۇ، مانا بۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەپۇ قىلىنمايدىغان، تەۋبىنىڭ ئېشىكى توسۇلغان، كۆپىنچە تەۋبە ئىشىكلىرى ئېتىلگەن كىشىلەردۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئېلان قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىسىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا ئېلان قىلغۇچىلار بولسا: ئاللاھ تائالا كېچىدە قىلغان خاتالىقلىرىنى يوشۇرسا، كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىپ: ئى پالانى! مەن كېچىدە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنى كېچىدە يوشۇرسا ئۇ كىشىنى ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ.. [بۇخارى رىۋايىتى 5949-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2744-ھەدىس].

10- گۇناھ-مەسىيەت كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ساھىبىنىڭ قەلبىگە مۆھۈر بېسىلىدۇ، ئۇ غاپىللاردىن بولىدۇ، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى بۇ ئايەتتىكى: كَلَّا  بَلْ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا يَكْسِبُونَ تەرجىمىسى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن. [سۈرە مۇتەپپىپىين 14-ئايەت].

     دىللىرى قارىيىپ كەتكەن دېگەن ئايەتنى گۇناھدىن كېيىن گۇناھ قىلغان دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەسلىدە گۇناھ-مەسىيەت بىلەن قەلىب داتلايدۇ، قەلىبتىكى دات زىيادە بولغاندا ئۇ قارىدايدۇ، ئاندىن قارىلىق ئورىغاندىن كېيىن پېچەتلىنىپ، قۇلۇپلىنىپ، مۆھۈر بېسىلىدۇ. بۇ ئىش توغرا يول تىپىپ ھەقىقەتنى كۆرگەندىن كېيىن بولغان بولسا، قەلىبنىڭ ئاستى ئۈستىگە ئۆرۈلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا شەيتان ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۇ كىشىنى خالىغان تەرەپكە يىتىلەيدۇ.

   ئىككىنچى: سىزنىڭ: ھەج قىلدىم ئەمما قوبۇل بولغانلىق ئالامىتىنى كۆرەلمىدىم، بەلكى گۇناھ-مەسىيەتنى كۆپ قىلىۋەتتىم" دېگەن سۆزىڭىزگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ، ھېچ قانداق بىر كىشى سىزنىڭ ئەمىلىڭىزنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.

    مۆمىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ بۇنى بىلمەيدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مەن ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ بىر ياخشىلىقىمنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلسەم ئېدىم، ئەلۋەتتە ئۆلۈم مەن ياخشى كۆرگەن غەيبىي نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولاتتى، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّـهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ تەرجىمىسى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادارلارنىڭ ئەمىلىنى قوبۇل قىلىدۇ. [سۈرە مائىدە 27-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    ئىنساندىن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمەل قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىش بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋەپپەق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئەمىلىنى قوبۇل قىلىشنى سورايدۇ.

    ئى سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىز چەكلىمىلەردىن خالى، توغرا ھەج بولغان بولسا سىزگە ئۇ ھەجنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما سىزنىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كېتىشىڭىزنىڭ قىلغان ھەججىڭىزنىڭ توغرا بولىشى ياكى بولماسلىقى بىلەن ئالاقىسى يوق، لېكىن سىز قىلغان ئەمىلىڭىز بويىچە ھېساب قىلىنىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىلىڭىز كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭ.

   ئۈچىنچى: سىزنىڭ تاۋاپ قىلدىم بەك قىستاڭچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈستىگە چىقتىم دېگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك، بۇ تاۋاپنى ئارقىمۇ-ئارقا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن سىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىڭىزگە ئوخشاش سوئال سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: مەيداندا تاۋاپنى توختىتىپ، ئۈستىدە داۋاملاشتۇرسا ھېچ ئىش بولمايدۇ دېگەن. ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"11-توم 230-231-232-بەت].

    تاۋاپنىڭ باشلىنىشى تاۋاپ ئاخىرلاشقان ئورۇندىن بولىدۇ، سىزنىڭ ئورۇننى بىكىتىشتە كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىڭىزغا نىسبەتەن، قىلغان ئىشىغا ئىشەنچ قىلىش قېيىن بولۇپ قالسا كۈچلۈك گۇمان بىلەن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازدا شەك قىلىپ، ئۈچ رەكەت ئوقۇدىمۇ ياكى تۆت رەكەت ئوقۇدىمۇ بۇنى بىلەلمىگەن كىشى، توغرىنى تاللىسۇن، ئاندىن شۇ تاللىشى بىلەن نامازنى داۋاملاشتۇرۇپ ئادا قىلسۇن، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سەھۋەنلىك ئۈچۈن ئىككى سەجدە قىلىۋەتسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى410-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 572-ھەدىس. "شەرھى مۇمتىئ"3-توم 461-بەتكە قارالسۇن].

    مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن، مەيداندا تاۋاپنى توختاتقان ئورۇندىن ئۈستىدە تاۋاپنى باشلاشتا تىرىشچانلىق قىلىپ تاۋاپنى ئادا قىلغان بولسىڭىز تاۋاپىڭىز توغرا بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا سىزگە بىر نەرسە بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد