ئاللاھ تائالا بىزلەرنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلى قىلغان سالىھ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، بىزگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئەمەللەردە ئىخلاس ئاتا قىلسۇن.
بۇ مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا تەۋسىيە قىلىنىدىغان ۋاقىت جەدۋىلىدۇر:
-مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىدىكى كۈنى.
1-مۇسۇلمان رامىزاندا كۈنىنى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىدىن بۇرۇن سەھەرلىك يېيىش بىلەن باشلايدۇ، ياخشىسى سەھەرلىكنى كېچىسى يىمەي كېچىكتۈرۈپ تاڭ يورۇشقا يېقىن يېيىش ئەۋۋزەلدۇر.
2-ئاندىن ئەزاندىن بۇرۇن نامازغا تەييارلىق قىلىپ، ئۆيدە تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بۇرۇن چىقىشى كېرەك.
3-مەسچىتكە كىرگەندە ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇپ ئاندىن ئولتۇرۇپ ئەزان چىققۇچە دۇئا قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ياكى زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇش كېرەك، ئەزان ئوقۇلغاندا مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلىشى كېرەك، ئەزاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان دۇئانى ئوقۇشى لازىم، ئاندىن تۇرۇپ بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇشى كېرەك، ئاندىن تەكبىر ئېيتىلغانغا قەدەر دۇئا، زىكىر ۋە قۇرئان تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولىشى كېرەك، ئۇ كىشى نامازنى كۈتۈپ تۇرغان مۇددەتتە ناماز بولغاندەك ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
4-نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، نامازدىن كېيىنكى زىكىر-تەسبىھلەرنى ئېيتىش، ئاندىن كۈن چىققۇچە مەسچىتتە زىكىر-تەسبىھ ۋە قۇرئان تىلاۋەت بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرسە، شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بامدات نامىزىدىن كېيىن شۇنداق قىلاتتى.
5-كۈن چىقىپ نەيزە بويى ئۆرلىگەندە يەنى ئون-ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندە چاشكا نامىزى ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە، ئىككى رەكەت بولسىمۇ چاشكا نامىزى ئوقۇسۇن، بۇنداق قىلىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر چاشكا نامىزىنى كۈن تازا ئۆرلەپ ھاۋا قىزىغاندا ئوقۇسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
6-ئەگەر خىزمەتكە بېرىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئارزاق ئۇخلاشنى ياخشى كۆرسە ۋە ئۇخلاش ئارقىلىق كېيىنكى ئىبادەتلەرنى جۇشقۇنلۇق بىلەن قىلىش. ھالال رىزىق تېپىشنى مەقسەت قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئۇيقىسىغىمۇ ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ، ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئۇخلاشنىڭ شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي ۋە ئاغزاكى ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىش كېرەك.
7-ئاندىن خىزمىتىگە بارىدۇ، پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغاندا، ئازاندىن بۇرۇن ياكى ئەزان چېقىش بىلەنلا نامازغا تەييارلىق قىلىپ مەسچىتكە بارىدۇ، ئالدى بىلەن پېشىنىڭ تۆت رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇيدۇ ئاندىن پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتقۇچە قۇرئان تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، جامائەت بىلەن نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىقى ئىككى رەكەت سۈننەتنى ئوقۇيدۇ.
8-نامازدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتقا قەدەر خىزمىتىنىڭ قالغىنىنى داۋام قىلىدۇ، خىزمەتتىن قايتىپ كەلگەندە ئەسىر ۋاقتى يېقىنلاشمىغان بولسا، چارچاشنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئازراق ئارام ئالىدۇ، ئەگەر ئارام ئالسا ئۇخلاپ قىلىپ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن مەھرۇم قالىدىغان بولسا، ناماز ۋاقتى بولغىچە ئۇخلىماستىن مۇناسىپ بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بازارغا چېقىپ ئائىلىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدۇ ياكى خىزمەتتىن يېنىپ كېلىپلا بىۋاستە مەسچىتكە بېرىپ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغىچە مەسچىتتە قالىدۇ.
9-ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدۇ، ئەگەر ئىمكانىيىتى بولسا مەسچىتتە ئولتۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بۇ چوڭ پايدا، ئەگەر ھارغىنلىق ھېس قىلسا، كېچىدىكى تەراۋىھ نامىزىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىپ بىر ئاز ئارام ئالىدۇ.
10-شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئىپتارغا تەييارلىق قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە پايدىسى بولىغان قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا قىلىش ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك بولغان ۋەز-نەسىھەت ياكى سۆھبەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
11-مۇشۇ ۋاقىتتا قىلىنىدىغان ئەڭ پايدىلىق ئىش روزىدارلارنى ئىپتار قىلدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا ئىپتارلىق ھازىر قىلىش ياكى ئىپتارلىق تارقىتىشقا ياردەملىشىش، دەستۇرخاننى تەرتىپلەش قاتارلىقلاردۇر، مانا بۇ تەجرىبە قىلمىغانلار بىلەلمەيدىغان ۋە تېتىيالمايدىغان ئەڭ كاتتا لەززەتتۇر.
12-ئۆيدە ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن شام نامىزىنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە بارىدۇ، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت سۈننەتنى ئوقۇپ ئۆيگە قايتىپ، چالا قالغان يېمەك بولسا يەيدۇ، زىيادە كۆپ يېمەيدۇ، قالغان ۋاقىتنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە پايدىلىق بولغان سىيرەت-تارىخ كىتابلىرى ياكى رامىزان-روزىغا ئالاقىدار بولغان پىقھى كىتابلىرى ، ئىلمى مۇسابىقە سوئال-جاۋاپلىرىنى ئوقۇش ياكى ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىگە پايدىلىق، ئاڭلاشقا ئىشتىياق بولغان يېڭى پىكىر-قاراش ۋە دۇرۇس سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئىشلار ئىنساننى ياكى ئائىلىنى تىلېۋىزىيە قاناللىرىدا چىقىۋاتقان ھارام-ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەردىن چەكلەيدۇ. تىلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان، ئەقىدە ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن چەكلەنگەن شەيتانى پىلىملەرنى كۆپ تارقىتىدۇ. قېرىندىشىم! سىز بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشچانلىق قىلىڭ، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ھەققىدە ئاللاھدىن قورقۇڭ، قىيامەت كۈنىدە بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىسىز، شۇ ۋاقىتتىكى سوئالغا جاۋاپ ھازىرلاڭ.
13-ئاندىن خۇپتەن نامىزىغا تەييارلىنىپ مەسچىتكە بارىدۇ، نامازنى ئادا قىلغانغا قەدەر مەسچىتتە دەرس ئاڭلاش ياكى قۇرئان تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.
14-خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت سۈننەتنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىمامغا ئەگىشىپ خۇشۇ، تەپەككۇر، ۋە ھوزۇرى دىل بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇيدۇ. ئىمام تەراۋىھ نامازنى ئادا قىلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەسچىتتىن چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە باشلاپ، ناماز ئاخىرلاشقاندا ئىمام بىلەن بىرگە قايتسا، ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1370 -ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان، شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ "تەراۋىھ نامىزى" ناملىق كىتابىنىڭ 15 -بىتىدە كەلتۈرگەن].
- مۇسۇلمان كىشىگە تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان پرۇگراممىلار.
تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىڭىز، باشقا مۇناسىۋەتلىرىڭىزگە كۆرە مۇناسىپ پرۇگراممىلار ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك:
1- ھارام ئىشلارغا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق بولۇڭ.
- 2 ئائىلىدىكىلەرنى چەكلەنگەن-ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ياكى ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ھېكمەت بىلەن، مۇناسىپ ئۇسۇللار بىلەن يىراق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم، ئۇلارغا خاس پرۇگرامما ھازىرلاش ياكى ئۇلارنى دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىش ، ئۇلارنى ناچار دوست-ھەمراھلاردىن يىراق قىلىپ، ياخشى دوستلارغا ھەمراھ قىلىش لازىم.
3-ئىمكان قەدەر ساۋابى كۆپ، پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.
4-ئاندىن كېيىن تىزدىن ئۇخلاش كېرەك، ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئۇخلاش ھەققىدىكى شەرىئەتنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ئەدەپ-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش لازىم، ئەگەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مەلۇم مىقداردا قۇرئان تىلاۋەت قىلسا ياكى پايدىلىق كىتاب ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىنى ئادا قىلىپ بولالمىغان بولسا، بۇنى تولۇق ئادا قىلماي تۇرۇپ ئۇخلىماسلىقى كېرەك.
5-ئاندىن سەھەر ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۇيغىنىپ، دۇئا-تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىم، چۈنكى بۇ ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى، پەزلى، رەھمىتى نازىل بولىدىغان كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغان ۋاقىتتۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ۋاقىتتا ئۆزىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغان بەندىلەرنى ئالاھىدە مەدھىيىلىدى، دۇئا قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا، تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى، بۇنداق كاتتا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىڭىز كېرەك.
- مۇسۇلمان كىشىگە رامزاننىڭ جۈمە كۈنىدە قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەرتىپلەر.
جۈمە كۈنى بولسا ھەپتىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتتە بۇ كۈن ئۈچۈن خاس تەرتىپلەر بولىشى كېرەك،
بۇ كۈندە تۆۋەندىكى ئىشلارغا رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ:
1-جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بېرىش.
2-ئەسىر نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرۇپ كۈن پاتقۇچە قۇرئان تىلاۋەت، دۇئا ۋە زىكىر تەسبىھلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىم، چۈنكى بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان ۋاقىتتۇر.
3-بۇ كۈننى ھەپتە ئارىسىدا تولۇق ئادا قىلىپ بولالمىغان بەزى ئىشلارنى تولۇقلايدىغان پۇرسەت قىلىش كېرەك، ھەپتە ئىچىدە ئوقۇپ بولالمىغان قۇرئان كەرىم ۋەزىپىسىنى تاماملاش، چالا قالغان كىتاپ ياكى ئاڭلاپ بولالمىغان ۋەز-نەسىھەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى تولۇقلاش كېرەك.
- مۇسۇلمان كىشىگە رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەرتىپلەر.
رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە پەزىلەتتە باشقا مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئون كۈندە مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ ئېتىكاپ قىلغان، بۇ ئون كۈندە ئېتىكاپ قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇش بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتىدۇر. تولۇق ئون كۈن ئېتىكاپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەر بولسا مۇمكىن بولغان مىقداردا ئېتىكاپ قىلسا بولىدۇ.
پەقەت ئېتىكاپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەر، ئاخىرقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا ۋە زىكىر-تەسبىھلەردىن ئىبارەت بولغان تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولسۇن، كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئۈچۈن كۈندۈزدە مەلۇم ۋاقىت ئارام ئېلىۋېلىشى لازىم.
- مۇسۇلمان كىشىگە رامىزان ئېيىدا قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەرتىپلەر توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش.
يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلىنغان تەرتىپلەر، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا مۇناسىپ ھالدا ئۆزگەرتسە بولىدىغان ئېلاستىكىلىق تەرتىپتۇر.
بۇ جەدۋەلدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ سۈننەتلەرنى زىكىر قىلىشغا رىئايە قىلىش لازىم تۇتۇلدى، بۇنىڭدىن بۇ جەدۋەلدە بايان قىلىنغان ھەممە ئىشلارنى قىلىش پەرز-ۋاجىپ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئەمەللەر بايان قىلىنغان.
ئەمەللەردىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭ داۋام قىلغىنىدۇر، مۇسۇلمان كىشى رامىزاننىڭ ئاۋۋىلىدە تائەت-ئىبادەتكە بەك قىزغىن بولىدۇ، ئاندىن سۈسلىشىپ بوشاپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك، مۇشۇ ئايدا ئادا قىلىنىدىغان بارلىق ئەمەللەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
-مۇسۇلمان كىشىگە رامىزان ئېيىدىكى قىممەتلىك نەسىھەتلەر.
1-مۇسۇلمان مۇشۇ مۇبارەك ئايدا سالىھ ئەمەللەر ۋە ياخشى ئىشلارنى زىيادە قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا پۇرسەتنى زايە قىلىۋەتمەسلىك ئۇچۇن ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك ۋاقتىنى ياخشى تەرتىپلىشى كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن: رامىزاننىڭ بېشىدا ياكى بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن ئائىلىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ تەييار قىلىشى، كۈندىلىك ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بازار قىستاڭچىلىق بولمايدىغان ۋاقىتلاردا سېتىۋېلىشى، ئائىلە زىيارىتى ياكى شەخسى كۆرۈشىدىغان ئىشلىرىنى ئىبادەتتىن مەشغۇل قىلمايدىغان ۋاقىتلاردا ئىلىپ بېرىشى كېرەك.
2-مۇشۇ ئايدا ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى بىرىنچى مەقسەت قىلىش كېرەك.
3-رامىزان ئېيىنىڭ ئەۋۋىلىدىن باشلاپ تاكى قۇرئان كەرىم خەتمىسى تاماملىنىپ ئاي ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناماز ۋاقىتلىرىدا مەسچىتكە بۇرۇن بېرىشنى ئىرادە قىلىش كېرەك. بۇ ئايدا كېچىك نامازلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە مۇمكىن بولغان مىقداردا سەدىقە، خەيرى-ئېھسان قىلىش كېرەك.
4-ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر بىلەن بولىدۇ:
5-ئايەتلەرنى توغرا شەكىلدە تىلاۋەت قىلىش، قۇرئاننى قۇرئان كەرىمنى ياخشى بىلىدىغان قارىلارغا تىڭشىتىش، ئەگەر ئۇنداق قىلىش قېيىن بولۇپ بولسا، مەشھۇر قارىلارنىڭ ئوقۇغان تىلاۋەتلىرىنى تىڭشاپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
6-ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ياد قىلىشتىن ئىبارەت بولغان نېمەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇراجىئەت قىلىش ۋە يەنىمۇ كۆپلەپ ياد قىلىش كېرەك.
7-ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ۋە ئىزاھلىرىنى ئوقۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن تايىنىشقا بولىدىغان تەپسىر بەغەۋىي، تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى قاتارلىق تەپسىر كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىر كىتاپلىرىدىن ئوقۇيدىغان پارىلارنى تەرتىپلەش لازىم، ئاۋۋال ئەممە پارىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تابارەك پارىسى دېگەنگە ئوخشاش.
8-ئاللاھ كىتابىدا ئوقۇپ ئۆتكەن بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى ئەمەلىيتىمىزگە تەتبىقلاپ مېڭىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئاللاھ تائالادىن بىزگە رامىزان ئېيىنى تېپىشتىن ئىبارەت كاتتا نېمەتنى ۋە ئۇنىڭ روزىسى، كېچىلىك قىياملىرىنى تاماملاپ بېرىشنى سورايمىز.
ئاللاھ بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، خاتالىق-كەمچىللىكلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغاي ئامىن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.