شەنبە 16 رەبىئۇسسانى 1446 - 19 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

مەنى، مەزى ۋە باشقا ئاجرالمىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ۋە بۇنىڭدىن شەكلىنىپ قالغاندا قانداق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن سىلەر يازغان مەنى ۋە مەزى توغرىسىدىكى يازمىلارنى ئوقۇدۇم، لېكىن مەن ھازىرغىچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى كەسكىن ئىشەنچ بىلەن ئايرىيالمايمەن، بۇ ئىش مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ يازغان پەتىۋانى ئوقۇپ ئاندىن بۇ توغرىدىكى باشقا پەتىۋالارنى ئوقۇسام ئېنىق بىر نەرسە ھاسىل بولمايدۇ، مۇمكىن بولسا ماڭا بۇ مەسىلىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار، مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ پىكىر قىلىمەن، لېكىن كۆڭلۈم قانائەتلەنگۈدەك بىرەر جاۋاپ تاپالمايمەن، شۇنىڭ بىلەن شەك قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بەزى ۋاقىتتا ماڭا شۇنداق پىكىرلەر كېلىپ قالغاندا، ئۇنداق پىكىرنى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ باشقا بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ باقىمەن، بەزى ۋاقىتتا ياتىدىغان ئورنۇمنى ئالماشتۇرىمەن، ياتقان ئورنۇمنى سىلىسام، رەڭگى يوق سۈزۈك ئاق ئاجرالمىلارنى تاپىمەن، بۇ مەنىيمۇ ياكى مەزىمۇ ياكى باشقا ئاجرالمىلارمۇ بۇنىڭ پەرقىنى قانداق ئايرىيمەن؟، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە پىلىملىرىنى كۆرمەيمەن، ئەرلەرگىمۇ قارىمايمەن، بەزى ۋاقىتتا سىرتلاردا ماشىنىدا ئەرلەرگە قاراپ قالسام، دەرھال قارىماسلىققا ئۇرىنىمەن، شەھۋەت دېگەن نېمە ۋە ئەڭ يۇقىرى لەززەت دېگەن نېمە؟بۇنى بىلىشنى خالايمەن، نامىزىمنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ماڭا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ماڭا تور ئۇلىنىشى ئەۋەتىپ بەرمەڭلار، چۈنكى ئۇلىنىشقا كىرسەم، ھەيرانلىقىم زىيادە بولۇپ چارچاپ كېتىدىكەنمەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئايالدىن چېقىدىغان نەرسە بەزى مەنى بولىدۇ، بەزى مەزى بولىدۇ يەنە بەزىدە ئادەتتىكى ئاجرالمىلار بولىدۇ، بۇ نەملىك دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈچ خىل ھالەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم سۈپەتلىرى ۋە ئۆزىگە خاس ھۆكۈملىرى بولىدۇ.

ئەمما مەنى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى بولسا:

1-مەنى دېگەن سۇيۇق سېرىق بولىدۇ. بۇ سۈپەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان: «ئەر كىشىنىڭ مەنىسى ئاق رەڭدە قۇيۇق بولىدۇ، ئايالنىڭ مەنىسى بولسا سىرغىش سۇيۇق بولىدۇ.»  [مۇسلىم رىۋايىتى 311-ھەدىس.]

ھەقىقەتەن بەزى ئاياللارنىڭ مەنىسىمۇ ئاق بولىدۇ، بۇ ئاز.كۆرۈلىدۇ.

2-ئەگەر مەنى ھۆل بولسا ئۇنىڭ پۇرىقى بۇغداي خېمىرنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاشراق بولىدۇ، قۇرۇق بولسا تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش بولىدۇ.

3-شەھۋەتنىڭ تېپىلىشى بىلەن مەنى چىققاندا لەززەتلىنىدۇ، بۇنى ھېس قىلىدۇ، ئاندىن شەھۋىتى بوشاپ كېتىدۇ.

مەنى بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۈچ سۈپەتنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرگە تېپىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى بۇ ئۈچ سۈپەتنىڭ بىرى تېپىلسا بۇ مەنى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي “ئەلمەجمۇ”  2 -توم 141-بەتتە مۇنداق دېگەن:  ئايالنىڭ مەنىسى سىرغىش سۇيۇق بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئايالنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى بولىشى بىلەن ئاق رەڭلىك بولىدۇ، بۇنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى بىلەن مەنى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ: بىرى ئۇنىڭ پۇرىقى ئەر كىشىنىڭ مەنىسىنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدۇ(خېمىرنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش ) يەنە بىرى:  مەنى چىققاندا ئايالمۇ لەززەتلىنىدۇ، چېقىپ بولغاندىن كېيىنلا ئايال بوشىشىپ كېتىدۇ”. [“مۇسلىمنىڭ شەرھىسى”  3 -توم 222 -بەت].

ئەمما مەزى بولسا:  ئۇ سۈزۈك شىلىمشىق ئاق سۇ بولۇپ، جىمانى ئويلىغاندا ياكى مەقسەت قىلغاندا چىقىدۇ، ئۇنىڭ چېقىشى بىلەن لەززەتلەنمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بوشىشىپ كېتىش بولمايدۇ.

مەزى ئەر ۋە ئايالدا بولىدۇ، بەزىلەر ئەرلەردىن ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ دەيدۇ.

نەملىك بولسا:  ئۇ بالىياتقۇدىن ئاجرىلىپ چېقىدىغان سۈزۈك سۇ بولۇپ بەزى ۋاقىتتا ئايال بۇنىڭ چىققانلىقىنى تۇيمايدۇ، ئاياللار نەملىكنىڭ ئاز-كۆپلىكىدە پەرقلىق بولىدۇ، بەزى ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ، بەزىسىدە ئاز بولىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولدىكى، ئىنساندىن چىققان مەنىنىڭ ئىشى ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، پۇرىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، شەھۋەت بىلەن چىقىدۇ، چىققاندا لەززەت تۇيغۇسىدا بولىدۇ.  مەزى ۋە نەملىكنىڭ ئۇنداق پۇرىقى بولمايدۇ.

لېكىن مەزى جىمانى ئويلىغاندا ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا نەزەر سالغاندا يەنى شەھۋەت تېپىلغاندىن كېيىن چىقىدۇ، ئۇنىڭ چېقىشى شەھۋەت بىلەن بولمايدۇ ۋە چىققاندا لەززەتلىنىش بولمايدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا چىققانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.

مەنى شەھۋەت ۋە لەززەت بىلەن بولىدۇ، مەزى شەھۋەتتىن ئىلگىرى چىقىدۇ، مەزى چىقىۋاتقاندا شەھۋەت بولمايدۇ.

نەملىك ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئىشنى پىكىر قىلىش ۋە نەزەر سىلىش بىلەن باغلىنىشى بولمايدۇ، نەملىكتىن ئىلگىرى شەھۋەت بولمايدۇ.

كۆپ ۋاقىتلاردا نەملىك مەزى دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ شەھۋەت بىلەن بىر باغلىنىشى بولمىسىمۇ، شەھۋەتنى قوزغايدىغان پىكىرلەردىن كېيىن چىقىدۇ، بۇ ئاجرالما ۋە نەملىكتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى: مەنى پاك بولۇپ، مەنى چىققاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ.

مەزى نىجىس بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ، يۇقۇپ قالغان ئورۇن ۋە كىيىمنى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ.  نەملىك پاكىزە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ.

ئۈچىنچى: ئىنسان ئۆزىدىن چىققان نەرسىنىڭ مەنى ياكى مەزى ئىكەنلىكىگە شەكلىنىپ قايسىغا تەۋە ئىكەنلىكىگە تېڭىرقاپ قالسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ ھۆكمىنى تاللايدۇ، بۇ شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ قاراش سوئال سورىغۇچىغا ۋە شۇنىڭدەك ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغۇچىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

“مۇغنى مۇھتاج” 1-توم 215 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: ” ئىنساندىن چىققان نەرسىنىڭ مەنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا مەزى ۋە ۋەدى قاتارلىق نەرسىلەرگە ئېھتىماللىقى بولۇپ قالسا، كۈچلۈك قاراشقا تايىنىپ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ھۆكمىنى تاللايدۇ، ئەگەر مەنى دەپ تاللىغان بولسا يۇيۇنىدۇ، ئەگەر مەنىنىڭ غەيرىنى تاللىغان بولسا، تاھارەت ئالىدۇ ۋە ئۇ نەرسە يۇققان ئورۇن ۋە كىيىمنى يۇيىدۇ، چۈنكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئىشەنچ       بىلەن ئۇنىڭ بىرىدىن پاك بولىدۇ، ئەسلى قائىدە بويۇنچە بىرىدىن پاك بولغان بولسا، ئۇنىڭغا قارشى پىكىر يوق.

تۆتىنچى: سوئالىدىن مەلۇم بولۇشچە سىز ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولاپسىز، سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ۋەسۋەسىدىن يىراق بولۇڭ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭ، ئىچ كىيىمىڭىزگە قارىماڭ، بىر نەرسە چىقتىمۇ ياكى چىقمىدىمۇ دەپ بەك تەكشۈرۈپ كەتمەڭ، بەلكى ئەۋرەتكە ۋە ئىچ كىيىمگە سۇ چېچىۋىتىڭ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا سىزدىن ۋەسۋەسىلەر يوق بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” ئەگەر بەزى ۋاقىتتا مەزى چېقىدىغان بولۇپ قالسا بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىش كېرەك، ئىستىنجا قىلىپ يۇيۇۋېتىش ۋە تاھارەت ئالغاندا ئەۋرەتنىڭ ئەتراپىغا سۇ سېپىۋېتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن نەرسە كۆتۈرۈلىدۇ، ھەتتا بىر نەرسە چىقمىغانلىقىغا كەسكىن ئىشەنچ قىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە تۇيۇقسىز شەك بولىدىكەن، شەكتىن يىراق بولۇپ، ئىچ كىيىمىڭىزنى تۇتماڭ ۋە قارىماڭ.

ئەمما بۇ ئىش دائىم داۋام قىلسا، نەملىك ھېسابلىنىدۇ، بۇ كېچىك تەرەت تېمىپ تۇرۇشنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەت ئىلىپ شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھالىڭىز بويۇنچە نامازلارنى ئادا قىلىسىز. ئەگەر مەزى چىقىش داۋاملاشسىمۇ شۇنداق قىلىسىز.

ئەمما بەزى ۋاقىتتا كېچىك تەرەت ۋە يەلگە ئوخشاش نەرسىلەر چىقسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلىدۇ، ئەگەر چىقمىسا ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

ئەگەر سىزدە ئەڭ ئاز ھەتتا 1% شەك بولۇپ قالسىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي بۇنى ۋەھىمە-خىيال دەپ قاراڭ، بۇنى ئېتىبارغا ئىلىش توغرا ئەمەس”. [“ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى” 20 -توم 29 -بەت.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى