دانلىقلار ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقىت ئۇنىڭ دەسلەپكى پىشقان ۋاقتىدۇر، ئەمما زاكاتنى ئايرىيدىغان ۋاقىت بولسا دانلار ئاقلىنىپ، مېۋىلەر قۇرۇغاندىن كېيىن بولىدۇ.
زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى قانداق ۋاقىتتا ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ؟
سوئال 243326
لوۋى ۋە نوقۇت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوراپ بولغاندىن كىيىنلا زاكىتىنى ئايرىمدۇق ياكى قۇرىغىچە ساقلامدۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: لوۋى ۋە نوقۇت قاتارلىق دانلارنىڭ زاكىتى ئۇنى پوستى، توپىسى ۋە سامىنىدىن ئايرىپ، ئۇششاق تاش-توپا، توزانلاردىن تازىلاپ بولغان كېيىن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى-يەنى تازىلىماستىنلا زاكىتىنى ئايرىۋېتىش توغرا بولمايدۇ. ھەر قايسى مەزھەپلەردىكى بارلىق ئۆلىمالار بۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن.
ئىبنى جەرىير تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ بارلىق ئالىم-ئۆلىمالار مۇۋاپىق كەلگەن مەسىلە بولۇپ، بۇ توغرىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، زىرائەتنىڭ زاكىتى ئۇنى ئوراپ، خامان قىلىپ، تازىلاپ، سامىنىنى ئايرىغاندىن كېيىن ئايرىلىدۇ، خورما قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ زاكىتى بولسا ئۇلار قۇرۇغاندىن كېيىن ئايرىلىدۇ". [جامىئۇل بايان 9 -توم 611 -بەت].
زاھىرى مەزھەپ پېشۋاسى ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "دانلاردا زاكاتنى ئورىغاندىلا بەرسە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا ئۈممەتنىڭ ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، لېكىن زىرائەتتە : ئۇنى ئوراپ، خامان قىلىپ، ساماندىن ئايرىپ كىلۇلىغىدەك بولغاندا بېرىدۇ. مېۋىلەردە: قۇرۇپ، تازىلىنىپ كىلۇلىغىدەك بولغاندا بېرىدۇ". [ئەل مۇھەللا بىل ئاسار 4 -توم 29 -بەت].
بەھۇتىي مۇنداق دەيدۇ: " دانلارنى پوستىدىن ۋە سامىنىدىن ئايرىپ بولغاندىن كېيىن، مېۋىلەرنى قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن زاكىتىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ . چۈنكى بۇ دانلار ۋە مېۋىلەرنىڭ مۇكەممەل بولغان، ساقلاش سۈپىتىگە ئۇيغۇن بولغان ۋاقىتقا كەلگەندە زاكاتنى بېرىش ۋاجىپ بولغان ھالىتىدۇر، ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، دانلارنى باشىقى ۋە سامىنى بىلەن، مېۋىلەرنى قۇرۇماستىن ھۆل ھالىتىدە ۋە ئۈزۈمنىمۇ قۇرۇتماستىن زاكىتىنى ئايرىسا بۇ دۇرۇس بولمايدۇ". [كەششاپۇل قىنا 2 -توم 212 -بەت].
دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 9 -توم 176 -بەتتە: " دانلارنىڭ زاكىتىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى قۇرۇغاندىن كېيىن ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ دەپ كەلگەن".
ئەمما زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقتىغا كەلسەك: زىرائەت مەھسۇلاتلىرى پىشقاندا، ياراملىق بولغانلىقى بىلىنگىنىدە، دانلار قاتقاندا، مېۋىلەر قىزارغاندا بۇنىڭدىن تولۇق ھوسۇل ئالىدىغانلىق مۇئەييەن بولىدۇ، دىخان بىلەن باغۋەنگە چىققان مەھسۇلاتلىرىغا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " دانلاردا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقتى، دانلار قاتقاندا، مېۋىلەردە بولسا، مېۋىلەرنىڭ ياراملىق بولغانلىقى بىلىنگەن ۋاقىتتا بولىدۇ". [ئەل مۇغنى 4 -توم 169 -بەت].
زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقتىنى بىلىشكە تۆۋەندىكى ئىشلار تەرتىپ بېرىلىدۇ:
- كاپالەت قارارى: ئەگەر زىرائەت زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقتىدىن ئىلگىرى ئاپەتكە ئۇچرىسا، ئۇنىڭدىن زاكات مۇتلەق چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقتىدىن كېيىن ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ئاپەتتىن باشقا ياكى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىغان بىر سەۋەپتىن باشقا بىر سەۋەپ بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىسا ئىگىسىنىڭ زىممىسىدىن زاكات ساقىت بولمايدۇ.
-ئەگەر دانلار ۋە مېۋىلەرنى يارام بولىشى بىلىنىشتىن ئىلگىرى ساتقان بولسا، ساتقۇچىغا زاكات كەلمەيدۇ، سېتىۋالغۇچىغا كېلىدۇ، ئەمما ياراملىق بولىشى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ساتقان بولسا، بۇ ۋاقىتتا زاكات ساتقۇچىغا كېلىدۇ.
- ئەگەر زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى يارام بولىشى بىلىنىشتىن ئىلگىرى مىراس ئالغان بولسا، مىراس ئالغۇچىغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، مۇبادا يارام بولغاندىن كېيىن مىراس ئالغان بولسا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.
"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 9 -توم 176 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "زىرائەت دانلىرى قېتىشسا، مېۋىلەرنىڭ ياراملىقى ئېنىق بولسا، ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، زاكاتنىڭ ۋاجىپلىقى ئۇنى خامانغا قويغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ. خامانغا قويۇشتىن ئىلگىرى ئىگىسىنىڭ ئىختىيارىسىز ھالاك بولغان بولسا، ئۇنىڭ زىممىتدىن زاكات چۈشۈپ كېتىدۇ". 99843- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى بىلەن ھېچ زىت كەلمەيدۇ: وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ تەرجىمىسى: «مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار». [سۈرە ئەنئام 141 -ئايەت].
بۇ ئايەت زاكاتنىڭ مىقدارى ۋە نىسابى بېكىتىلىشتىن ئىلگىرى مەككىدە نازىل بولغان، ئايەتتىكى ھەقتىن بولغان مەقسەت: زاكاتنىڭ باشقا ھەقلەردۇر. بۇ مۇستەھەپ بولغان ھەقتۇر. باغ ئىگىسى ۋە دىھقان ئۈچۈن زىرائەتنى ئورىغان ۋە مېۋىنى ئۈزگەندە كۈندە كەمبەغەللەرگە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلغۇدەك بىر نەرسە بېرىش مۇستەھەپ بولىدۇ.
ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ زاكاتتىن باشقا ھەقتۇر، بۇنى زىرائەتنى ئورىغۇچى زىرائەتنى ئورىغاندا كۆڭلىدىن چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ چوقۇم بىر بەلگىلىمىسى بولمايدۇ، ئايەتنىڭ كۆرۈنىشى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر، بۇ بىر قىسىم سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر". [ئەل مۇھەللا 4 -توم 21 -بەت].
ئىمام تەبەرىي تەپسىرىدە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "كەمبەغەلگە ئۆشىردىن ۋە يېرىم ئۆشۈردىن ئايرىيدىغان نەرسىدىن باشقا ئايرىم نەرسە بېرىدۇ".
ئەتا ئىبنى رەباھتىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " زىرائەتنى ئورىغان كۈنىدە مۇمكىن بولغاندىن بېرىدۇ، بۇ زاكات ئەمەس".
مۇجاھىدتىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "زىرائەتنى ئورىغاندا كەمبەغەللەر كەلسە، ئۇلارغا ئازراق ئايرىپ قويساڭ، ئۇنى سامانلىرىدىن ئايرىپ جىڭغا سالىدىغاندا كەلسە بەرسەڭ، قانچىلىك كېلىدىغانلىقىنى بىلگەندە زاكىتىنى ئايرىپ قويساڭ بولىدۇ، شۇنىڭدەك، مېۋىنى ئۈزگەندىمۇ، ئازراق ئايرىپ قويساڭ، جىڭغا سالىدىغاندا بەرسەڭ، قانچىلىك كېلىدىغانلىقىنى بىلگەندە زاكىتىنى ئايرىپ قويساڭ بولىدۇ". [تەپسىر تەبەرى 9-توم 600-604 -بەتلەر].
ئىمام قۇرتۇبىي مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: "زىرائەت ئورىغان دىھقانلارنىڭ ۋە مېۋە ئۈزگەن باغۋەنلەرنىڭ يېنىغا كەمبەغەللەر كېلىپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ : «مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ ئۇلارغا ئازراق بىر نەرسە بېرىڭلار، بۇ زاكات ئەمەس". [تەپسىر قۇرتۇبى 18 -توم 239 -بەت].
ئىبنى جىززىي مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ ھەققى زاكات دېيىلگەن بولسىمۇ، بۇ سۆز ئىككى تەرەپتىن ئاجىزدۇر:
بىرى: ئۇ ئايەت مەككىدە نازىل بولغان بولۇپ، زاكات مەدىنىدە پەرز بولغان. يەنە بىرى: زاكات دېگەن زىرائەت ئورالغان ۋە مېۋىلەر ئۈزۈلگەن كۈندە بېرىلمەيدۇ، بەلكى زىرائەتلەر بىلەن مېۋىلەر بىر-بىرىگە قېتىلغاندا بېرىلىدۇ. زىرائەت ئورالغان ۋە مېۋىلەر ئۈزۈلگەن كۈندە كەمبەغەللەرگە بېرىلىدىغان ھەق ۋاجىپ بولۇپ، كېيىن ئۆشۈر بېرىش بىلەن ئەمەلدىن قالغان دېيىلگەن. بۇ باشاقلاردىن چۈشۈپ قالغانلىرىدۇر دېگەنلەرمۇ بولغان، ئومۇمەن بۇ مۇستەھەپ ئىشتۇر. [تەسھىيل لىئۇلۇمىل تەنزىيل474 -بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: دانلىقلار ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقىت ئۇنىڭ دەسلەپكى پىشقان ۋاقتىدۇر، ئەمما زاكاتنى ئايرىيدىغان ۋاقىت بولسا دانلار ئاقلىنىپ، مېۋىلەر قۇرۇغاندىن كېيىن بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
موقع الإسلام سؤال وجواب