سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەمشىرىسى ئەزىيەت قىلسا، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

سۇئال

مېنىڭ مەندىن بەش ياش چوڭ بىر ھەمشىرەم بار، ماڭا بولغان ھەر قانداق ياخشىلىقنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇ ياتلىق بولغان تۇرۇغلۇق، بىرەرسىنىڭ ماڭا توي تەكلىپى قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى بار، كۆپ ئاچچىقلىنىدۇ، ماڭا ئاغزاكى كۆپ ئەزىيەت بېرىدۇ، مەن بىرەر خىزمەت تاپسام ياكى بىزنى قانداق بىر سەۋەپتىن سائادەت، خۇرسەنلىك ھالەتتە كۆرسە، بىزگە ئاغزاكى ئەزىيەت بېرىدۇ، بەد دۇئا قىلىدۇ ۋە يىغلايدۇ، ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبىدىن بىئارام بولۇپ قالسىمۇ بىزگە بەد دۇئا قىلىپ ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ ماڭا شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشايمەن، مەسىلە، ئۇ ئەقىللىق، زىرەك، سىرتتا ھەممە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشىلەرگە كۆپ ئارىلىشىدۇ، ماڭا پەقەت ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت بىزگە-ھەمشىرىلىرىگە ئەزىيەت بېرىدۇ، تەقرىز: بۇ سۆزنى دەيدۇ، يۈزمۇ-يۈز تۇرغاندا بىزگە: سىلەر مەرھەمەتكە لايىق ئەمەس، مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، ئۇنى كۆرگەن كىشى بۇنداق ئىشلارنى قىلدى دېسە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ، ئۇ ئائىلىنىڭ سىرتىدا بەك ئەدەپلىك، مەدەنىيەتلىك، ئالاھىدە خىزمىتى بار، مەن ئۇنىڭغا بەك ياخشىلىق قىلىشقا ئۇرىنىمەن، لېكىن ئۇ مەن بۇنىڭغا ھەقلىق  دەپ قارايدۇ، مەن ھېچ نەرسىگە يارىمايمەن، سۇئالىم: مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇشتىن ئۆزۈمنى قانداق تۇتىۋالىمەن، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇيدۇرماي ئازار بېرىدۇ، بىز بىلەن بىرگە تۇرمايدىغان تۇغقانلار ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىگە قانداق سەبىر قىلىمەن؟، چوڭ ھەمشىرىسىنىڭ كېچىك ھەمشىرىسى ئۈستىدىكى ھەققى قايسى؟ چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا قىلغان ئىشىدا ئۆزىنىڭ مەندىن چوڭ بولغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ؟ .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەگەر سوئالدا بايان قىلىغان ئىش يۈز بەرگەن بولسا، ھەقىقەتەن بۇ بەك ھەددىدىن ئاشقانلىق، ئۆزىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە ئازاب يېتىشتىن قورقسۇن.

   قەدىرلىك ھەمشىرەم! ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، سىز ھەمشىرىڭىزدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەزىيەتلەردىن ساقلىنىشقا تېرىشىڭ، سەبىر قىلىڭ، ئىمكانىيتىڭىز بولسىمۇ يامانلىققا ئوخشاش يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرماڭ.

   ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر مويسىپىت كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇ كىشىگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىشتە بىر ئاز كېچىكىپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىزدىن كېچەكلەرگە مېھرى-شەپقەت قىلمىغان، ياشانغانلارنى ئىززەت-ئىكرام قىلمىغانلار بىزدىن ئەمەس» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 1919-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرگە سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 5-توم 230-بەتتە كەلتۈرگەن].

   ئاراڭلاردىكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلىپ، ھەمشىرىڭىزگە ياخشىلىق قىلىڭ، مانا بۇ شەرىئەتتە تەلەپ قېلىنغان ھەقىقى رەۋىشتە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى مۇكەممەل ئۇلاش دېگەنلىك، تۇغقانلاردىن سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىزدىن ئىبارەتتۇر.

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇغقانلىرى ياخشىلىق قىلسا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ھېسابلانمايدۇ لېكىن تۇغقانلىرى ناچارلىق قىلسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش تۇغقانلىقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 5991-ھەدىس].

   ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزىگە ناچارلىق قىلغان كىشىگە ۋە ئۆزىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن تۇغقانلىرىغىمۇ ئاللاھ رازىلىقى، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تۇغقانلىقنى ئۇلاش بولسا مۇكاپاتلىنىدىغان ئىشتۇر، ئەمما ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان تۇغقانغا ياخشىلىق قىلىش بولسا، قەرزنى ئادا قىلغانغا ئوخشاشتۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى سەدىقە، ئۆزىگە دۈشمەنلىك قىلغان تۇغقانلىرىغا قىلغان سەدىقىدۇر»، چۈنكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تۇغقانغا ياخشىلىق قىلىش بولسا كۆڭۈل خاھىشىغا سېڭىپ قالغان ئىشتۇر، ئەمما ئۆزىنى ياقتۇرمايدىغان ۋە ئۆچ كۆرىدىغان تۇغقانغا ياخشىلىق قىلىشتا كۆڭۈل خاھىش ئارىلاشمايدۇ. ["كەشپۇل مۇشكىل" 4-توم 120-121-بەت].

   سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەمشىرىڭىزغا ياخشىلىق قىلىشىڭىز ئۇنىڭغا بېرىلگەن ياخشى جازادۇر، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا كۆرە ئاللاھنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمىدۇر.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ مەن تۇغقانچىلىقنى ئۇلىسام، ئۇلار ئۈزىدۇ، ياخشىلىق قىلسام، ماڭا يامانلىق قىلىدۇ، كەڭ قورساق بولسام، ماڭا نادانلىق قىلىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئەگەر سېنىڭ دېگىنىڭ راست بولسا، سەن ئۇلارغا قىزىق قۇم چاچقان بولدۇڭ، سەن مۇشۇ ياخشىلىقىڭنى داۋاملاشتۇرساڭ، ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارغا قارشى ساڭا بىر ياردەم بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2558-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىزىق قۇم چاچتىڭ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئۇلار ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەندەك، سەنمۇ ئۇلارغا قىزىق قۇمنى يېمەك قىلىپ بەردىڭ دېگەنلىكتۇر. ياخشىلىق قىلغۇچىغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىك ۋە تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەنلىكنىڭ گۇناھى يۈكلىنىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 16-توم 115-بەت].

    قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن مۇشۇ ياخشىلىقىڭنى داۋاملاشتۇرساڭ، ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارغا قارشى ساڭا بىر ياردەم بولىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا سېنى ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە سەبىر قىلىش، ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلەن كۇچلاندۇرىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ياخشى ئىشلىرىڭنى داۋاملاشتۇرغان مۇددەتتە سېنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا قىلىدۇ. ["ئەلمەپھۇم"6-توم 529-بەت].

    سىز دائىم دۇئا قىلىڭ، ياخشىلىق قىلىڭ، ھەمشىرىڭىزدىن يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىڭ، مۇشۇ سەۋىرچانلىق سىزنىڭ ئورنىڭىزنى يۇقىرى قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاراڭلاردىكى ئاداۋەت يوق بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ ، وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ  تەرجىمىسى: « ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ.» [سۈرە پۇسسىلەت 34-35-ئايەتلەر].

    ئىككىنچى: سىزگە ياخشىلىقتىن بولغان بۇ يۇقىرى مەرتىۋېنى كۆتۈرۈش، ھەمشىرىڭىزنىڭ ناچارلىقىغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش، ئۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارىڭىزنى رازى قىلىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئەزىيەتتىن ساقلىنىشنى ئويلىنىپ بېقىڭ، ھەمشىرىڭىزدىن يېتىۋاتقان زىيان ۋە ئەزىيەتلەر داۋاملاشسا ئاللاھ خالىسا بۇنىڭ سىزگە زىيىنى يوق، سىز ئۇنىڭدىن سىزگە يەتكەن ئەزىيەتنى، تەكىتلەنگەن زىياننى مۇداپىئە قىلىش مىقدارىدا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزسىڭىز بولىدۇ.

   ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلاپ قويسا توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلسا دىنى، ئېتىقادى بۇزۇلىدىغان ياكى دىنى-دۇنيالىق تەرەپتىن بىر زىيان يېتىدىغان ئىش بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇپ ئالاقىنى ئۈزسە بولىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلگەن. ئارىلىشىپ ئەزىيەت چەككەندىن ئايرىلىپ كەتكەن ياخشىدۇر".

    بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ: دوستلۇق ئايرىلىشنى ئىستىسە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتىش ياخشىدۇر. ["ئەتتەمھىيد" 6-توم 127-بەت].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 143596- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى