شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

تالاقنىڭ تۈرلىرى

سۇئال

 تالاقنىڭ تۈرلىرى قايسى؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     تالاق بىر قانچە تەرەپلەر بىلەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

   بىرىنچى:  تالاقنىڭ ھۆكۈم تەرەپتىن بولغان تۈرلىرى.

    پىقھىشۇناس ئالىملار ھۆكۈم تەرەپتىن تالاقنى مۇنداق تەقسىم قىلىدۇ:

   1-شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان دۇرۇس تالاق،"سۈننەت تالاق" دېيىلىدۇ. بۇ، ئايالنى ھامىلدار ھالىتىدە ياكى ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن بىرگە بولماي تۇرۇپ پاك ھالىتىدە تالاق قىلىشتۇر.

   2-شەرىئەتكە زىت بولغان چەكلەنگەن تالاق، بۇ "بىدئەت تالاق" دېيىلىدۇ.

بىدئەت تالاق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   ئا-ۋاقىت تەرەپتىن بولغان بىدئەت تالاق، ئايالنى ئادەت ئىچىدە ياكى بىرگە بولغاندىن كېيىن ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولمىغان ھالەتتە تالاق قىلىش بولۇپ، بۇ ھالەتتە، ئايال ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتىدۇ، نىكاھ قىلىپ بىرگە بولمىغان ئايالنى ئادەت ئىچىدە تالاق قىلسا بۇ ئايالغا ئىددەت كەتمەيدۇ. بۇ سۈننەت تالاق بولىدۇ. كىچىكلىك ياكى بەك ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئادەت كۆرمەيدىغان ئايالنى قايسى ۋاقىتتا تالاق قىلسا گۇناھ بولمايدۇ.

   ب- سان تەرەپتىن بولغان بىدئەت تالاق، بۇ، ئايالىنى بىردىن كۆپ تالاق قىلىش بولۇپ:  سەن ئىككى تالاق، سەن ئۈچ تالاق دېگەنگە ئوخشاش، چۈنكى سۈننەت بويۇنچە تالاق قىلىش بولسا بىر تالاق قىلىشتۇر.

بىدئەت تالاقنىڭ چۈشىدىغانلىقى ياكى چۈشمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولدى. بىزنىڭ تاللىغان قارىشىمىزدا بىدئەت تالاق چۈشمەيدۇ. ئۈچ تالاق دېگەن بولسا بىر تالاق بولىدۇ. 

    ئىككىنچى:  لەۋزى تەرەپتىن بولغان بىدئەت تالاق.

   پىقھىشۇناس ئالىملار لەۋزى تەرەپتىن تالاقنى ئېنىق ۋە كىنايە دەپ تەقسىم قىلىدۇ.

   ئېنىق بولغىنى: ئۇ سۆز تالاقتىن باشقا سۆزنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەر كىشى ئايالىغا:  سەن تالاق، سەن تالاق قىلىندىڭ، سېنى تالاق قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا ئەر كىشى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن بۇ سۆزلەر بىلەن تالاق چۈشىدۇ.

    ئېنىق بولمىغىنى ياكى كىنايە تالاق:  تالاق ياكى تالاقنىڭ غەيرىگە ئېھتىماللىقى بولغان سۆزلەر بولۇپ، ئەر كىشى ئايالىغا:  سەن خالى، بوش، ئادا-جۇدا، ئېشىڭ قولۇڭدا، تاسماڭ بوينۇڭدا، ئائىلەڭگە كەتكىن، مېنىڭ ساڭا ھاجىتىم يوق دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇ تۈردە ئەر كىشىنىڭ نىيىتى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئەر كىشى بۇ سۆزلەر بىلەن تالاقنى نىيەت قىلسا تالاق بولىدۇ، نىيەت قىلمىسا تالاق بولمايدۇ.  

    ئۈچىنچى:  تالاقنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئېلىش تەرەپتىن بولغان تۈرلىرى.

   تالاقنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئېلىش تەرەپتىن تالاق ئىككى قىسىم بولىدۇ:

   1-قايتىۋالغىلى بولىدىغان تالاق، (رەجئىي تالاق) بۇ، ئەر ئايالىنى بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىم بەدەلسىز تالاق قىلغان بولسا، ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئەر كىشى يارىشىۋالسا دۇرۇس بولىدىغان تالاقتۇر.

  2-بائىن تالاق، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدىغان تالاق بولۇپ بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئا- ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدىغان چوڭ تالاق، بۇ، ئەر كىشى ئايالىنى ئۈچ قېتىم تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن شەرىئەتكە ئۇيغۇن توغرا شەكىلدە توي قىلىپ كېيىن كېلىشەلمەي قالسا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دەسلەپكى ئېرى بىلەن قايتىدىن تۇرمۇش قۇرغىلى بولىدىغان تالاق.

   ب- ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدىغان كېچىك تالاق، بۇ، ئەر ئايالىنى بىرىنچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلىدۇ، ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىدۇ، ياكى ئەر ئايالنى مەلۇم ھەق بەدىلىگە تالاق قىلىدۇ، بۇ"خۇلئى" دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئەر ئايالىنى نىكاھ قىلىپ بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىدۇ. بۇ ھالەتتە ئەرنىڭ ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئايال مۇۋاپىق كەلسە يېڭىدىن تويلۇق ئېلىپ ۋە نىكاھ قېلىپ يېنىشسا بولىدۇ. 

    تۆتىنچى: تالاقنىڭ ئىجرا بولۇش ياكى ئېسىلىپ تۇرۇپ قىلىشىنى ئېتىبارغا ئېلىش تەرەپتىن بولغان تۈرلىرى.

   بۇ ئىككى قىسىم بولىدۇ:

   1-ئىجرا بولىدىغان تالاق، بۇ، ئەرنىڭ ئايالىغا:  سەن تالاق دېيىشى ياكى تالاقنى مەقسەت قىلىش بىلەن تالاقنى مەلۇم بىر شەرتكە ئالاقىدار قىلىپ قويماستىن تالاققا ئېھتىماللىقى بولغان كىنايە سۆزلەردىن بىر سۆزنى قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

   2-شەرتكە ئالاقىدار بولغان تالاق، ئۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

   ئا-پەقەت شەرتكە ئاساسەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق ھالەتتە تالاق بولىدۇ. مەسىلەن: ئەر ئايالىغا: كۈن ئولتۇرغاندا سەن تالاق دېگەن بولسا، كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئايالى تالاق بولىدۇ، چۈنكى ئەر تالاقنى پەقەت شەرتكىلا ئالاقىدار قىلدى.

   ب-پەقەت قەسەمگە ئاساسەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ، بۇنىڭغا كاپارەت كېتىدۇ. مەسىلەن:  ئەر ئايالىغا:  مەن سىيتاخۇنغا سۆز قىلسام ئايالىم تالاق بولۇپ كەتسۇن دېسە، ئۇ كىشى بۇ سۆز بىلەن سىيتاخۇنغا سۆز قىلىشتىن چەكلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ساپ قەسەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ سىيتاخۇنغا سۆز قىلىشى بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشىنىڭ ھېچ بىر ئالاقىسى يوق.

  د-ساپ شەرتكە ۋە ساپ قەسەمگە ئېھتىماللىقى بولغان سۆز. بۇ شۇ سۆزنى ئالاقىدار قىلغۇچىنىڭ نىيىتىگە ئاساسەن بولىدۇ. مەسىلەن:  ئەر ئايالىغا: ئەگەر سەن ئۆيدىن چىقساڭ تالاق دېگەن بولسا، بۇ سۆزنىڭ شەرتنى ئىرادە قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئۇنىڭ مەنىسى: ئايالى ئۆيدىن چىقسا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىش مەنىسى بولسا بۇنىڭ بىلەن تالاق چۈشىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئەر تالاقنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئەر بۇ سۆز بىلەن تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بەلكى ئەر ئايالى ئۆيدىن چېقىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار بولۇپ ئۇنى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، لېكىن بۇ سۆز بىلەن ئايالنىڭ ئۆيدىن چېقىشنى چەكلەشنى مەقسەت قىلماستىن، ئايالنى قورقۇتۇش ئۈچۈن تالاقنى ئۆيدىن چېقىشقا ئالاقىدار قېلىپ قويىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئايال ئۆيدىن چىقسا تالاق بولمايدۇ، چۈنكى ئەر بۇ سۆز بىلەن قەسەمنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.  "شەرھىل مۇمتىئ" 13 -توم 126 -بەتكە قارالسۇن

    شۇنداقلا، دوكتۇر ئېۋەز شەھرىينىڭ ماگىستىرلىق ئۈچۈن يازغان : "تالاق"ناملىق رىسالىسىگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى