يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

دۇنيا ئىشلىرىنى تەلەپ قىلىش غەم-ئەندىشىلەرنى كەلتۈرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

مەن ۋېدىيۇدا:  دۇنيا ئىشلىرىنى تەلەپ قىلىش غەم-ئەندىشىلەرنى كەلتۈرىدۇ دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ “بەندە دۇنيا ئىشلىرىدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا شۇ ئىشقا ئوخشاش غەم-قايغۇ بېرىلىدۇ”  دېگەن توغرا سۆزمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

سوئالدا زىكىر قىلىنغان سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سۆز ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان، شۇنىڭدەك، دۇئا دېگەن غەم-ئەندىشىنى جەلىپ قىلىدۇ  دېيىش توغرا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاخىرەت ئىشىنى تەرك قىلىپ دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ھەزەر قىلىش ياكى دۇنيانى ئۆز ئورنىنىڭ غەيرىدىن تىلەشتىن چەكلىگەنلىك بايان قىلىنغان.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ سۆزنى مۇشۇنداق مۇتلەق ۋە ئومۇمى شەكىلدە ئىشلىتىش شەكسىز باتىلدۇر، ئىنسانلار دائىم ئۆز رەببىدىن بىر نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ، رەببىنى ئۇلۇغلايدۇ، دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىن كۆڭلىگە پۈككەن ۋە رىغبەتلەن نەرسىلەرنى سورايدۇ.  شەرىئەتتە دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى تىلەشتىن ياكى دۇنيا ئۈچۈن سەئيى قىلىشتىن چەكلەش يوق. چەكلىمە بولسا، بەندىنىڭ ئاخىرەت غەم-قايغۇسى، مەشغۇلىيىتى بولمايدۇ، ئاخىرەت ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلمايدۇ، رىغبەتلەنمەيدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئوي-پىكرى، مەشغۇلىيىتى ۋە تىلىكى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەر بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ * وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ * أُولَئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَاب تەرجىمىسى: «بەزى كىشىلەر:  ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن دەيدۇ.  ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ياخشىلىقتىن ھېچ نېسىۋە يوقتۇر. بەزى كىشىلەر:  پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ.  ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ». [سۈرە بەقەرە 200-202 -ئايەتلەر].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:  سىزنىڭ بەسىردىن كەلگەن قېرىنداشلىرىڭىز ئۆزلىرى ئۈچۈن سىزدىن دۇئا تىلەيدىكەن دېگەندە: (ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ۋاقىتتا زاۋىيە دېگەن جايدا تۇراتتى) مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى ئاللاھ!  بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھمەت قىلغىن، بىزگە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»، ئۇلار يەنىمۇ زىيادە دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئېدى، يۇقىرىدا دېگەن دۇئانىڭ ئوخشىشىنى قىلىپ بولۇپ:  ئەگەر سورالغان مۇشۇ نەرسىلەر بېرىلسەڭلار، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بېرىلگەن بولدۇڭلار دېدى». [بۇخارى “ئەدابۇل مۇپرەد” 633-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

بۇ دۇئا قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا كەسكىن دەلىل بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بۇ دۇئانى تەلىم بەردى: ” ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن بارلىق ياخشىلىقنى سورايمەن، دۇنيادىكى ۋە ئاخىرەتتىكى، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن ياخشىلىقنى سورايمەن، يامانلىقنىڭ ھەممىسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دۇنيادىكى ۋە ئاخىرەتتىكى، مەن بىلگەن ۋە بىلمىگەن يامانلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن. ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن سىلىنىڭ بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ياخشىلىقتىن سورىغان نەرسىنى سورايمەن، سىلىنىڭ بەندىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى پاناھلىق تىلىگەن يامانلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ!  مەن سىلىدىن جەننەتنى ۋە جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ئەمەللەرنى سورايمەن، دوزاختىن ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ئەمەللەردىن پاناھلىق تىلەيمەن، سىلىدىن مەن ئۈچۈن قىلغان ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى قىلىشلىرىنى سورايمەن». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى3846 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. ]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: “بىركۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتىكەن، ئۆيدە مەن، ئاپام ۋە ھاممام ئۇمۇ ھىرام بار ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كېرىپ بىزگە: «سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ » دېدى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتى بولمىغان بىر ۋاقىت ئېدى، شۇ ۋاقىتتا ئەنەستىن ھەدىس ئاڭلاۋاتقانلاردىن بىرى تۇرۇپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنەسنى ئۆزىنىڭ قايسى تەرىپىدە قىلدى؟ دېدى، ئەنەس:  ئوڭ تەرىپىدە قىلدى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆي ئەھلىگە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ئانام مۇنداق دېدى:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  بۇ سىلىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەنەس!  بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولسىلىرى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىپ دۇئانىڭ ئاخىرىدا: «ئى ئاللاھ!  بۇنىڭ مېلىنى كۆپ قىلغىن، ئەۋلادلىرىنى كۆپ قىلغىن، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغىن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى “ئەدابۇل مۇپرەد”  88 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. ]

ئىككىنچى: بۇنىڭدىن ئىككى ئىش ئەيىبلىنىدۇ:  بىرىنچى ئىش: بەندىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، غايىسى پەقەتلا دۇنيا ۋە دۇنيا ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئاخىرەت بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق ياكى ھەرىكەت بولماسلىق، ئۇنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولىدىغان دۇئاسىمۇ دۇنيالىق ئۈچۈن، تەلەپ قىلىدىغان نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاستىسى بولغان ئىبادەتلىرىنىڭ ھەممىسى دۇنيالىق ئۈچۈن بولغاندۇر.

ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۈممەتكە غەلبە، نۇسرەت ۋە ئۇستۈنلۈك بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن، ئۇلاردىن كىمكى دۇنيا ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھېچ بىر نېسىۋە بولمايدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 21223 – ھەدىس.  شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. ]

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمنىڭ ھەم-قايغۇسى دۇنيا ئۈچۈن بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىشىنى پارچىلىۋېتىدۇ، پىقىرچىلىقنى كۆز ئالدىدا قىلىدۇ، دۇنيادىن پەقەت پۈتۈلگەننىلا بېرىدۇ، كىمنىڭ مەقسىتى ئاخىرەت ئۈچۈن بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىشىنى توپلايدۇ، بايلىقنى كۆز ئالدىدا قىلىدۇ، ئۇ كىشى ياقتۇرمىسىمۇ دۇنيانى بېرىپ تۇرىدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى4105-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا ئاللاھ تائالادىن دۇنيانى ئاخىرىقى غايىسى ۋە ئەڭ چوڭ ھىممىتى، غېمى قىلماسلىقنى تىلىگەن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر سورۇندىن تۇرغاندا ساھابىلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىزگە بىزنى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار بولۇشتىن توسىدىغان قورقۇنچ ئاتا قىلغىن، بىزنى جەننىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان تائەت-ئىبادىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن، بىزگە دۇنيانىڭ بالايى-ئاپەتلىرىنى مەنسىتمەيدىغان ئىشەنچ  ئاتا قىلغىن، مادامىكى بىزنىڭ جېنىمىزنى ئېسەن قىلىدىكەنسەن، بىزنى قۇلاقلىرىمىزدىن، كۆزلىرىمىزدىن، ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىزدىن بەھرىمان قىلغىن، ھاياتىمىز بويۇنچە بىزنى شۇلاردىن ئايرىمىغىن، بىزگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىنتىقامىمىزنى ئالىدىغان قىلغىن، دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن، بېشىمىزغا كېلىدىغان پېشىكەللىكنى دىنى جەھەتتىن كەلتۈرمىگىن، دۇنيانى ئەڭ چوڭ غېمىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ چېكى قىلمىغىن، سەندىن قورۇقمايدىغان، بىزگە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمنى گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىزگە مۇسەللەت قىلمىغىن» . [تىرمىزى رىۋايىتى 3502-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

ئىككىنچى ئەيىبلەنگۈچى ئىش:  بەندىگە دۇنيانىڭ سۆيگۈسى ئىگە بولىۋالىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى دۇنيانى ھالالدىن تەلەپ قىلدىمۇ ياكى ھارامدىن تەلەپ قىلدىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ نەپسىمگە سۈپلەپ:  ھېچ بىر جان ياشايدىغان ئەجىلىنى كامىل قىلمۇغىچە ۋە رىزقىنى تولۇق ئالمىغۇچە ئۆلمەيدۇ، تەلەپنى چېرايلىق قىلىڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ رىزىقىنىڭ كېچىكىپ قىلىشى ئۇنى رىزقىنى ھارامدىن تىلەيدىغان قىلىپ قويمىسۇن، ھەقىقەتەن بەندە ئاللاھنىڭ يېنىدىكى مۇكاپاتلارغا پەقەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئېرىشەلەيدۇ». [ئەبۇ نۇئەيىم “ھىليەتىل ئەۋلىيا” 10 -توم 26 -بەتتە كەلتۈرگەن ۋە باشقىلارمۇ كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.]

مۇشۇ ئىككى مەناغا ئاساسەن، ئاخىرەتنى قويۇپ دۇنيا قايغۇسى بىلەن بولۇپ كېتىش، دۇنيانى ھالال بولامدۇ ياكى ھارام بولامدۇ قايسى يولدىن بولسا تەلەپ قىلىش دېگەندەك مەنالارغا كۆرە بۇنداق تىلەكلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن بۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىشتىن ھەزەر قىلىشقا قارىتىلىدۇ.

ئەبۇ مۇئاۋىيەتە ئەسۋەد مۇنداق دەيدۇ: “ھەرقانداق كىشىنىڭ دۇنيا قايغۇسى چوڭ بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ قايغۇسى ئۇزۇن بولىدۇ”.

مەسلەمە ئىبنى ئابدۇل مەلىك مۇنداق دەيدۇ: “ئاخىرەتتە غەم-قايغۇسى ئەڭ ئاز بولغان كىشىلەر، دۇنيادا غەم-قايغۇسى ئەڭ ئاز بولغان كىشىلەردۇر”.  [بۇ ئىككى سۆزنى ئىبنى ئەبىل دۇنيا  “دۇنيانى سۆكۈش” ناملىق ئەسىرىنىڭ 283 – 284 -بەتلەردە كەلتۈرگەن].

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سوئالدا زىكىر قىلىنغان سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سۆز ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۇنيانىڭ ياخشىلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان، شۇنىڭدەك، دۇئا دېگەن غەم-ئەندىشىنى جەلىپ قىلىدۇ  دېيىش توغرا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاخىرەت ئىشىنى تەرك قىلىپ دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ھەزەر قىلىش ياكى دۇنيانى ئۆز ئورنىنىڭ غەيرىدىن تىلەشتىن چەكلىگەنلىك بايان قىلىنغان.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى