چارشەنبە 16 شەۋۋال 1440 - 19 ئىيۇن 2019
Uygur

رامىزان كېرىشتىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن رامزاندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى توغرا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدم، توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن شەئبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىككى خىل ھالەتتىن باشقا ۋاقىتتا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان:

    بىرىنچى ھالەت: بىر كىشى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، بۇ كىشى شەئباننىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: شەبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىنى ئەۋۋەلقى يېرىمىغا ئۇلاشتۇرۇپ روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ، يەنى شەئبان ئېيىنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ روزا تۇتۇپ رامىزان ئېيى كىرگۈچە داۋاملاشتۇرسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا 13726- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيى كىرىشتىن بىر كۈن ياكى ئىككى بۇرۇن روزا تۇتىۋالماڭلار، پەقەت ھەر ھەپتىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى بولسا روزا تۇتسا بولىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1914- مۇسلىم رىۋايىتى1082-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شەبان ئېيى يېرىملاشقاندىن كېيىن روزا تۇتماڭلار.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3237- ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 738-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1651-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 590-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «رامىزان ئېيى كىرىشتىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتىۋالماڭلار، پەقەت ھەر ھەپتىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى بولسا روزا تۇتسا بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىدە ھەر ھەپتىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن ياكى شەئبان ئېيىنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ روزا تۇتقان كىشى بولسا رامزاندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆزىنىڭ روزا تۇتىدىغان ئادىتىگە توغرا كەلسە روزا تۇتسا بولىدۇ، ئەمما ئۇنداق ئادەتلەنمىگەن كىشىنىڭ رامزاندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنىدۇ.

    ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار رامىزان توغرىسىدا شەك قىلغان كۈندە روزا تۇتقان كىشى ھەقىقەتەن قاسىمنىڭ ئاتىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 686-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى 2188-ھەدىس].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 13711-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەتھۇل بارىدا مۇنداق دەيدۇ:"ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى شەك كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دەلىل قىلدى، چۈنكى ساھابە كىراملار بۇنداق سۆزنى ئۆز قارىشى بويىچە دېمەيدۇ.

    شەكلىك كۈن دېگەن، ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاي كۈرۈنمىگەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى بولۇپ، بۇ كۈننىڭ شەبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنىگىمۇ ۋە رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىگىمۇ ئېھتىماللىقى بولغانلىقى ئۈچۈن شەكلىك كۈن دەپ ئاتالغان.

    ئادەتتە ھەپتىنىڭ كۈنلىرىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشى ئۈچۈن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ"ئەلمەجمۇئ"6-توم 400-بەتتە شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن نەپلە روزا تۇتقان كىشى يەنى يىل بويى بىر كۈن روزا تۇتۇپ يەنە بىر كۈن ئىپتار قىلىپ ئادەتلەنگەن، ياكى ھەر ھەپتىنىڭ مەلۈم كۈنلىرى يەنى دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇپ ئادەت قىلغانلارنىڭ ئادىتى شەك كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ ئۇ كىشى شەك كۈنىدە روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز ئارىسدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئېيى كىرىشتىن بىر كۈن ياكى ئىككى بۇرۇن روزا تۇتىۋالماڭلار، پەقەت ھەر ھەپتىدە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن كىشى بولسا روزا تۇتسا بولىدۇ»، ئەگەر شەكلىك كۈندە ھېچ قانداق سەۋەپسىز روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رامىزان ئېيى كىرىشتىن بىر كۈن ياكى ئىككى بۇرۇن روزا تۇتىۋالماڭلار...»دېگەن بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار بۇ كۈندە روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەن چەكلىمىنىڭ كەسكىن ھاراملىقى ياكى مەكرۇھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ توغرىسى ھارامدۇر، بولۇپمۇ شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ". ["ياخشىلار باغچىسى ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى" 3-توم 394-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن شەئبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى: شەبان ئېيىنىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىدىن يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىگىچە ئىلگىرى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ.

ئىككىنچى: شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ياكى رامزاندىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتۇش، بۇ ئىلگىرى روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىگە نىسبەتەن ھارام بولىدۇ.

       ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش