بىرىنچى: "قائىدە" ئەسلىدە يۈز بەرگەن نەرسە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا قېتىلىدۇ.
بۇنىڭ مەنىسى: بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقىتىدا ئىختىلاپ يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش ئېنىق بولمىسا، بۇ ئىش يۈز بەرگەن ھالەتنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا نىسبەت بېرىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشەنچىلىك، يىراق ۋاقىتتا شەك قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى يىراق ۋاقىتقا نىسبەت بېرىش ئىسپاتلانغاندا، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ." [دوكتۇر مۇھەممەد سىدقى بەرنۇنىڭ" پىقھى قائىدىلەر ئېنىسكلوپېدىيىسى"12-توم 316-بەت].
بەزى ۋاقىتتا بۇ قائىدە "ھەر قانداق ۋەقەلىكتىكى ئەسلى قائىدە: ۋەقەنى ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا بېكىتىش" ياكى "ھەقىقەتەن ۋەقەلىك يۈز بەرگەن ئەڭ يېقىن ۋاقىتقا قارىتىلىدۇ" دېگەن سۆز بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
ئىمام سۇيۇتىي ئۆزىنىڭ"ئەشباھ ۋەننەزائىر" ناملىق ئەسىرى 59-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قائىدە":ئەسلىدە يۈز بەرگەن نەرسە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا قېتىلىدۇ.
بۇ قائىدىنىڭ شاخچىلىرىدىن: بىر كىشى كىيىمدە مەنىينى كۆردى، ئېھتىلام بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى، توغرا قاراشتا ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ،
ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئۇم"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشى ئاخىرىقى ئۇيقۇسىدىن ئويغاندىن كېيىن ئادا قىلغان نامازلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ".
يەنە بۇنىڭ مىساللىرىدىن: بىر كىشى يۇيۇندى ياكى تاھارەت ئالدى، ئاندىن بەدىنىدە خېمىر ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بەدەنگە سۈ تېگىشنى چەكلەپ قويىدىغان نەرسىنى كۆردى لېكىن ئۇنىڭ قاچان چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمىدى، ئەسلى قائىدە: ئۇ نەرسە تاھارەتتىن كېيىن چاپلاشقان، ئۈ كىشىگە تاھارەتنى ياكى يۇيۇنۇشنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى يۈز بەرگەن ئىش ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا قېتىلىدۇ". ["غەمزە ئۇيۇنىل بەسائىر پىي شەرھى ئەشباھ ۋەننەزائىر" 1-توم 217-بەت. " دۈرەرۇل ئەھكام، پىي شەرھى مەجەللەتىل ئەھكام" 1-توم 28-بەت].
لېكىن ۋەقەنىڭ يېراق ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىدۇ.
بۇنىڭ مىساللىرىدىن: مالنى سېتىۋالغۇچى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا ئەيىب ئاشكارا بولسا، ساتقۇچى بۇ ئەيىبنىڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلسا، سېتىۋالغۇچى بولسا بۇ ئەيىبنىڭ ساتقۇچىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلسا، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسپاتى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سۆز بۇ ئىشنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلىش بىلەن بىرگە قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچىدۇر، ئەيىب سېتىۋالغۇچىنىڭ يېنىدا يۈزبەردى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، لېكىن ئۇ نەرسىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدىلا بار ئەيىب بولۇپ، يېڭىدىن ئۇنداق ئەيىب يۈز بەرمەيدىغان بولسا، ئەيىب سېتىۋالغۇچىنىڭ يېنىدا يۈز بەردى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ["قائىدىلەر ئېنىسكلوپېدىيىسى" 1-توم 113-بەت].
ئىككىنچى: توقۇلمىلارنىڭ چۈشىشى ئاياللار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ، بۇ مەزىينىڭ كېلىشىدىن بەك كۆپ بولىدۇ.
ئەۋرەتنىڭ توقۇلمىلىرى پاكىزە بولسىمۇ تاھارەتنى بۇزىدۇ، ئەمما مەزىي نىجىستۇر.
توقۇلمىلارنىڭ، مەزىينىڭ ۋە مەنىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 257369- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى، بىزنىڭ بايانىمىزدا، مۇشۇ ئىشلارنى ئايرىيالمىغان كىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن بىرىنى تاللاش بار، ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىڭ ھۆكمىنى بۇ ئىش ئۈچۈن قىلىدۇ، بۇ شاپىئىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدۇر، بۇ مۇشۇنداق ۋەسۋەسىدىن ئازاپلانغان كىشىگە بەك مۇۋاپىقتۇر
"مۇغنى مۇھتاج" 1-توم 215-بەتتە مۇنداق دېگەن:" چىققان نەرسىنىڭ مەنىي ياكى مەزىي ۋە ۋەدىيگە ئوخشاش نەرسىلەر بولۇپ قىلىشنىڭ ئېھتىمالى بار، قائىدىگە ئاساسەن ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللايدۇ، ئەگەر ئۇنى مەنىي دەپ قارىسا، يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر مەنىيدىن باشقا نەرسە دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا تاھارەت ئالىدۇ، ئۇ نەرسە يۇقۇپ قالغان جايلارنى يۇيىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ تەقەززاسىنى ئىلىپ كەلدى، ئىشەنچ بىلەن ئۇنىڭدىن پاك بولدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ يەنە بىرىدىنمۇ پاك بولۇشىدۇر، ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ئىش يوق".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.