يەكشەنبە 23 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 24 نويابىر 2024
Uygur

تېرە ئاستى ياكى موسكۇلغا ئۇرىدىغان ئۇكولدىن كېيىن بىمار كۆپ سۇ ئېچىش ۋە يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق بولسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ قېرىندىشىمغا ئالاقىدار بولغان بىر سوئالىم بار، قېرىندىشىم تېرە ئاستىدىن ياكى موسكۇلدىن ئوكۇل ئۇدىرىدىغان بىر خىل كېسەل بولۇپ قالغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭغا: ئوكۇلدىن كېيىن بۆرەكنىڭ چارچىماسلىقى ئۈچۈن كۆپ سۇ ئىستىمال قىلىش، جىسىمنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى غىزالىنىش كېرەك دەپتۇ، دوختۇر يەنە سىز ئوكۇل ئۇدۇرغاندىن كېيىن روزىنى بۇزۇپ ئېغىز ئىچىشىڭىز كېرەك، ئەمما روزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز روزىنى داۋاملاشتۇرۇڭ دەپتۇ، رامىزان روزىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى كېچىدە نىيەت قىلىش كېرەك بولىدۇ، يەنە بىر ئىش: قېرىندىشىم ئوكۇل ئۇدۇرغان ۋاقتىدىلا روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىدۇ، بۇ توغرىدىكى پەتىۋانى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئوزۇقلۇق ئوكۇلىدىن باشقا ئوكۇللارنى ئۇدۇرغاندا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 49706- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

    ئىككىنچى: بۇ ئوكۇلنى ئۇدۇرغۇچى ئوكۇلدىن كېيىن كۆپ سۇ ئىستىمال قىلىش ۋە ياخشى غىزالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا كېسەلگە زەرەر كەلمەستىن ۋە قېيىنچىلىق بولماستىن ئىپتاردىن كېيىنكى ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈش مۇمكىن بولسا ئوكۇلنى ئىپتاردىن كېيىن ئۇدۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئوكۇلنى ئىپتاردىن كېيىنكى ۋاقىتقا كېچىكتۈرگەندە كېسەلگە قېيىنچىلىق بولىدىغان ۋە كېسىلى ئەدەپ كېتىدىغان ئەھۋال بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوكۇلنى ئۇدۇرۇپ شۇ كۈنلۈك روزىسىنى بۇزىدۇ، ئەمما ئوكۇلنى ئىپتاردىن كېيىنگە كىچىكتۈرسە كېسەلگە زىيان يەتمەيدىغان ئەمما مۇشەققەت بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئېغىزىنى ئىچىۋىتىشى ياخشى بولىدۇ، روزىنى داۋاملاشتۇرىشى ياخشى بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كېسەلنىڭ ئەھۋالى بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى: يەڭگىل زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە چىش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەر سەۋەبلىك روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، گەرچە بەزى ئۆلىمالار بەقەرە سۈرىسىدىكى كېسەل بولغان كىشى دېگەن ئايەتنى كەلتۈرۈپ ھەرقانداق كېسەل ئىپتار قىلسا بولىدۇ دەيدۇ، لېكىن بىز دەيمىزكى، بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىنىڭ بىر قانچە ئىللەت-سەۋەبلىرى بار، ئىللەت-سەۋەپ تېپىلغاندا روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىش ياخشى، ئەمما بۇ كېسەللەرنىڭ روزىغا تەسىرى بولمىغاندا روزىنى بۇزۇش توغرا بولمايدۇ بەلكى روزىنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ.

    ئىككىنچى: روزا تۇتسا كېسەلگە قېيىنچىلىق بولىدىغان ئەمما زەرەر يەتمەيدىغان ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىپتار قىلىشى يوللۇق بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: بۆرەك كېسىلى ۋە شېكەر كېسىلىگە ئوخشاش روزا تۇتسا كېسەلگە قېيىنچىلىق بولىدىغان ھەم زەرەر بولىدىغان ئەھۋالدا ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ.

    بۇنىڭ بىلەن بەزى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ روزا تۇتسا قېيىنچىلىق بولىدىغان ۋە بەزى زەرەر يېتىدىغان كېسەللەرنىڭ روزىسىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىشىنى چەكلەش بىلەن خاتالاشقانلىقىنى بىلەلەيمىز.

    بىز دەيمىزكى، ئۇلار خاتالاشقان، ئاللاھ تائالانىڭ مېھرىبانلىقى ۋە كېسەللەرگە ئاتا قىلغان رۇخسىتىنى قوبۇل قىلماستىن ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ولا تقتلوا انفسكم تەرجىمىسى: سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت. "شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 352-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى