جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشتىن كىتابقا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى كەلتۈرگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: ئاللاھقا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ۋە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دەپ پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشتىن كېيىن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنشىتىن بۇرۇن كىتابلارغا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى كەلتۈرىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىشىنىشتە ئىنسانغا ئەۋۋەلدا زۆرۈر بولىدىغىنى: ئاللاھ تائالاغا ئىشىنشىتۇر، ئۇنداق بولىشى ئالەم ئۈچۈن بىر ئىلاھنىڭ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانمايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاملارنىڭ راستچىللىقى، سەمىمىيىتىنى بىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ ئىشتا ئاللاھ تائالانى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئاساستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىماننى زىكىر قىلىش تەرتىپىدە ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش ئىلگىرى كەلتۈرۈلدى.

   ئاندىن نۇرغۇن دەلىللەردە، ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش بايان قىلىندى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرئەلەيھىسسالاملارغا پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەھىي ئەۋەتتى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَى مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): (ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار. [سۈرە نەھل 2-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ عَلَى قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ  تەرجىمىسى: ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جەبرائىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى [سۈرە شۇئەرا 193-194-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھىسىنىڭ ئىنسانلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن يېتىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدىكەن، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋاستىدۇر، شۇ سەۋەپتىن پەرىشتىلەرنى زىكىر قىلىش ئىككىنچى دەرىجىگە قېلىندى.

   بۇ سىر توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ  تەرجىمىسى: ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە ئال ئىمران 18-ئايەت].

   ئۈچىنچى دەرىجە: ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش، كىتابلار بولسا پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن ئاڭلاپ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ۋەھيىدۇر، كىتابلار زىكىر قىلىنىشتىن ئىلگىرى پەرىشتىلەر زىكىر قىلىندى، كىتاب ئۇنىڭدىن كېيىن زىكىر قىلىندى.

    تۆتىنچى دەرىجە: پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، پەيغەمبەرلەر ۋەھيى نۇرلىرىنى پەرىشتىلەردىن ئىقتىباس قىلىدۇ-ئالىدۇ-شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى زىكىر قىلىش كېچىكتۈرۈلۈپ تۆتىنچى دەرىجىگە كەلتۈرۈلدى. [ئىمام پەخرۇررازى ئۆزىنىڭ تەپسىرىنىڭ 7-توم 108-بەتتە بۇنى زىكىر قىلغان، بەيزاۋىينىڭ شەرھىسى ھاشىيەتى زادە 2-توم 694-بەتكە قارالسۇن].

   تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن پەرىشتىلەرنىڭ زىكرى كىتابلاردىن ۋە پەيغەمبەرلەردىن ئىلگىرى قىلىندى، بۇ ئەمەلى تەرتىپكە ئەگەشكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا پەرىشتىنى كىتاب بىلەن پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى". ["مىشكاتنىڭ شەرھىسى"2-توم 425-بەت].

     ئومۇمەن: ھەقىقەتەن بۇ ئىلىمنى چاقنىتىش، ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بىلىشنىڭ بۆلىمىدىن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتىقاد ياكى ھۆكۈمدىن بىر نەرسە قۇرۇلىدىغان ئاساس ياكى ئۇلنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەستۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى