بىرىنچى: ھەرقانداق مۆمىن-مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ ئايال كىشىنى ئىززەت-ئىكرام قىلغانلىقى، ئادالەت بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى تولۇق بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
ئىسلام ئايالنى: ئانا، قىز، ھەمشىرە ۋە رەپىقە دەپ ئىززەت-ئىكرام قىلدى، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇ توغرىدا كۆپ دەلىللەر بايان قىلىندى.
ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ رەببىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ھەق ئىلاھىدۇر، بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشتىن پاكتۇر-مۇنەززەھتۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كەلگەن: وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇ » [سۈرە پۇسسىلەت 46 -ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە: وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ» [سۈرە كەھەپ 49 -ئايەت].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىگە بەك كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر، بۇنىڭدا ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بەلكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشى ۋە قوپاللىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارغا ئالاھىدە كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا كىشىلەر ئارىسىدا ئاياللىرىغا ئىنتايىن بەك كۆيۈنىدىغان ۋە مېھرىبانلىق قىلىدىغان زات ئىدى. ھەتتا ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرى، ئەخلاق جەھەتتە سىلەردىن ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر ». [تىرمىزى رىۋايىتى 1082 – ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمى"دا كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلاردۇر، مەن ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مەن». [تىرمىزى رىۋايىتى3895-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1977-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمى"دا كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى3331-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايتىى1468-ھەدىس].
مۇشۇ ھەقىقەتلەرگە ئىشەنگەن كىشى سوئالدا بايان قىلىنغان دەلىللەرنى ئۆز يولىدا چۈشەنگەن بولىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزدا ئايالنى كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش يوق، ئۇ ئاتىدىنمۇ بەك ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان ئانا، ئاللاھ تائالا بىر-بىرىگە ئۇنسى-ئۈلپەت، كۆڭۈل ئارامى، مەنپەئەتى قىلغان بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى نېمەتلىرىدىن قىلغان رەپىقە-ئايالى پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى تۇرسا، ئىنسان ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسىنى كەمسىتىشكە ۋە ھاقارەت قىلىشقا ۋە تۆۋەن كۆرۈشكە رازى بولامدۇ؟!.
ئىلگىرى بايان قىلىنغان"ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىشى" توغرىسىدىكى 132959 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا ۋە يەنە 70042 - 40405 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئەقلىنىڭ كەملىكى ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان، بۇ ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ بېسىمىدىن ئايالنى چەكلەپ قويىدىغان ھېسداشلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك كېلىدىغانلىقى، گۇۋاھلىقتا بولسا، ئۇنتۇپ قالغانلىرىنى ئەسلىتىپ، تولۇقلايدىغان بىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئايالنىڭ دىنىنىڭ كاملىقىمۇ ھەم ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ، ھەيز-نىپاس كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇمايدىغان ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئەيىپلەنمەيدىغان ۋە سۆكۈلمەيدىغان ۋە بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۆز ئىمكانىيتىدە بولمىغان، ناماز ۋە روزىدىن چەكلەنمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ناقىسلىقتۇر، ئاياللارغا نىسبەتەن كەملىك ئەمەس، بۇ ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدىغان پەزلى-كەرەمىدۇر.
ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە ئەدەپتىن تەلىم بېرىپ، ھېچ بىر كىشى ئاللاھ ئۆزىدىن باشقىلاردا ئارتۇقچە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماسلىققا يۈزلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَى بَعْضٍ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر». [سۈرە نىسا 32 -ئايەت].
مۇجاھىدتىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەرلەر جىھاد قىلىدۇ، ئاياللار جىھاد قىلمايدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئاياللارغا مىراستا يېرىم بېرىلىدۇ، دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار» دېگەن بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى.
مۇجاھىد يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئەھزاپ سۈرىسىدىكى: ﴿إِنَّ المُسْلِمِينَ وَالمُسْلِمَاتِ.... ﴾ تەرجىمىسى: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا.... ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»دېگەن ئايەتمۇ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھا ھەققىدە نازىل بولغان. [تىرمىزى رىۋايىتى 3022-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
ئاياللارنىڭ ئەقلى قىسقا ۋە دىنى كام دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئىلگىرى 111867 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان، ئەقلىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكى ئومۇم بولماستىن بەلكى ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىش ئۈچۈندۇر.
ئايالغا تۇيغۇسىنىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقى، ئايالنى ئېسىدە تۇتۇشتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنى ئەيىپلىنىدىغان ئىش دەپ قارىمايمىز، بۇ ئايالنى ئەرلەرمۇ قادىر بولالمايدىغان كاتتا بىر ئىشقا تەييارلاشتۇر، ئۇ كاتتا ئىشلاردىن: پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنىڭدىن باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ئەرنىڭ مۇئامىلىلىرىگە سەير قىلىش، ئەزىيەتلىرىگە سۈكۈت قىلىش، يەنە تېزلىكتە يولدىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىپ ياخشى بولۇپ كېتىش قاتارلىقلاردۇر.
ئۈچىنچى: ئايالنىڭ قوۋۇرغىدىن يارىتىلغانلىقى، قوۋۇرغىدىكى قىڭغىرلىقنىڭ ئۈستى -ئۈچى تەرىپىدە بولىدىغانلىقى ئايالنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ تەقدىر قىلىنغان-بېكىتىلگەن ئىشتۇر، ئەگەر ئايال ھەقىقى مۆمىن بولىدىكەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا قارشى چىقمايدۇ، ئاللاھ بولسا ئۆزى ياراتقان ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلارنى ھېكمەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇلاردىن سادىر بولغان ئىشلارغا سەير قىلىشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولسا، ئايالنى ئەيىبلەش، سۆكۈش ۋە ئۇنى كەمسىتىش-كۆزگە ئىلماسلىق ھېسابلانمايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئايال قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىنىڭ قىڭغىر تەرىپى ئۈستىى تەرىپىدۇر-ئۇچىدۇر، ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ سۈندۈرىۋېتىسەن، ئۆز ھالىغا قويۇپ قويساڭ قىڭغىرلىق ھالىتىدە بولىدۇ، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 3331 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1468-ھەدىس].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « ئايال قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، ئۇ سەن تەلەپ قىلغان بويۇنچە راۋرۇس بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنسەڭ، ئۇنىڭ بىلەن قىڭغىرلىق ھالىتىدە مەنپەئەتلىنىسەن، ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ، سۇندۇرىۋېتىسەن، ئۇنى سۇندۇرىۋېتىش دېگەن، تالاق قىلىۋېتىش دېمەكتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 1468 -ھەدىس].
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، ئەگەر سەن قوۋۇرغىنى تۈزلەيمەن دېسەڭ، سۇندۇرىۋېتىسەن، ئۇنىڭ بىلەن شۇ ھالىتىدە چېقىشىپ ياشىغىن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايتىى20093 -ھەدىس. ھاكىم رىۋايىتى 7333 -ھەدىس. مۇسنەد ئەھمەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا1944 -ھەدىس].
ئايال تەبىئىتى ئاجىز، ئۇنىڭغا مايىل بولىدىغان، كۈندەشلىكى كۈچلۈك، تۇيغۇلىرى غالىپ كېلىدىغان تەبىئەت بىلەن يارىتىلغان، بۇنىڭغا كۆز يۈمۈپ، سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىپ بىرگە ياشىغان كىشى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى تۇرمۇشتا ياشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەر بىر ئىشلىرىنى كۆزىتىپ، ھەممە ئىشىدا توغرا قىلىدىغان قىلىمەن دېگەننى مەقسەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان تۇرمۇشى بۇزۇلىدۇ، ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ، بۇ ئۇ ئايالنى تالاق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
بۇنداق ئىشلارنى ئايالنىڭ ئېرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن ۋە تەپەككۇر قىلمىغان كىشىگە نىسبەتەن بۇنداق ئىشلار بەك چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىدۇ.
ئەر كىشى ئايالىغا ئۆمۈر بويى ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر قېتىم ناچار مۇئامىلە قىلىپ سالسا، ئايال: مەن سەندىن پەقەت ياخشىلىق كۆرۈپ باقمىدىم دەيدۇ، تۇرمۇشىغا ۋە ئېرىگە ناشۈكۈرلۈك قىلىش مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇنداق ئىشلار بەزى ئەرلەردە تېپىلسىمۇ، بۇ ئىش ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىڭغىرلىق دەپ ئاتىغان ۋە ئەرلەرنى بۇنىڭغا سەير قىلىشقا بۇيرىغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بۇنىڭ بىلەن سىزگە"مادارات"يەنى كېلىپ ياشاش دېگەن سۆزنىڭ بەزى ئۆلىمالار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان ئەمەس بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى، كېلىشىپ ياشاش دېگەنلىك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارغا كۆز يۇمۇش-پەرۋا قىلماسلىق دېمەكتۇر، ھەرگىزمۇ سىز دېگەندەك ئاياللار ئەقىلسىز ياكى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە بىرەر كەمچىللىك يەتتى دېگەنلىك ئەمەس.
ئەمما ئەخلاقنىڭ قىڭغىرلىقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى دېگەندەك سۆزلەرگە كەلسەك، بۇنىڭدىن ئاياللارنى ھەممىسى شۇنداق ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەخلاقى دۇرۇس ئەمەس دەپ سۈپەتلەش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت پەقەت ئۇلاردىن سادىر بولىدىغان ۋارقىراش-جارقىراش، تۇيغۇنىلىش بىلەن تىز تەسىرلىنىشتىن كېلىدىغان ئەھۋاللاردۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى رەت قىلىنىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ: مەن قۇرئان كەرىم ئوقۇسام ياكى تەپسىر كىتابلىرىنى كۆرسەم مېنىڭ زېھنىمگە بۇنىڭغا ئوخشىغان سوئاللار بەك كۆپ كېلىدۇ" دېگەن سۆزىڭىزنى ئويلىنىپ بېقىڭ، بۇ ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، ئۇلارنىڭ بىر ئىشقا ھۆكۈم بېرىشكە بەك ئالدىرايدىغان ۋە بەك ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر، سىز قۇرئان كەرىمدە: سىزنىڭ سورىغان سوئالىڭىزدىكىگە ئوخشاش كەلگەن ئايەتلەردىن نەچچىنى تاپتىڭىز؟.
قەلبىمىز بۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھنىڭ كالامىغا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە ئىتىراز-قارشىلىق بولغان سوئاللاردىن بەك نەپرەتلىنىدۇ، بىز قەلبىگە ئىمان ئورۇنلىشىپ تۇرۇقلۇقمۇ، كۆڭلىنى مۇشۇنداق خىياللار بىلەن مەشغۇل قىلغان كىشىلەردىن ئەجەپلىنىمىز ۋە ھەيران قالىمىز!.
مۆمىن ئەر-ئاياللار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇش ۋە دائىملىق نېمەتكە ئېرىشىش بىلەن ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىش كۇپايە قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» [سۈرە نەھىل 97-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يَعْمَلْ مِنْ الصَّالِحَاتِ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُوْلَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلا يُظْلَمُونَ نَقِيرًا تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)» [سۈرە نىسا 124-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى.» [سۈرە ئالى ئىمران 195-ئايەت].
رەببىڭىزنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە يۈزلىنىڭ، كۆڭلىڭىزدىكى ۋەسۋەسە ۋە شەك-شۈبھىلەرنى تاشلاڭ، دۇنيا ئەمەلنىڭ ئورنىدۇر، ئىنسانغا قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرى تولۇق بېرىلىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ دىلىڭىزنى ئېچىۋېتىشتى، ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلىپ بېرىشنى ۋە سىزنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىشىنى سورايمىز.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.