سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە رۇزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلىكلەر ئىسپاتلانمىغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن توقۇلغان يالغان ھەدىسلەردۇر. ئەمما ئون كۈننىڭ پەزىلىتى، ئارتۇقچىلىقى ئۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بولۇپمۇ روزا تۇتۇش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، بىر كۈننىڭ پەزىلەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئۇ كۈندە مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكلەرنىڭ بولىشى ياكى بۇ كۈننىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار بولىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ.
زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلەر بولغانمۇ؟
سوئال 279518
نېمە ئۈچۈن زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە روزا تۇتىمىز؟ بۇ كۈنلەرنىڭ ھەر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلەر بولغانمۇ؟. مەسىلەن:
بىرىنچى كۈنى: بۇ ئاللاھ تائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەنلىك خاتالىقىنى كەچۈرۈۋەتكەن كۈندۈر.
ئىككىنچى كۈنى: بۇ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىقنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان كۈندۇر.
ئۈچىنچى كۈنى: بۇ ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارزۇ قىلغان پەرزەنتنى ئاتا قىلغان كۈندۇر دېگەندەك.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
مۈندەرىجە
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى-پەزىلىتى.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى دۇنيانىڭ باشقا كۈنلىرىدىن ئۇلۇغ ۋە پەزىلەتلىك كۈندۈر، يىل بويى قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە نىسبەتەن مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر، بۇ كۈنلەرنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.
بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ سەھىھ ۋە مەشھۇر بولغانلىرىدىن : ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەللەردىنمۇ ئارتۇق-پەزىلەتلىك ئەمەل بولمايدۇ؟» دېگەندە، ساھابىلار: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇقمۇ؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇق، لېكىن بىر ئادەم جېنىنى ۋە مېلىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ چىقىپ جىھاد مەيدانىدىن قايتماي شېھىت بولۇپ كەتسە، بۇنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 969 -ھەدىس].
بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشمۇ ياخشى ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بۈ كۈنلەردە روزا تۇتۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى-پەزىلىتى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە روزا تۇتاتتى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2436-ھەدىس. نىسائىى رىۋايىتى 2417 -ھەدىس. سۈنەندە بايان قىلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2106 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئىككىنچى:
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلەر بولغانمۇ؟.
سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز بايان قىلىنغاندەك، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە رۇزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەر كۈنگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلىكلەر توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسنادى ساغلام بولغان ھېچ بىر ھەدىس بايان قىلىنمىغان.
يۇقىرىدا بەزى كۈنلەرگە مۇناسۋەتلىك دەپ بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ئاساسەن مۇشۇ مەنىلەر توغرىسىدا توقۇلغان يالغان ھەدىس بەلكى ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى توقۇلما، يالغان بولۇپ، ئۇ توغرىدا ھېچ بىر سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. بۇنىڭ بايانى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
بىرىنچى ھەدىس: شەجەرى "ئەل ئەمالىيدا"(1651) بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىزگە ئەبۇل قاسىم ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئەلىي ئىبنى ئەھمەد ئەل ئەزجى مېنىڭ ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىشىم بىلەن خەۋەر بەردى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەل مۇپىيد خەۋەر بەردى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئەھمەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى سەئەد ئەل قۇرەشىي ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئىسھاق ئىبنى سۈۋەيد ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: داۋۇد ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەلىي بىزگە ئاتىسى سۇلايمان ئىبنى ئەلىيدىن، ئۇ ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا زېمىنغا تۇنجى رەھمەتنى زۇلقەدە ئېيىنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى چۈشۈرگەن، شۇ كۈندە روزا تۇتسا بۇ ئاتمىش يىللىق روزىغا باراۋەر بولىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۇنياغا كەلگەن، بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا زەبۇرنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى چۈشۈردى، ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندەك، بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلدى، بۇ ئەرەپات كۈنى بولۇپ، بۇ كۈننىڭ روزىسى ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان بىر يىللىق روزىغا باراۋەر بولىدۇ، ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۈنجى كېچىسى ئىجابەت قىلدى، بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دۇئاسىنىمۇ زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغاندەك ئىجابەت قىلىدۇ» . بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى توقۇلما، ئىسنادتا: ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەل مۇپىيد دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كىشى توغرىسىدا، ئىمام زەھەبى "ئەل مۇغنى پىز زۇئەپا"ناملىق ئەسەردە(5260) مۇنداق دېگەن: "ھەدىسشۇناس ئالىملار ئۇ كىشىنىڭ ھەدىس بايان قىلىشتىكى ئاجىزلىقى، يالغان ھەدىس توقۇيدۇ دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىگە ئىتتىپاق". "مىيزانۇل ئىئتىدال"دا(7158) مۇنداق دېگەن: "بۇ كىشى يالغان ھەدىس توقۇيدۇ دەپ ئەيىبلەنگەن".
سىبتى ئىبنىل ئەجەم"ئەل كەشپۇل ھەسىيس"(610) ناملىق ئەسەردە ئىمام زەھەبىينىڭ سۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: " زەھەبىينىڭ باجىينىڭ سۆزىدىن كېيىن ئۇنى: يالغانچى دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ياكى يالغان ھەدىس توقۇيدۇ دەپ ئەيىبلىگەنلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ".
ئەبۇ بەكىر ئەل مۇپىيدنىڭ ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئىبنى سەئەد ئەل قۇرەشىينىڭ ھېچ بىر تەرجىمىھالىنى تاپالمىدىم، لېكىن ئۇ ئەھمەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئەسسىقتىنى تاپتىم، ئۇ ئەبۇ بەكىر ئەل مۇپىيدنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى، ئىمام زەھەبى "ئەل مۇغنى پى زۇئەپا"(345) دا ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: " ئەھمەد ئىبنى ئابدۇراھمان ئەسسىقتى بولسا ئەبۇ بەكىر ئەل مۇپىيدنىڭ ئۇستازى بولۇپ كىملىكى ئېنىق ئەمەس، ئۇ كىشىنىڭ يەزىيد ئىبنى ھارۇندىن بايان قىلغان ھەدىسى باتىلدۇر".
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا "داۋۇد ئىبنى سۇلايمان ئىبنى ئەلىي" دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭمۇ كىملىكى ئېنىق ئەمەس ۋە ھېچ بىر كىشى ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازمىغان".
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا يەنە"سۇلايمان ئىبنى ئەلىي ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بولۇپ، بۇمۇ كىملىكى ئېنىق بولمىغان كىشىدۇر".
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "تەھزىيب ئەتتەھزىيب"(361)تە مۇنداق دەيدۇ: " سۇلايمان ئىبنى ئەلىي ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئىبنى ئابدۇل مۇتەللىب ئەل ھاشىمىي.... مەن دەيمەنكى، بۇ كىشى توغرىسىدا ئىبنى قەتتان مۇنداق دېگەن: "بۇ كىشى ئۆز قەۋمىدە شەرەپلىك بولماقلىقى بىلەن ھەدىس ساھەسىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى بىلىنمەيدۇ".
ئىككىنچى ھەدىس: بۇ ھەدىسنى دەيلەمىي "مۇسنەد ئەل پىردوس"(4381)دە كەلتۈرگەن، ئىمام سۇيۇتىي مۇشۇ ئىسناد بىلەن" ئەززىيادەتۇ ئەلەل مەۋزۇئات"(567)تا دەيلەمىينىڭ يولىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئاتام خەۋەر بەردى، بىزگە مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئەسسەئدىي خەۋەر بەردى، بىزگە (ئىبنى شازىي) دەپ تونۇلغان ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئىبراھىم ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە پەزلى ئىبنى پەزلى ئەل كىندىي يازدۇرۇپ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە مۇھەممەد ئىبنى سەھىل ئىبنى ھۈسەين ئەل ئەتتار ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەل بەلەۋىي ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ماڭا ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلا ئاتىسىدىن ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئاتىسى زەيد ئىبنى ئەلىي ئىبنىل ھۈسەيندىن ئۇ ئاتىسىدىن، ئاتىسى چوڭ دادىسىدىن، چوڭ دادىسى ئاتىسى ئەلىي ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆتۈرۈپ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۇنياغا كەلگەن، بۇ كۈندە روزا تۇتسا، بۇ سەكسەن يىللىق خاتالىققا كاپارەت بولىدۇ، ئاللاھ تائالا زۇلھەججىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئايەت چۈشۈردى، بۇ كۈندە روزا تۇتسا، بۇ ئاتمىش يىللىق خاتالىققا كاپارەت بولىدۇ».
ئىمام سۇيۇتىي :مۇھەممەد ئىبنى سەھەل يالغان ھەدىس توقۇيدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى يالغان، يالغانچىلار بىر-بىرىگە باغلانغان دېگەن.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا: ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلا ئىبنى زىبرە بولۇپ، ئىمام زەھەبىي"مىيزانۇل ئىئتىدال"دا(120) ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام نىسائى ئۇ كىشىنى: ئىشەنچىلىك ئەمەس دېگەن".
ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەل بەلەۋىي بولۇپ، ئىمام زەھەبىي"مىيزانۇل ئىئتىدال"دا (4558) ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام دارىي قۇتنىي بۇ كىشىنى: ھەدىس توقۇيدۇ دېگەن".
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا يەنە: مۇھەممەد ئىبنى سەھىل ئەل ئەتتار بولۇپ، خەتىيبۇل باغدادىي "باغدادنىڭ تارىخىي"دا (2/411) ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام دارىي قۇتنىي: مۇھەممەد ئىبنى سەھىل ئەل ئەتتارنى ھەدىس توقۇيدىغان كىشىلەردىن دېگەن".
بۇ ھەدىسنى ئەل پەتەنىي "تەزكىرەتۇل مەۋزۇئات"(119) تا بايان قىلىپ: " ئىسنادتا مۇھەممەد ئىبنى سەھەل بولۇپ، ئۇ يالغان ھەدىس توقۇيدۇ دېگەن".
ئۈچىنچى ھەدىس: بۇ ھەدىسنى دەيلەمىي "مۇسنەد ئەل پىردوس"(7122)دە كەلتۈرگەن، ئىمام سۇيۇتىي مۇشۇ ئىسناد بىلەن" ئەززىيادەتۇ ئەلەل مەۋزۇئات"(565)تا دەيلەمىينىڭ يولىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئەبۇل پەتھى ئابدۇل ۋاھىد ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى نەغارە خەۋەر بېرىپ ئىزنە بەرگەن، بىزگە ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلىي ئىبنى خەشنام ئەل ھاپىز خەۋەر بەرگەن، بىزگە ئەبۇ نەزىر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سۇلايمان ئەتتەستۇرىي ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن، بىزگە مۇھەممەد ئىبنى مەخلەد ئەل ئەتتار ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن، بىزگە ئەبۇ سەئىيد مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن، بىزگە مۇھەممەد ئىبنى تەمىيم ئەل پىريابىي ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن، بىزگە ئابدۇل مەلىك ئىبنى ئىبراھىيم ئەل جۇددىي سۇپيان سەۋرىيدىن، ئۇ ھەبىيب ئىبنى ئەبۇ سابىتتىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى باباھۇدىن ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سۆزلەپ بەرگەن ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم خەلىيل ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۇنياغا كەلگەن، بۇ كۈندە روزا تۇتسا، بۇ يەتمىش يىللىق خاتالىققا كاپارەت بولىدۇ». ئىمام سۇيۇتىي: بۇ ھەدىس توقۇلما، بۇنىڭ ئاپىتى: مۇھەممەد ئىبنى تەمىيم بەك رەزىل يالغانچى دېگەن".
ئەبۇ نۇئەيم "ئەززۇئەپا"(231) دا مۇنداق دەيدۇ: " مۇھەممەد ئىبنى تەمىيم بەك يالغانچى، يالغان ھەدىس توقۇيدۇ".
ئىبنى ھىببان "ئەل مەجرۇھىين"(1013) تە مۇنداق دەيدۇ:" مۇھەممەد ئىبنى تەمىيم يالغان ھەدىس توقۇيدۇ".
ھاكىم "سىجزىينىڭ ھاكىمدىن سورىغان سۇئاللىرى"(137) تە مۇنداق دېگەن: " مۇھەممەد ئىبنى تەمىيم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن ئون مىڭدىن ئارتۇق يالغان ھەدىس توقۇغان".
تۆتىنچى ھەدىس: ئىمام سۇيۇتىي" ئەززىيادەتۇ ئەلەل مەۋزۇئات"(565)تا دەيلەمىينىڭ يولىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئاتام خەۋەر بەردى، بىزگە مەيدانىي خەۋەر بەردى، بىزگە ئەبۇ بەكىر ئىبنى بۇشران ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئىبنى شاھىين يازدۇرۇپ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىكرەمە نىسۋىي ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئەھمەد ئىبنى خەزرىل مىرۋەزىي ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە مۇھەممەد ئىبنى نەسىر ئىبنى ئابباس ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ئەلىي ئىبنى ھۇجىر ھەدىس سۆزلەپ بەردى، بىزگە ھەمماد ئىبنى ئەمىر زەيد ئىبنى رەپەيدىن ئۇ زۆھرىيدىن ئۇ ئەنەستىن ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەنەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلاپ بايان قىلغان بۇ ھەدىستە: «كىمكى تەرۋىيە كۈنىدە (زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىدە) روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامغا بالا-مۇسىيبەتكە سەۋېر قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاپ بەرگەندەك ساۋاپ بېرىدۇ، ئەرەپات كۈنى روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئىسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالامغا ساۋاپ بەرگەندەك ساۋاپ بېرىدۇ، قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇغانغا قەدەر بىر نەرسە يېمىگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا ئاشۇ كۈندە ھېيت نامىزى ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كەتسە شېھىت ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدۇ». ئىمام سۇيۇتىي: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدىكى: ھەمماد ئىبنى ئەمىر يالغانچى، كەززاپ ئۇ بۇ ھەدىسنىڭ ئاپىتى دېگەن".
ئىبنى مەئىين:" ھەمماد ئىبنى ئەمىر توغرىسىدا: ئۇ، يالغانچى ۋە يالغان ھەدىس توقۇيدىغان نەسىيبىيە پىرقىسىدىندۇر دېگەن". [ئىبنى ئەدىينىڭ "ئەل كامىل"(415) . ]
نىسائىي "ئەززۇئەپا ۋەل مەترۇكىين"(136) ھەمماد ئىبنى ئەمىر توغرىسىدا: ئۇنىڭ ھەدىس تاشلىۋېتىلىنىدۇ (قوبۇل قىلىنمايدۇ) دېگەن".
جەۋزىجانىي"ئەھۋالىر رىجال"(321) ھەمماد ئىبنى ئەمىر توغرىسىدا: ئۇ بەك يالغانچى بولۇپ، كەڭ قورساق، دانا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە قارىتا ھېچ گۇمان قالدۇرمايدىغان بىرى دېگەن".
ئىبنى ھىببان "ئەل مەجرۇھىين(240) ھەمماد ئىبنى ئەمىر توغرىسىدا : ئۇ ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ ئىسنادىغا يالغان ھەدىس توقۇيدۇ دېگەن".
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە رۇزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلىكلەر ئىسپاتلانمىغان، ھەقىقەتەن ئۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن توقۇلغان يالغان ھەدىسلەردۇر. زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ۋە ئۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بولۇپ روزا تۇتۇش توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، بىر كۈننىڭ پەزىلەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئۇ كۈندە مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكلەرنىڭ بولىشى ياكى بۇ كۈننىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار بولىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتلىك، ئارتۇق قىلغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
موقع الإسلام سؤال وجواب