پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھراملىقنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

   ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيەت جەريانىدا ئەر-ئاياللار ئېھراملىق كىيىملىرىنى ئالماشتۇرسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەر-ئاياللار ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيىتى جەريانىدا ئېھراملىق كىيىملىرىنى باشقا ئېھراملىققا ئالماشتۇرسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن كىيگەن دەسلەپكى ئېھرامغا تەسىرى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى ھەيئىتى"، پەتىۋا كومىتېتى 11-توم 185-بەت