جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاي ئاخىرىدا ھېسابى ئۆتىلىدىغان خىزمەت تىلىپۇنىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىدارە مەركىزى بەزى ئىشچىلارغا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا قوللىنىش ئۈچۈن تىلىپۇن كارتى بېرىدۇ، بۇ كارتنى ئىشلەتكۈچىگە ئىدارىدىن ئايدا ئون دىنار تىلىپۇن ھەققى، ئون دىنار قوشۇمچە سۆزلىشىش ھەققى ۋە بىر جىگا ئىنتېرنېت بېرىدۇ. تىلىپۈن ئالاقىسى ئىدارە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا بىكارلىق بولىدۇ، ئۇلار بۇ كارتنى پەقەت ئىدارە سىرتىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇمچە ھەق ئېلىنمايدۇ، ئېنتىرنىتمۇ پەقەت ئىدارە خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنتېرنېت ۋە قوشۇمچە سۆزلىشىش بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن پۇل قاچىلىنىدۇ، تىلىپۈن كارتى ۋە ئىنتېرنىتتىن پايدىلانسا بۇنىڭ ئىدارىغا زىيىنى بولمايدۇ، بۇنىڭغا قوشۇمچە ھەقمۇ تۆلىمەيدۇ. (بۇنىڭغا ھەر ئايدا تۆلەيدىغان مۇقىم ھەق بار). بۇ تىلىپۈن كارتى ۋە ئىنتېرنىتنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   سوئالنىڭ قىسقىچە جاۋابى:

   خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئېشىپ قالغان سۆزلىشىش ياكى بىكارلىق سۆزلىشىش ئاي ئاخىرىدا بىكار بولۇپ كېتىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ پايدىلانغىلى بولمىسا، بۇنى ئاشۇرۇپ قويۇپ ئاي ئاخىرىدا بىكار قىلىۋەتكەندىن كۆرە، خىزمەتچى ئۆزى پايدىلانسا ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مالنى زايە قىلىۋېتىشتى چەكلىگەن، ئىدارە پايدىلانمايدىغان، خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھاجەت بولمىغان ئارتۇق سۆزلىشىش ھەققى ئاي ئاخىرىدا بىكار بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدارە ھەيئەتلىرى ياكى شۇنىڭغا مەسئۇل رەھبەردىن سوراپ ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىدىغان سۆزلەشمىنى شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى.

    ئەسلىدە خىزمەت تىلىپۇنى پەقەت خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىنىدۇ، تىلىپۇن ۋە سۆزلىشىش كارتى بولسا خىزمەتچىگە بېرىلگەن ئامانەت بولۇپ، ئۇنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ  تەرجىمىسى:«ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىنىڭلار، مېلىڭلار، يۈز-ئابرۇيۇڭلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنىڭلار، مۇشۇ ئېيىڭلار ۋە مۇشۇ شەھرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق چەكلەنگەندەك چەكلىنىدۇ، بۇ يەردە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 67-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 1679-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ مېلى پەقەت ئۇنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ھالال بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 20172-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەردە 1459-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   ئەگەر خىزمەتچىگە سۆزلىشىش كارتى سوغات قىلىنغان بولسا ۋە ئۇنىڭغا بۇ كارتنى مەلۇم ئىشقا ئىشلىتىش شەرت قىلىنغان بولسا، كارتنى شۇ ئىشقا ئىشلىتىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە خىزمەت ئۈچۈن بېرىلگەن كارتنى پەقەت خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى بىز بىلىدىغان قائىدە: ئىنسانلاردىن ئىقتىسادنى مەلۇم بىر ئىشقا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئالغان بولسا، ئۇ ئىقتىسادنى ئۇلارنىڭ رۇختىسىز باشقا ئىشقا سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشىش"4/9].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىدارە-جەمئىيەتتە  ئىشخانىلاردا ئىشلىتىدىغان قەغەز، قەلەم ۋە لېپاپ قاتارلىق ئاددى نەرسىلەرنى خىزمەتچى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ ئىشخانىلاردا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن قويغان نەرسىلەرنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ ساقلاشنى ۋاجىپ قىلغان ئامانەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، سىزغۇچقا ئوخشاش ئاددى نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ئىشلەتسە بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، ئەمما قەلەم، قەغەز ۋە سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى قاتارلىق ئايرىم ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"4-توم 306-بەت].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 99394- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولغان ۋە بىكارغا بېرىلگەن سۆزلىشىش ھەققىنى شەخسى ئىشىغا ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى.

خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولغان سۆزلىشىش ۋاقتى ياكى بىكارغا بېرىلگەن سۆزلىشىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا بىكار بولۇپ كېتىدىغان ۋە خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولسا، ئۇنى پايدىلانماي بىكار قىلىۋەتكەندىن كۆرە خىزمەتكە كېرەكلىك بىر نەرسىگە ئالماشتۇرۇش ياكى خىزمەتچى شەخسى ئىشىغا ئېشلىتىۋېتىشى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مالنى زايە قىلىۋېتىشتىن چەكلىگەن.

چۈنكى خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولغان سۆزلىشىش ھەققىدىن پايدىلانمىغاندا ئۇ بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 15-توم 391-بەتتە بايان قىلىنغان سوئالدا: "مەن خىزمەت جەريانىدا ئىشخانىدىكى رەسىم قەغىزى، ئىشلىتىلگەن لىنتا، قەلەم، كوپى قىلىش ماشىنىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى خۇسۇسى ئىشلىرىمغا ئىشلىتىمەن ياكى دوستلىرىمغا ھەدىيە قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا مۇدىردىن سوراپ ئىشلىتىمەن، بەزى ۋاقىتتا مۇدىر ئۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ياكى ئىلىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ، مەن مۇدىرنىڭ خەۋىرى يوق ئىلىپ ئىشلىتىمەن، مېنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى مۇدىرنىڭ رۇخسىتى بىلەن بەزى رۇخسىتىسىز ئىلىشىم چەكلىنەمدۇ؟ ئۇ نەرسىلەر مۇدىرنىڭ ياكى ئىدارىدىكى ھېچ بىر كىشىنىڭ شەخسى مۈلكى ئەمەس، بەزى نەرسىلەرنى كېيىن ئەخلەتكە تاشلىۋېتىدۇ، ئەخلەتكە تاشلاشتىن بۇرۇن ئۇ نەرسىلەرنى مەن ئېلىۋالسام بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   جاۋاپ:

   ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ نەرسىلىرىنى شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مېلىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ».

    ئەگەر ئەخلەتكە تاشلىۋېتىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇنى ئەخلەتكە تاشلىۋەتكەندىن ئىلىپ ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ.

   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى.

[پەتىۋا بەرگۈچىلەر "بەكىر ئەبۇ زەيد، ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ، سالىھ پەۋزان، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇراززاق ئەپىپى، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز"].

    ھەرقانداق ھالەتتە، ئۆزىنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن مۇمكىن بولسا، خىزمەت ئورۇندىن ياكى مەسئۇل رەھبەرلەردىن رۇخسەت ئىلىپ ئىشلىتىش ياخشىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى